تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى جوۋ چىنىڭ كوماندىغا قايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

بۇ يىل 4- ئايدا، CBA شىركىتى قارار چىقىرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر جوۋ چى كېيىنكى مۇسابىقە پەسلىدە CBA مۇسابىقە مەيدانىغا قايتسا، ئۇنداقتا شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى جوۋ چىغا نىسبەتەن ئىككى يىللىق ئالدىن تىزىمغا ئالدۇرۇش ھوقۇقى ياكى ئوڭچە توختام ئىمزالاش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 8- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ما كەي، سۇن جې خەۋىرى): پۈتكۈل ياز پەسلىدە، جوۋ چىنىڭ قايسى كوماندىغا بېرىشى CBAدىكى كوماندىلار ۋە نۇرغۇن مەستانىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. جوۋ چىنىڭ CBAدىكى كونا خوجايىنى بولغان شىنجاڭ گۇاڭخۈي ئەرلەر ۋاسكېتبول كۇلۇبى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، جوۋ چىنىڭ شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن يېڭى توختام ئىمزالىغانلىقىنى، CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى رەسمىي ھالدا يوللاپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئېلان قىلىشتىن كېيىن، جوۋ چىنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىغا قايتىپ CBA مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«جوۋ چى قايتىپ كەلدى» ماۋزۇلۇق ئورگان ئۇچۇرىدا، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى جوۋ چىنىڭ 2016/2017- مۇسابىقە پەسلىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە يارىلانغان ھالەتتە قاتناشقانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتقان، شۇ مۇسابىقە پەسلىدە جوۋ چى شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا تارىخىدىكى تۇنجى CBA ئومۇمىي چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىشىگە كۈچ چىقارغان. چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، جوۋ چى ئامېرىكىغا بېرىپ NBA خيۇستون راكېتا كوماندىسىدا قوشۇلغان. 2017/2018- مۇسابىقە پەسلى مەزگىلىدە، جوۋ چى راكېتا كوماندىسى ئۈچۈن 19 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، ئوتتۇرىچە مەيدانغا چۈشۈش ۋاقتى 6.5 مىنۇت بولغان، 1.3 نومۇر، 1.2 گاردىن قايتقان توپ ۋە 0.1 قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم تۆھپىسىنى قوشقان، باشقا ۋاقىتلاردا NBA تەرەققىيات ئىتتىپاقىنىڭ زەھەرلىك يىلان كوماندىسىغا كۈچ قوشقان.

جوۋ چى دۆلەت ئىچى ۋاسكېتبول ساھەسىگە قايتىدىغانلىقىنى قارار قىلغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ كۇلۇب ئالمىشىشىغا ئائىت پاراڭلار ئۈزۈلمەي، سىرتنىڭ كەڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى. بۇ يىل 4- ئايدا، CBA شىركىتى قارار چىقىرىپ، ئەگەر جوۋ چى كېيىنكى مۇسابىقە پەسلىدە CBA مۇسابىقە مەيدانىغا قايتسا، ئۇنداقتا شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ جوۋ چىغا نىسبەتەن ئىككى يىللىق ئالدىن تىزىمغا ئالدۇرۇش ھوقۇقى ياكى ئوڭچە توختام ئىمزالاش ھوقوقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئورگان ئۇچۇرىدا مۇنداق بىلدۈردى، كۇلۇب جوۋ چى بىلەن توختام ئىمزالاشنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە CBAنىڭ ئالاقىدار توختام تۈزۈمى تەلىپىگە رىئايە قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە يۈكسەك سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىدى. جوۋ چىنىڭ كەسپىي يىرىك پىلانىغا بولغان ئېھتىياتچانلىق، ئەستايىدىللىق تەلىپى ۋە ئانا كوماندىسىغا بولغان قويۇق مۇھەببىتى سەۋەبلىك، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ كېلىشىم ئىمزالاشنى تاماملىدى.

بەدىنى قاۋۇل، ھەرىكىتى جەبدەس، ماھارىتى ئىنچىكە بولغان جوۋ چىنىڭ قايتىپ كېلىشى شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئىچكى سەپ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدۇ. شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىمۇ ئورگان ئۇچۇرىدا مۇنداق بىلدۈردى: جوۋ چىنىڭ 2019/2020- مۇسابىقە پەسلىدە كوماندا ئەزالىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ مۇسابىقىلىشىپ، ئومۇمىي چېمپىيونلۇققا قاراپ ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھازىر، جوۋ چى دۆلەت ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدا 2019- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئەرلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئورگان ئۇچۇرىدا جوۋ چىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تەييارلىق قىلىپ، ئەڭ ياخشى ھالەتتە دۇنيا لوڭقىسى ئەرلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىپ، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى