شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 8- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دۇ گاڭ، جاڭ شياۋچېڭ) بۇ يىل 7- ئايغىچە، دۆلىتىمىزدىكى شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى مول بولغان شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى جەمئىي 62 مىليارد 672 مىليون كىلوۋات سائەت بولغان. دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ۋە ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشتە شىنجاڭنىڭ ئوينايدىغان رولى بارغانسېرى مۇھىم بولغان.
2010- يىلى، شىنجاڭ بىلەن غەربىي شىمالنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق 1- لىنىيەسىنى تورلاشتۇرۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يەككە تور يۈرۈشۈش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. ئىككىنچى يىلى، يېڭى ئېنېرگىيەنى بۇ لىنىيە ئارقىلىق كىچىك كۆلەمدە سىرتقا يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2014- يىلى 1- ئايدا، قومۇلنىڭ جەنۇبى − جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى كەڭ كۆلەمدە سىرتقا يەتكۈزۈش دەۋرى باشلاندى.
ئۇدا نەچچە يىل، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئومۇمىي كۆلىمى بارغانسېرى كېڭىيىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى بولدى. بولۇپمۇ بۇلتۇر يېڭى ئېنېرگىيە نەق مال سودىسى، غەربىي شىمال شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش توك مىقدارى ئامبىرى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەسى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەلالاشتۇرۇلۇپ تەقسىملەندى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 19 مىليون 251 مىڭ كىلوۋات، فوتو ۋولت توك تارقىتىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 10 مىليون 216 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.