تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

رەيھانگۈلنىڭ تۇرمۇشى مەنىلىك ئۆتمەكتە

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ ۋا

7- ئاينىڭ 15- كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسى ساغان بازىرىنىڭ كىچىك، ئۇششاق كەسىپلەر باغچىسىدىكى بىر پەلەي زاۋۇتىدا، تىكىش ماشىنىسىنىڭ تىكىرلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، سېخ باشقۇرغۇچىسى رەيھانگۈل ئابابەكرى ۋە ئاچا - سىڭىللار بىر توپ پەلەينى ئۈلگۈرتۈپ تىكىۋاتاتتى. «بۇ زاكازنىڭ ۋاقتى قىس، ۋەزىپە ئېغىر، سۈپەت جەھەتتە ئازراقمۇ بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ.» رەيھانگۈل ئەڭ ئاخىرقى سۈپەت تەكشۈرۈشنى ئەستايىدىل ئىشلەۋاتاتتى.

«مېنىڭ ھازىر خىزمىتىم بار بولدى، ئائىلىمىزمۇ ئىناقلىققا تولدى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن يىراقلاشتىم، ھەر كۈنى تۇرمۇشۇم ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتۈۋاتىدۇ.» ھازىرقى ئەھۋالىنى تىلغا ئالغاندا رەيھانگۈل ناھايىتى ھاياجانلاندى.

 ئازغۇن ھايات

رەيھانگۈل بۇ يىل 25 ياشتا، ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاتالمىش «دىنىي قائىدە» بويىچە ئىش قىلىپ، ئاياللار كالتە يەڭ كىيىم كىيسە بولمايدۇ، سىرتلاردا ئاشكارا يۈرسە بولمايدۇ، «بولمىسا دوزاخقا كىرىدۇ» دەپ قارىغان.

توي قىلغاندا رەيھانگۈلنىڭ ئېرى غوجىئەخمەت ئابدۇقۇددۇس ئازراق ئالتۇن زىبۇ - زىننەت سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغانىدى. رەيھانگۈل «دىنىي قائىدە»دە ئاياللار ئالتۇن - كۈمۈش زىننەت بۇيۇمى تاقىسا «زاكات» بېرىشى كېرەك، بولمىسا جازالىنىپلا قالماي، كېيىن جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، دېيىلگەنلىكىنى ئەسكە ئالغان. بۇلارنى ئويلاپ، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە تۇيدۇرماي، خۇپىيانە بېرىپ «زاكات» بەرگەن.

شۇ چاغدا مەن ئېزىپتىكەنمەن، مەيلى قانداق نەرسە بولسۇن <مۇسۇلمانچە>، <مۇسۇلمانچە ئەمەس> دەپ ئايرىيتتىم، ھەتتا چۆگۈن، داس سېتىۋالساممۇ <مۇسۇلمانچە> دېگەن بەلگىنىڭ بار - يوقلۇقىغا قارايتتىم.» ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئەسلىگىنىدە رەيھانگۈلنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى.

رەيھانگۈل يەنە ئېرىنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا، ناماز ئوقۇشقا مەجبۇرلىغان، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن دائىم مۇشۇ سەۋەبلىك قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالغان. 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 29- كۈنى رەيھانگۈل ئېرى بىلەن توي قىلغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىق خاتىرە كۈنىدە، غوجىئەخمەت ئالايىتەن بىر كۆڭلەك سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان. رەيھانگۈل ئۇنىڭ كالتە يەڭلىك كۆڭلەك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خاپا بولۇپ دەرھال تاشلىۋەتكەن.

رەيھانگۈلنىڭ بۆلەكچىلا بولۇپ قالغانلىقىغا غوجىئەخمەت چىداپ تۇرالمىغان. بۇزۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئائىلىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، بىرنەچچە قېتىم چوڭقۇر پاراڭلاشقاندىن كېيىن، رەيھانگۈل يېڭىسار ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە قوشۇلغان.

 لاياقەتلىك باشقۇرغۇچى

تەربىيەلەش مەركىزىدە، رەيھانگۈل قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ئاستا - ئاستا قايتا ئويلاندى. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

رەيھانگۈل تىككۈچىلىككە بەك قىزىققاچقا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئوقۇشتىن توختاپ قالغاندىن كېيىن، بازاردىكى تىككۈچىلىك دۇكىنىدا بىرنەچچە كۈن شاگىرت بولغانىدى. تەربىيەلەش مەركىزىدە، رەيھانگۈل ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، بۇنىڭ ئىچىدە پەلەي تىكىش تېخنىكىسىمۇ بار ئىدى.

«پەلەي تىكىشتىكى ئەڭ قىيىن باسقۇچ پەلەي يۈزىنى دەل كەلتۈرۈپ تىكىش، دەسلەپتە ھەرقانچە قىلىپمۇ ئەپلەشتۈرەلمىدىم، ئوقۇتقۇچى ماڭا قايتا - قايتا ئۆگەتتى، دائىم سۆكەتتىم، تىكەتتىم، رەختنى سۆكۈۋېرىپ ئىشلەتكۈسىز قىلىۋېتىپ، يېڭى رەختنى ئېلىپ قايتا تىكەتتىم» دېدى رەيھانگۈل.

رەيھانگۈلنىڭ تىرىشچانلىقى بىكار كەتمىدى، بىر سېختىكى ئىشداشلىرى كۈنىگە تەخمىنەن 50 جۈپ پەلەي تىكسە، ئۇ 80 جۈپ تىكەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى سۈپەت ئۆتكىلىدىن ئۆتەتتى.

بۇ، رەيھانگۈلنىڭ تۇنجى خىزمىتى بولغاچقا، ئۇ ھەسسىلەپ قەدىرلىدى. ئىپادىسى ياخشى، خىزمەت ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇزاق ئۆتمەيلا 3- سېخنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولدى.

پەلەي زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى يۈ سۈييۈننىڭ نەزەرىدە، رەيھانگۈل لاياقەتلىك باشقۇرغۇچى. «رەيھانگۈل بەك قابىلىيەتلىك، پىكىرلىشىشكە، باشقۇرۇشقا ماھىر. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 3- سېخنىڭ مەيلى مەھسۇلات سۈپىتى ياكى مەھسۇلات مىقدارىدا بولسۇن ھەممىسىدە ئېشىش كۆرۈلدى» دېدى يۈ سۈييۈن.

 تۇرمۇشنىڭ تەمى

«دادام، ئاپام ئىشقا بارىدۇ، مەن يەسلىدە ئوقۇيمەن، يىغلىمايمەن، جېدەل قىلمايمەن، مۇئەللىمىمگە خەيرلىك سەھەر دەيمەن...» 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئىشتىن يېنىپ ئۆيگە كېلىشىگىلا قىزى يۈگۈرۈپ كېلىپ رەيھانگۈلنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ ناخشا ئېيتىپ بەردى. چىرايىدا بەخت جىلۋىلەنگەن رەيھانگۈل قىزىنى كۆتۈرگىنىچە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

ئۇنىڭ ئۆيىدىكى تېلېۋىزورنىڭ يېنىغا بىر دەستە ئەتىرگۈل تىزىلغانىدى. گۈل شېخى قۇرۇپ قالغان بولسىمۇ، رەيھانگۈل تاشلىۋېتىشكە ئىزچىل قىيمىدى. «بۇنى بۇ يىلقى توي خاتىرە كۈنىمىزدە غوجىئەخمەت ماڭا سوۋغا قىلغان. ئۇنىڭ ماڭا بىرىنچى قېتىم گۈل سوۋغا قىلىشى بولغاچقا، تەسىرلەنگىنىمدىن يىغلىۋەتتىم.» رەيھانگۈل ئاشۇ بىر دەستە گۈلگە قاراپ تاتلىققىنە كۈلدى، «ئۇ ھازىر مېنى لاياقەتلىك خوتۇن ۋە ئانا دەيدۇ، ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى، ھەتتا تاماق يېگەندىمۇ ئۇ ماڭا قاراپ ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ».

گەپ ئارىلىقىدا غوجىئەخمەتمۇ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى. «قاراڭ، بۇ ئۇنىڭ بىرىنچى ئايلىق مائاشىنى ئالغاندىن كېيىن ماڭا قىلغان سوۋغىسى.» غوجىئەخمەت كىيىم ئىشكاپىدىن بىر قۇر قارا رەڭلىك كاستۇم - بۇرۇلكىنى ئېلىپ، ياقىسىنى يېنىك سىلاپ قويدى، «ئىلگىرى ئۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، مېنىڭ مودا كىيىم كىيىشىمگە يول قويمايتتى. ھازىر ئۇ كىيىنىشنى، ياسىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە دائىم بازارغا بېرىپ قىزىمىزغا چىرايلىق كۆڭلەكلەرنى ئېلىپ بېرىدۇ».

مائاش تارقاتقاندىن كېيىن، رەيھانگۈل ئېرىگە سوۋغا بېرىپلا قالماي، يەنە قېيىنئانىسىغا 200 يۈەن پارچە خىراجەت پۇلى بەردى، قېيىنئانىسى ئۇنى بەك ئىش ئۇقىدۇ، دەپ ماختاپ كەتتى. بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئېجىل - ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، رەيھانگۈلنىڭ كۆڭلى ئىللىدى. «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشى بولمىغاچقا، كۈنلىرىمىز بالدىنمۇ تاتلىق ئۆتۈۋاتىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇشتا بولۇشقا تېگىشلىك تەم!» دېدى رەيھانگۈل ھاياجانلانغان ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش