تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

سۇ تېجەش بىلەن ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا قوش پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

قومۇل شەھىرى سۇ ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى

سۇ تېجەش بىلەن ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا قوش پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى يۈ چياڭفۇ، جاڭ تىڭ، سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى بۇلۇڭتوغراق يېزىسى خۇاڭلۇگاڭ كەنتىنىڭ ئېتىزلىرى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، كەنت ئاھالىسى لۈ رۇڭگۇاڭ ئېتىزلىقتا كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزىتىۋاتاتتى.

«بۇ يىل 52 مو يەر تېرىدۇق 28 موسى تاۋۇز، 24 موسى كېۋەز، بۇ يىلنىڭ بېشىدا بىزنىڭ بۇ يەردە سۇ ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ، سۇنىڭ باھاسى ئۆستى، ئەمدى ئىلگىرىكىدەك باستۇرۇپ سۇغىرالمايدىغان بولدۇق، 52 مو يەرنىڭ ھەممىسىدە تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ھەممىلا يەردە سۇ تېجەپ ئىشلىتىدىغان بولدۇق. بۇ يىل مەن ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا سۇنى ئاز ئىشلەتتىم، لېكىن كىرىمىم ئاشتى. 28 مو يەرگە تېرىغان تاۋۇزدىنلا 100 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلدىم، بۇ ئىلگىرى 100 مو يەرگە كېۋەز تېرىپ قىلغان كىرىمىمگە باراۋەر» دېدى لۈ رۇڭگۇاڭ خۇشال ھالدا مۇخبىرلارغا.

بۇلۇڭتوغراق يېزىسى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى، پاختا ھوسۇلى قومۇل شەھىرى پاختا ھوسۇلىنىڭ %40ىنى ئىگىلەيدۇ.

«بۇلتۇر يېزىمىزنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 237 مىڭ 600 مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 217 مىڭ موغا يەتكەنىدى، گەرچە پاختا ھوسۇلى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن سۇ سەرپىياتىمۇ ئاز بولمىغانىدى، بۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا پايدىسىز بولغاچقا، سۇ تېجەش تۈپ چىقىش يولى بولۇپ قالدى» دېدى بۇلۇڭتوغراق يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى خې جۇڭدۇڭ.

قومۇل شەھىرىنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 36 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 3300 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. سۇ بايلىقى قىس بولۇش، سۇ ئىشلىتىش قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق، سۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار قومۇلنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، 2005- يىلىدىن باشلاپ، قومۇل شەھىرى سۇ تېجەش سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدى بىلەن سۇ تېجەشچان جەمئىيەت بەرپا قىلدى. يېزا ئىگىلىكىدە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى يولغا قويدى، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرى، قومۇل شەھىرى يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىشنى ئاساس قىلغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش كۆلىمىدىن 1 مىليون 330 مىڭ مو بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي سۇغىرىش كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %85تىن ئاشۇردى. يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى قومۇل شەھىرىنىڭ سۇ ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىش نىسبىتى 2005- يىلىدىكى %88.1تىن نۆۋەتتىكى %80كە تۆۋەنلەپ، سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمى ۋە پايدىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

ھەربىر كۇب مېتىر سۇنىڭ ئەڭ زور ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئاچقۇچ يېزا ئىگىلىكى سۇ باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش.

بۇ يىل، قومۇل شەھىرى سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىدىغان سۇنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىكى سۇ ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىككىنچى نۆۋەت ھۆددىگە بېرىلگەن يەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى سۇ ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئورناتتى ھەم يېزا ئىگىلىكى سۇ ھوقۇقىنى ئىشلىتىش كىنىشكىسى تارقىتىپ، «نورما بەلگىلەپ ھەق ئېلىش، بەلگىلەنگەن نورمىدىن ئاشسا باھا قوشۇش» تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، سۇنى كۆپ ئىشلەتكەنلەر كۆپ پۇل تاپشۇرىدىغان بولدى. توك قۇدۇقلىرىغا قارىتا قۇدۇق بىلەن توكنى قوش تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، توك ئىشلىتىش مىقدارىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق تارتىلىدىغان سۇنىڭ مىقدارىنى تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

قومۇل شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسى سۇ مەمۇرىيىتى، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋۇ خۇڭفاڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: قومۇل شەھىرى سۇ ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئىسلاھاتىدىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ سۇ ھەققى چىقىم ئەھۋالىنى ئېنىقلىدى، تەكشۈردى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە سۇ باھاسى ئۆسكەن بولسىمۇ، لېكىن دېھقانلارنىڭ سۇ ھەققى چىقىمى ئاشمىغان، سەۋەبى دېھقانلار سۇنى تېجەپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئۆلچەپ ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل پۈتۈن شەھەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان سۇنىڭ 140 مىليون كۇب مېتىر ئازىيىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى