تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگونىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىق، خىرىسلاردىن غالىب كېلىشكە يېتەرلىك ئىشەنچى، جاسارىتى بار

«خەلق گېزىتى» گو جىپىڭنىڭ ماقالىسىنى ئېلان قىلدى

جۇڭگونىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىق، خىرىسلاردىن غالىب كېلىشكە يېتەرلىك ئىشەنچى، جاسارىتى بار

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان 8- ئاينىڭ 13- كۈنى نەشردىن چىققان «خەلق گېزىتى»دە، گو جىپىڭنىڭ «جۇڭگونىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىق، خىرىسلاردىن غالىب كېلىشكە يېتەرلىك ئىشەنچى، جاسارىتى بار» تېمىلىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ نەتىجە قەغىزىنى ۋاراقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو ئىقتىسادىدا نامايان بولۇۋاتقان مۇستەھكەم تىرەك، غايەت زور ئېلاستىكلىق كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ. گەرچە ئىچكى جەھەتتە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى، تاشقى جەھەتتە ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشى قاتارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولماقتا.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۇنيا بازىرى ئورتاق چوڭ تورت ياساشقا موھتاج، باراۋەر ھەمكارلىق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشلا بىردىنبىر توغرا يول. قالايمىقان قالپاق كىيگۈزۈش، تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش، جۇڭگو كارخانىلىرىغا بېسىم چۈشۈرۈش، جۇڭگونى چېكىنىشكە مەجبۇرلاش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىق قىلمىشلار چوقۇم ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو خەلقى ھەرقانداق كۈچنىڭ جۇڭگونى تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلالمايدىغانلىقىغا، جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش تىرىشچانلىقىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. جۇڭگونىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلاردىن غالىب كېلىشكە يېتەرلىك ئىشەنچى ۋە جاسارىتى بار، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، گۈزەل كېلەچەكنى يارىتىش يولى چوقۇم ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى