تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇغقان يوقلاش  ساياھەت بىلەن ئالدىراش بولۇش  سودا ساراي ئايلىنىش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشنى ئورتاق ئۆتكۈزدى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەممە يەر ئىناق، ئىللىق كەيپىياتقا تولدى، ھەر مىللەت ئامما تۇغقانلىرى، دوست - بۇرادەرلىرىنى يوقلىدى، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، ساياھەتكە چىقتى، كۆپچىلىك ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق قەلبىدىكى خۇشاللىقنى ئىپادىلىدى، گۈزەل تۇرمۇشنى مەدھىيەلىدى.

 ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر جەم بولۇپ مۇڭداشتى

ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر بىلەن جەم بولۇپ پاراڭلىشىش، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا سۆزلىشىش كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان بايرام ئۆتكۈزۈش شەكىللىرىنىڭ بىرى.

«ئاكا، بايرىمىڭىز بولدى، بۇ سىزگە ئېلىپ كەلگەن مېۋە - چېۋە، چاي، ئىچىملىكلەر...» «ئىنىم، تۈزۈت قىلماڭ، تېز ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇڭ...» 8- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ماناس ناھىيەسى لەنجۇۋەن بازىرى ۋاڭجياجۇاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋېي خۇڭگۇاڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە، تۇغقىنى غالام يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ بۇنداق ئالاقىلىشىشى، بېرىش - كېلىش قىلىشى 20 نەچچە يىل داۋاملاشتى.

ئىشىكتىن كىرىپلا ۋېي خۇڭگۇاڭ بىلەن غالام ئىككىيلەن چىڭ قول سىقىشتى. مېھمانخانا ئۆي ئازادە، يورۇق بولۇپ، ساجىغا قۇرۇت، بوغۇرساق، كەمپۈت قاتارلىقلار لىق تىزىلغانىدى، كۆپچىلىك پاراڭلىشىپ، چاقچاقلاشتى، ئۆيدە خۇشاللىق، ئىناقلىق مەنزىرىسى شەكىللەندى.

ۋاڭجياجۇاڭ كەنتىدە خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر قاتارلىق كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان، ئۇزاقتىن بۇيان، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى ئىتتىپاق، ئىناق بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى. ۋېي خۇڭگۇاڭ بىلەن غالام كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان. 1993- يىلى، غالام كىچىك ئوغلى خەمىت غالام سەككىز ياش ۋاقتىدا، ۋېي خۇڭگۇاڭنى خەمىتكە «تۇتۇق ئاتا» قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ۋېي خۇڭگۇاڭ خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدى.

بۇ يىللاردا، ئالاقىلىشىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئايرىلماس بولدى. «بىز ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بۇ خىل دوستلۇقىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ۋېي خۇڭگۇاڭ.

ئائىلىدىكىلەر جەم بولغان پەيت ھەمىشە كىشى قەلبىنى ئاشۇنداق ئىللىتىدۇ.

«ئانا، مەن كەلدىم، بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.» «ئوھوي، ئوغلۇم كەپتۇدە، سىزنىڭمۇ بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.» 8- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، غۇلجا شەھىرىنىڭ شەھەر ئاھالىسى، 84 ياشلىق نىيازخان سوپاخۇن زېڭ زۇلياڭنى تارتىپ تۇرۇپ باغرىغا باستى.

زېڭ زۇلياڭنىڭ يۇرتى سىچۇەندە بولۇپ، 17 يېشىدا ئۆزى يالغۇز توققۇزتارا ناھىيەسىگە كېلىپ، نىيازخان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقىنىدەك غەمخۇرلۇق قىلىشىغا ئېرىشتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلار بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى. يېشىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە ئاساسەن، زېڭ زۇلياڭ نىيازخاننىڭ بىر توپ بالىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى.

«ئۇلار ماڭا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. ياش ۋاقتىمدا مەن ئىككىنچى ئىنىم بىلەن قورغاسقا بېرىپ سودا قىلاتتىم، كېيىن تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى، ئىككىمىز ئايرىم - ئايرىم ھالدا غۇلجا شەھىرىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ، بىللە كۆچۈپ كەلدۇق، موماي دائىم ئىككىنچى ئىنىمنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ» دېدى زېڭ زۇلياڭ بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن قىزىل بولاقنى قولىغا ئالدى.

«ئانا، بۇ پۇلنى ھېيتلىق يېڭى كىيىم سېتىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن بەردىم. مېنىڭ ئىككى كۈن بۇرۇنلا كەلگۈم بار ئىدى، لېكىن سىز سىرتقا ئوينىغىلى چىقىپ كېتىپسىز، قىزىل بولاقنىمۇ ئالغۇڭىز يوقمۇ.» زېڭ زۇلياڭ قىزىقچىلىق قىلىپ پۇلنى نىيازخاننىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. نىيازخاننىڭ خۇشاللىقتىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى، خۇشال بولغىنىدىن بالىلارغا ئوخشاپ قالدى.

 بايرامدا بازار تەمىناتى يېتەرلىك بولدى

8- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بېيجىڭ يولىدىكى خۇيجيا شىدەينىڭ 2- قەۋىتىدە، چاڭ لىپىڭ بىلەن دوستى قول تۇتۇشۇپ بىر كىيىم - كېچەك دۇكىنىغا كىردى. چاڭ لىپىڭ مۇنداق دېدى: قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلار، تاللا بازارلىرى تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپتۇ، ئېتىبار باھادىكى پەسلى ئۆتكەن كىيىملەرنى سېتىۋالغىلى كەلدىم.

بېيجىڭ يولىدىكى خۇيجيا شىدەينىڭ يەر ئاستى 1- قەۋىتىدىكى تاللا بازىرىدا، شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ بىننىڭ مال سېتىۋېلىش ھارۋىسى ھەر خىل تاۋارلار بىلەن لىق تولغانىدى. «كۆپىنچىسىنى پائالىيەت باھاسىدا سېتىۋالدىم، بولۇپمۇ بالىلار ياقتۇرۇپ يەيدىغان ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەر، يەنە دېڭىز مەھسۇلاتى ۋە مېۋە - چېۋىلەر ئەرزان ھەم يېڭى بولغاچقا، ئۆزۈمنى تۇتالماي كۆپرەك سېتىۋالدىم».

دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ توپ سېتىش بازارلىرىدىكى كالا، قوي گۆشى، كۆكتات، مېۋە - چېۋە، قوشۇمچە يېمەكلىك قاتارلىقلارنىڭ مال مەنبەلىرى يېتەرلىك بولدى.

مول بازار تەمىناتى بۇ يىلقى قۇربان ھېيتلىق بازارنى ئىنتايىن ئاۋاتلاشتۇردى.

قومۇل شەھىرىنىڭ بېيگۇەن ئەتراپىدىكى گۈيلىن پېچىنە - پىرەنىك دۇكىنىنىڭ پېچىنە - پىرەنىك تىجارىتى 80 يىللىق تارىخقا ئىگە. «بۇ بىرنەچچە كۈندە ئەتىگەن سائەت 7دىلا ئالدىراش بولۇشقا باشلىساق، تاكى كەچ سائەت 10دىن ئاشقاندا ئاندىن دەم ئالالىدۇق، ئالدىراشلىقتىن پۇتىمىز يەرگە تەگمىدى. ئادەتتە بىر كۈندە بىر خالتا ئۇن ئىشلىتەتتۇق، ھازىر بىر كۈندە تۆت - بەش خالتا ئىشلىتىمىز» دېدى گۈيلىن پېچىنە - پىرەنىك دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ما شياۋلياڭ.

سودا ساراي، تاللا بازارلىرىنىڭ مال بىلەن تەمىنلىشى تولۇق بولدى، يېزا - بازار بازارلىرىمۇ ئارقىدا قېلىشنى خالىمىدى. گۇما ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرى ۋە يېزا - بازارلاردىكى 15 بازاردا قوي گۆشى، بېلىق، كۆكتات، مېۋە - چېۋە، قۇرۇق مېۋە - چېۋە، پېچىنە - پىرەنىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار. يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەر ئەڭ يېقىن بازارغا بارسىلا بايراملىق نەرسە - كېرەكلەرنى تولۇق سېتىۋالالايدۇ.

 بايرامنى ساياھەت قىلىپ ئۆتكۈزۈش تېخىمۇ قالتىس

رەڭگارەڭ چىراغلار چاقنىغاندا، بۇرچىن ناھىيەسى مەززىلىك تائاملار كوچىسى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى. «بۇرچىن بىر گۈزەل ناھىيە، بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ كەتكۈسى كەلمەيدۇ. خۇشاللىنارلىقى شۇكى، بۇ قېتىم كەلگىنىمىزدە يەنە قۇربان ھېيتقا توغرا كېلىپ قاپتىمىز، بەك قىزىيدىكەن!» دېدى 8- ئاينىڭ 12- كۈنى بېيجىڭلىق ساياھەتچى لى مىن. ئىگىلىنىشىچە، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بۇرچىن ناھىيەسى جەمئىي 309 مىڭ 300 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %77.54 ئاشقان.

دەم ئېلىشتا، خوتەن قۇملۇق توغراق مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، كۈندىلىك كۈتۈۋېلىش مىقدارى 2000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. 8- ئاينىڭ 13- كۈنى، شىنجاڭ ئىچىدىن ھەم بېيجىڭ، تيەنجىن، ئەنخۇي، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردىن ئائىلە ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ دالا ئاپتوموبىللىرى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا لىق تولغانىدى. قۇم تېيىلىش، ئات مىنىش، تۆگە مىنىش، قۇملۇق موتوسىكلىتى مىنىش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى كۆپچىلىككە قۇملۇق ساياھىتىدىكى خەتەر ۋە ھاياجاننى قانغۇچە ھېس قىلدۇردى.

تۈركۈم - تۈركۈم ساياھەتچىلەر خوتەن قۇملۇق توغراق مەنزىرە رايونى يېنىدىكى كوچا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابلەخەت ئابدۇللانى سۇ ئىچكىلى ۋاقىت چىقىرالمىغۇدەك دەرىجىدە ئالدىراش قىلىۋەتتى. «بىز قىلغان پۈتۈن قوي تونۇر كاۋىپى، داپەنجى، كاۋاپ قاتارلىق شىنجاڭنىڭ خاس مەززىلىك تائاملىرىنى ساياھەتچىلەر تولىمۇ ياقتۇرىدۇ، بۇ بىرقانچە كۈندە كۈندىلىك تىجارەت سوممىمىز 5000 يۈەندىن ئارتۇق بولۇۋاتىدۇ» دېدى ئابلەخەت.

ساياھەتچىلەرنى پاكىز، راھەت ساياھەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئاقتۇ ناھىيەسى ئويتاغ بازىرى پىلال كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىمۇ ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. قىزىلسۇ ئوبلاستى مۇزلۇق باغچىسىغا بارىدىغان ساياھەتچىلەر پىلال كەنتىدىن ئۆتىدۇ، بۇ ئىككى كۈندە، جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى ئويتاغ بازىرى پىلال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، كەنت ئاممىسى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، ئاق رەڭلىق ئەخلەتلەرنى تېرىپ، مۇزلۇق باغچىسىنىڭ گۈزەل ساياھەت مۇھىتىنى يارىتىشقا كۈچ قوشتى.

«يۇرتۇمنىڭ مۇھىتىنىڭ كۈندىن - كۈنگە گۈزەللىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تولىمۇ پەخىرلەندىم» دېدى يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شەيىدە ئەكرەم.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، گې يوۋجۈن، لى داۋجۇڭ، جاڭ تىڭ، خې لىڭ، جەزىرە نىسبېك، جاڭ رۇيلىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار يې سۈي، ۋاڭ چېن، شۈ ۋەنلى يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى