تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بىر خىل مېكسىكا سەبدەرگۈلى جەنۇبىي شىنجاڭ قەدىمىي يىپەك يولىدا پورەكلەپ ئېچىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى جىخاۋ

شىنجاڭ داشۆدىكى دەرسخانىسىدىن خوشلىشىپ، جەنۇبقا قاراپ 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، نامرات كەنتكە بېرىپ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر بولغان ئوقۇتقۇچى ۋۇ جيەنچياڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەكەن ناھىيەسىدە يىلتىز تارتقىنىغا بىر يېرىم يىل بولدى.

پۇتىدىكى خۇرۇم ئايىغى پۇرلىشىپ پاتقاق بولۇپ كەتكەن، قولى بىلەن كۆز ئالدىدىكى ئالتۇندەك ئېتىزلىقنى كۆرسىتىپ تۇرغان، قارىداپ ئورۇقلاپ كەتكەن تارتىنچاق ۋۇ جيەنچياڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ كەنتى «ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ» مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپتۇ.

ۋۇ جيەنچياڭ ئېيتقان «تىپ ئۆزگەرتىش» پۈتۈن كەنتنىڭ كۈچى ئارقىلىق يېڭىدىن 2300 مو يەرگە سەبدەرگۈل تېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر سەبدەرگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، پۈتۈن ئىنەكپاتا كەنتى قىزغۇچ سېرىق رەڭ دېڭىزىغا ئايلاندى.

بىراق، بۇ يىل يازنىڭ بېشىغىچە، بۇ 2300 مو يەردىكى سەبدەرگۈلنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋۇ جيەنچياڭ ۋە پۈتۈن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى ئەندىشىگە سالغانىدى.

2018- يىلىنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ ئەينى چاغدا تۆت يىل يولغا قويغان كادىرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن ھەربىر ئېغىر نامرات كەنتكە يەنە بىردىن 1- شۇجى ئەۋەتىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەردىن بىردىن ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى تاللاپ ئەۋەتىپ، ئەسلىدىكى ناھىيەدىن ئەۋەتىلگەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۈچىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

ئېغىر نامرات ئىنەكپاتا كەنتى تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ كادىرى دېڭ دۇڭشېڭ بىلەن شىنجاڭ داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋۇ جيەنچياڭنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭنىڭ تۇپرىقى كەڭ بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ تەبىئىتى، ئىقلىمى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. شىمالىي شىنجاڭدا چوڭ بولغان ۋۇ جيەنچياڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ چېتىدىكى بوستانلىقنىڭ ئەھۋالىنى ئانچە چۈشەنمەيتتى.

«نامراتلىق ئەھۋالى ئويلىغىنىمدىنمۇ بەكرەك ئېغىر ئىكەن.» «چوڭقۇر چۆكۈپ»، ھەر كۈنى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ئامما بىلەن سىردىشىپ سۆھبەتلەشكەندىن كېيىنلا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئاندىن ۋۇ جيەنچياڭنىڭ كۆز ئالدىدا تەدرىجىي روشەنلەشتى.

يەكەن شىنجاڭدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ناھىيە، بىراق كەسىپلەر كەمچىل بولغانلىقتىن، دائىمىي تۇرۇشلۇق 1 مىليون 38 مىڭ نوپۇسنى ئەمگەك كۈچى ئەۋزەللىكىگە ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىدى. زور كۆپچىلىكى يەنىلا «يەرگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى»، بىراق كىرىمى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلىگەن نامرات ئائىلىلەر قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، يەكەندە نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى %20.4كە يەتتى.

ئىنەكپاتا كەنتىدە 4100 مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەر بار بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر ئۈچ موغا يەتمەيتتى، ئۇزاق مەزگىل تېرىلىپ كەلگەن بۇغداي، كېۋەزنىڭ مو بېشى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 400 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە، 1200 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە بولۇپ، يەنە ئاشۇرۇش قىيىن ئىدى.

دېڭ دۇڭشېڭ بىلەن ۋۇ جيەنچياڭ كەلگەندىن كېيىن، كۈچى زور دەرىجىدە ئاشقان خىزمەت ئەترىتى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى باشلىدى. خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى، كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ئۈچ نۆۋەت كېڭىشىش ئارقىلىق تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەيدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور قارار بارلىققا كەلدى: ئاشلىق ئېتىزى ۋە باغ - ئورمان يېرىدىن باشقا، ئىنەكپاتا كەنتى ھەممە يەرنى سەبدەرگۈل ئۆستۈرۈشكە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدۇ.

ئەسلىدە مېكسىكىدىن چىقىدىغان سەبدەرگۈل مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ جۇڭگوغا كىرگەن، 2011- يىلىغا كەلگەندە ئاندىن يەكەندە 300 مو يەردە سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈرۈلگەن. لېكىن بۇ يىل 138 مىڭ موغا كېڭەيتىلىپ، يەكەن ناھىيەسىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سەبدەرگۈل ئۆستۈرۈش بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يېڭى سەبدەرگۈل پىششىقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلدى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەش، دېھقانلارغا تولۇقلىما بېرىپ مەخسۇس خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىش، قوغداش باھاسى بويىچە بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنى يولغا قويۇش، سەبدەرگۈلدىن تەبىئىي ئۆسۈملۈك پىگمېنتى كىسانتوفىل ئايرىۋېلىش، ئۆستۈرۈشتىن يىغىشقىچە، يەنە پىششىقلاپ ئېكسپورت قىلىشقىچە بولغان بىر يۈرۈش مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى يەكەندە يولغا قويۇلدى.

دەل مۇشۇ كەسىپ زەنجىرى شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى جەمئىي 600 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېكسپورتتىن 50 مىليون دوللار تاشقى پېرېۋوت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 30 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئائىلىدىكى 100 مىڭ ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكىسى چېنگۇاڭ بىيوسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر ساھە چېمپىيونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقى بولدى.

تۇنجى قېتىم ئۆستۈرگەندە، «ئىگىلىك تىكلىگەن» دېڭ دۇڭشېڭ، ۋۇ جيەنچياڭ دەككە - دۈككىدە قالدى. «گەرچە چېنگۇاڭ شىركىتى قولمۇقول ئۆگەتكەن بولسىمۇ، بىز يەنىلا ئەي بولۇش نىسبىتى مەسىلىسىدىن ئەنسىرىدۇق، ئەگەر %90كە يەتمىسە، ھەممە سۇغا چىلىشاتتى».

ئەي بولۇشتىكى ئاچقۇچ تېرىشتا. بىر تۈپ سەبدەرگۈلنى تېرىشتا تۆت ئىش تەرتىپى كېتىدۇ، تېرىش مەزگىلى قىسقا بولۇپ، 4- ئاينىڭ ئاخىرىدىن 5- ئاينىڭ بېشىغىچە مەركەزلەشكەن. ۋاقتىدا تېرىپ بولۇش ئۈچۈن، چوقۇم پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىش كېرەك، ئەگەر بىر ئىش تەرتىپى ئۆلچەملىك بولمىسىلا، ئەي بولۇشنىڭ ئۆزى بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ.

ھېلىمۇ ياخشى بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ ھەممىسىدە دېھقانلار كەچلىك كۇرسى ئېچىلدى. بۇلتۇر 8- ئايدىن باشلاپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەچلىك كۇرسنى سەبدەرگۈل تېرىقچىلىقى بويىچە تەربىيەلەشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، قايتا - قايتا ئۈلگە كۆرسىتىپ، تېرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى چۈشەندۈردى. تېرىش پەسلىگە كىرگەندە، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرىنىڭ ھەممىسى ئائىلىلەرنى ھۆددە ئېلىپ ئېتىزغا بېرىپ، ئۆز قولى بىلەن تېرىشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

«نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئەي بولۇش نىسبىتى %97تىن ئېشىپ، ئويلىغىنىمىزدىنمۇ ياخشى بولدى.» دېدى ۋۇ جيەنچياڭ. چېنگۇاڭ بىيوپەن - تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خەن ۋېنجيې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز دېھقانلار بىلەن قوغداش باھاسىدا توختام ئىمزالاپ، ھەر كىلوگىرامىنى 1.05 يۈەن باھادا نەق پۇلغا سېتىۋالىدىغان بولدۇق، «ئۆسۈش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل مو بېشى ھوسۇلىنى ئىككى توننىدىن ئۈچ توننىغىچە يەتكۈزگىلى بولىدۇ، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە مو بېشىدىن 2000 يۈەندىن كۆپرەك پايدا ئالغىلى بولىدۇ».

يەكەن ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى فەن خەيتاۋ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش كارخانىلىرى ماكانلاشقانلىقتىن، نۆۋەتتە پۈتۈن ناھىيە بويىچە 60 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە يېرىنى سەبدەرگۈل تېرىشقا ئۆزگەرتتى، %6 تېرىلغۇ يەردە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار يەكەندىلا ئەمەس، ئەينى يىلدىكى يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي يولى بويىدىكى كېرىيە، چىرا، قاغىلىق، يېڭىسار... قۇملۇقنىڭ چېتىگە جايلاشقان بۇ بوستانلىقلاردا قىزغۇچ سېرىق رەڭدىكى «گۈل دېڭىزى»نى كۆرگىلى بولىدۇ. سەبدەرگۈل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى «ئۆتكۈر قورال»غا ئايلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېرىقچىلىق كۆلىمى 160 مىڭ مودىن ئاشتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 8- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى