تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى يېزىدىن چىقماي تۇرۇپلا تولۇقلاپ بېجىرىش، ئالماشتۇرۇش

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيا، پىراكتىكانت فەن يۆيى خەۋەر قىلىدۇ: قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرى سەيشەنبازار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رازىيەم غوجىبۇللانىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى يىتىپ كەتكەنىدى. 8- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئۇ بازاردىكى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى تور نۇقتىسىغا بېرىپ، يېرىم سائەتتىلا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش، ئالماشتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىپ بولدى. «ئىلگىرى 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيە بازىرىغا بېرىپ بېجىرەتتۇق، ھازىر بازارغا بازار قىلغىلى بارغاچ بېجىرىۋالىدىغان بولدۇق، بەك قولايلىق بولدى» دېدى رازىيەم خۇشال ھالدا.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مەسىلىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش، ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئاز قاترىتىش بۇنىڭدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر.

«بىز بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، ئاممىغا ھەقىقىي تۈردە بەزى ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بەردۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۇچۇر مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوچىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى باش تېما تەربىيەسىدە ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىشى، ئالماشتۇرۇشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى چىڭ كۆزلەپ، تېزدىن تەتقىق قىلىپ، ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش، ئالماشتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشنى ناھىيە بازىرىدىن يېزا - بازارلارغىچە كېڭەيتتى ھەم كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسى، خىزمەت تەرتىپىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئاساسىي قاتلامدا يولغا قويۇشقا قولايلىق ياراتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون ئاساسىي قاتلامدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنى مۇلازىمەت ئوبيېكتى قىلىپ، چەت، يىراق يېزا - بازارلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شايار ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسىدە نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، 8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭدا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش، ئالماشتۇرۇشتا يېزىدىن چىقماي تۇرۇپلا بېجىرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 7- ئايدىن بۇيان، نۇقتىدا سىناق قىلىنغان تۆت ناھىيە يېزىلاردىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنىڭ 7000 دىن ئارتۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى يېزىدىن چىقماي تۇرۇپلا تولۇقلاپ بېجىرگەن، ئالماشتۇرۇپ بەرگەن. پۈتۈن شىنجاڭدا يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر يىلى 300 مىڭغا يېقىن ئاساسىي قاتلامدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدىكەن.

قاراقاش ناھىيەلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋاڭ جيەنجۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ناھىيە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش، ئالماشتۇرۇش كەسپىنى يېزىدىن چىقماي تۇرۇپلا بېجىرىش مۇلازىمىتىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما ئۆزى تۇرۇشلۇق يېزا - بازاردىكى تور نۇقتىسىغا بېرىپ «بىر بېكەت شەكلى»دە بېجىرىشنى تاماملىغان، ئىلگىرى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش، ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ قاتراش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنغان.

باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۈزىتىش»نى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشنى مۇھىم مەزمۇنغا كىرگۈزۈپ، تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش، تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، قاتلاممۇ قاتلام ھۆججەت تارقىتىش، قاتلاممۇ قاتلام يىغىن ئېچىشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا قارىتىلغان ھۆججەت ۋە يىغىن سانىنى زور دەرىجىدە ئىخچاملىدى ھەم كونكرېت نىشاننى ئوتتۇرىغا قويدى: 2019- يىلى نۇقتىلىق ئىخچاملاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ھۆججەت سانىنى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %42 ئازايتىش، يىغىننى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %55 ئازايتىش.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 7- ئايغا قەدەر، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تۈزۈپ تارقاتقان ھۆججەتلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆت ئۈلۈش ئازايغان، ئېچىلغان يىغىن سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يەتتە ئۈلۈش ئازايغان. «بىز ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە نامايان قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدە دەل جايىدا يېنىكلىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چى يۇڭفۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى