تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن مۇستەھكەملەپ يۈكسەلدۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

لى پېڭشىن قەشقەر، قىزىلسۇ، ئاقسۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن مۇستەھكەملەپ يۈكسەلدۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن قەشقەر، قىزىلسۇ، ئاقسۇ ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى بەش ناھىيە، شەھەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇستەھكەملەپ يۈكسەلدۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن مۇستەھكەملەپ يۈكسەلدۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي ھۇجۇم نىشانىنى چىڭ ئىگىلەپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچلۈك تولۇقلاپ، سىياسەتنى دەل جايىدا يولغا قويۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى پېڭشىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىسى بەسئۆستەڭ كەنتى، دۆلەتباغ يېزىسى شودىگەي توغراق كەنتى، مارالبېشى ناھىيەسى توقۇمىچىلىق سانائەت باغچە رايونى، كەلپىن ناھىيەسى ئاچال بازىرىنىڭ قالما كەنتى ۋە بەخت كەنتى، ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرى تۈگمەنبېشى كەنتى، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قۇلانساراق يېزىسى بەدەل كەنتى، ئاقچى بازىرى كۆكچوقۇر مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت كەنتى، سومتاش يېزىسى، قاراچى يېزىسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى چېڭبېي سانائەت باغچە رايونى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى لاپاس پارنىك كەسىپلەر باغچە رايونى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نەق مەيداندا نامرات ئاممىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى.

نامرات ئاممىنىڭ ئۆيىدە، لى پېڭشىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلۈش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، نامرات ئاممىنىڭ تەلەپلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىدى، ئۇلارنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

قۇربان ھېيت كۈنى، لى پېڭشىن يەنە چېگرانىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، چېگرا قوغدىغۇچىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، جەزمەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرلا غەيرەت قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان مۇتلەق سادىقلىقنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەتنى دەل جايىدا يولغا قويۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش»نى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ئۆلچەش، ئالدىنى ئېلىش - كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، خاس باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە چارۋىچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈشنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «قابىللار» ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «باشلامچى ياۋاغاز»لارغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەۋزەل ساياھەت بايلىقى ۋە ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ - ئادەتلەرنى تولۇق قېزىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى قوغداپ، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىلاردىكى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق زورايتىپ، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، سىياسەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە ھەرگىز جەڭنى توختاتماسلىق كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش