تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

دەۋر ئىناقلىقىنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتايلى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسى ئورگان پارتكومىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى ساۋ يەنمېي

سەككىز - توققۇز ياش ۋاقتىمدا، ئائىلىمىزدىكىلەر كونا كېسەك ئۆيدىن دادامنىڭ ئىدارىسىدىكى يېڭى سېلىنغان ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا كۆچۈپ كىردۇق، ئۆيىمىزنىڭ سول تەرىپىدە ئۇيغۇر ياسىن تاغاملار، ئوڭ تەرىپىدە قازاق ھامماملار ئولتۇراتتى.

كۆچۈپ كېلىپلا ئاتا - ئانام ئازادە ۋە يورۇق ھويلىغا ئىككى تام سالدى ھەم ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا كاتەك سالدى، ئارقىدىن يەر ئاغدۇرۇپ، ئوغۇتلاپ گۈل، كۆكتات تېرىدى. ئانامنىڭ دېيىشىچە بۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلغانلىق بولۇپ، ھەممە ئائىلىلەر قوتانلىرىدا چارۋا باقسا، ئۆزئارا دەخلى قىلمايدىكەن...

تام ئېگىز ئەمەس بولۇپ، پەلەمپەيدە تۇرغاندا ھەربىر ئائىلىنىڭ ھويلىسى تولۇق كۆرۈنەتتى. قازاق ھاممامنىڭ ھويلىسىدا بىر تونۇر بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى ھاممام كەڭ ھەم چوڭ كاناپ پەرتۇقىنى تاقاپ، قولىغا قېلىن گەزنىنى كىيىپ تونۇر بېشىدا تۇرۇپ نان ياقاتتى، يېڭىلا پىشقان ناننىڭ مەززىلىك ھىدى كىچىك ھويلىنى بىر ئالاتتى. ھەر قېتىم مۇشۇ چاغدا، مەن بۇ مەززىلىك ھىدنىڭ قىزىقتۇرۇشىغا چىداپ تۇرالماي، ئانامغا ماڭىمۇ نان يېقىپ بېرىڭ دەپ يالۋۇراتتىم. ئانام تۇخۇم قوشۇپ يۇغۇرغان خېمىرنى تامدىن سۇنۇپ ھاممامنىڭ ياردەم قىلىپ يېقىپ بېرىشىگە بېرەتتى. ھاممام ناننى ئېلىپ كەلگەندە، ھەمىشە يېڭى كالا سۈتى بىلەن قوشۇپ ئانامغا بېرەتتى. يېڭى سۈت بىلەن ئېتىلگەن ئەتكەنچايغا يېڭىلا تونۇردىن چىققان ناننى چىلاپ يېگەن ئاشۇ تەم ئاجايىپ مەززىلىك ئىدى. ماددىي ئەشيالار كەمچىل ئاشۇ يىللاردا، ئائىلىمىزدە بىر ۋاق مىفەن يېيىشمۇ ناھايىتى ھەشەمەتلىك ئىش بىلىنەتتى، مەن بىرەر قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە توي - تۆكۈن بولۇشىنى ناھايىتى ئارزۇ قىلاتتىم، چۈنكى مەن ئائىلىدە بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغاچقا، توي قىلماقچى بولغان قوشنىمىزنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئانام ھەمىشە مېنى بىللە ئېلىپ باراتتى، قوشنا ھاممام ھەر قېتىم ماڭا لىق بىر چىنە پولۇ ئۇسۇپ بېرەتتى، ئاشۇ تەم مېنىڭ پۈتكۈل بالىلىق دەۋرىمگە سىڭىپ كەتكەن، شۇڭا ھازىرغىچە يەنىلا پولۇ يېيىشنى ياخشى كۆرىمەن.

قوشنا ھامماملار ئادەتتە بىزنىڭ ئۆيگە كىرىشكە ئامراق ئىدى. قىش كۈنلىرى كەچتە، ئۇلار دائىم ئانام بىلەن بىللە مەشنى چۆرىدەپ ئولتۇراتتى، مەش ئۈستىدە پىشۇرۇلۇۋاتقان قاتلىمىدىن پىژىلدىغان ئاۋاز چىقاتتى، ئانام بىر ياندا ئاياغنىڭ چەمىنى شىراتتى، ھاممامنىڭمۇ يۆگەپ بولالمايدىغان يۇڭ يىپلىرى، كەشتىلەپ بولالمايدىغان گۈللىرى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ تۈگىمەيدىغان پاراڭلىرى بار ئىدى.

ياز كەلگەندە، كىچىك ھويلىمىزدىكى كۆكتاتلارمۇ پىشاتتى. ھەر كۈنى ئەتىگەن ياكى كەچقۇرۇن، يەرنى سۇغىرىپ ئوت ئوتاۋاتقان ئاتا - ئانام ھەمىشە بەزى سۇ يۇقى سۇڭپىياز، جۇسەي، چەيزە، لازا قاتارلىقلارنى يۇلۇپ قوشنىلارغا بېرەتتى. كېيىن قوشنىلارمۇ ئاتا - ئانامدىن ئۆگىنىپ كۆكتات تېرىيدىغان بولدى. ياز كېلىشى بىلەنلا، ھەممە ھويلىلاردا رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ، كېپىنەكلەر ئۇسسۇل ئويناپ، ھەرىلەر غوڭۇلداپ، كاۋا، پۇرچاقلار راسا ئوخشاپ تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتەتتى.

بالىلىق خاتىرەمدە چاغان ئۆتكۈزگەندىكى ئاۋاتلىقتىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك. ھەر قېتىمقى چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنلىرى، ئانام بالدۇرلا قوشنىلار بىلەن بىزگە ياردەملىشىپ پېچىنە - پىرەنىك، ساڭزا سېلىشقا كېلىشىۋالاتتى. دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، قوشنا ھەدە - ئاچىلىرىمنىڭ ھەممىسى كېلەتتى، ئۇلار ئانامغا كاۋاۋىچىن سۈيى بىلەن ساڭزا خېمىرىنى يۇغۇرۇشنى ئۆگىتەتتى، سۆگەت چىۋىقىنى ئۇچلاپ ياسىغان چوكىغا ئىنچىكە ئېشىلگەن خېمىرنى ئىلىپ «8» شەكلىدە يۆگەپ، قىزىتىلغان ياغ بار قازانغا سېلىپ توختىماي ئۆرۈپ - چۆرۈپ، سۈزۈپ ئالغاندىن كېيىن بىر قۇر - بىر قۇردىن بىر چوڭ لېگەنگە تىزاتتى، شۇنىڭ بىلەن شەكلى كۆركەم، يېيىشلىك ساڭزا تەييار بولاتتى. ئۇلار يەنە ئانامغا پىۋا بوتۇلكىسىنىڭ ئاغزىنى ئېلىپ تۈزلەپ، ئۇنى قىسقۇچ سىمنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قىيغاقچە ياساپ، تۈز ھەم تەكشى يېيىتىلغان سىلىق خېمىرنىڭ ئۈستىدە توختىماي چۆرگۈلىتىپ قىيىقچە كېسىپ، قىزىتىلغان ياغ بار قازانغا سېلىپ، قىيىقچە ساڭزا سالاتتى، ياغدىن سۈزۈپ ئالغان ھامان ئۈستىگە ئاق شېكەر سېپەتتى، بۇ قىيىقچە ساڭزا تېخىمۇ تاتلىق ۋە مەززىلىك بولاتتى. ئاناممۇ يۇرتىمىزنىڭ چاغان ئۆتكۈزۈش ئۆرپ - ئادىتى بويىچە، ئۇلارغا خېمىردىن ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى ھايۋانات، گۈللەرنىڭ شەكلىنى چىقىرىپ، ئۈستىگە قىزىل چېكىت چېكىپ، قاسقانغا سېلىپ دۈملەپ پىشۇرۇشنى ئۆگىتەتتى. ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ يېرىم كېچىگىچە دۈملەش، قاقلاپ پىشۇرۇش، ياغدا پىشۇرۇش بىلەن ئالدىراش يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاشۇ قويۇق خۇش پۇراق ئىچىدىن چاغاننىڭ ھىدىنى تۇيۇپ قاتتىق ھاياجانلىناتتىم.

شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقتا، ھەر مىللەت خەلق ئاللىقاچان ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ ئورتاق ياشىغان، ئۇلارنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ، بۇ تۇپراققا بولغان مېھىر - مۇھەببەت خۇددى شىنجاڭدىن ئايرىلغاندا يۇرتىدىكى ئاپىسىنىڭ ئەتكەنچېيى، تونۇردا ياققان ئىسسىق نېنىنى سېغىنغىنىدەك، شوخ ناغرا ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا، پىرقىراپ ئۇسسۇلغا چۈشكۈسى كەلگەندەك تەبىئىي، چىن بولىدۇ.

بىزنىڭ بىر جۈپ كۆزىمىزنى قۇم - بوران توسۇپ قويمىسۇن؛ ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى سەمىمىي دوستلۇق پىتنە - ئىغۋالارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىسۇن؛ ھەممىمىز ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ھەقىقىي ھېسسىياتنى قەدىرلەپ ۋە قوغداپ، دەۋر ئىناقلىقىنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى