تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې خەۋىرى، فوتوسى) 8-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 10دا، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش تارقاتتى: مۆلچەرلىنىشىچە، شۇ كۈنى كۈندۈزدىن 8-ئاينىڭ 14-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ جەنۇبىي قىسمى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق قىسمەن رايونلاردا ℃37تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40تىن يۇقىرى بولىدىكەن.
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە كۈندۈزى شەھەر رايونىدا ℃37تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋاا رايى كۆرۈلۈپ، 3 بال شامال چىقىدىكەن.