تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاخىرقى چەكتە بېسىم ئىشلىتىش مۇقەررەر بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتۇر

− ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىقىغا باھا

جۇڭ شېڭ

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ھەمتۈرتكە ئارقىلىق ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشىدە ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئۈمىد قىلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئامېرىكا تەرەپ يەنە بىر قېتىم ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي، بىر تەرەپلىمە ھالدا جۇڭگودىن ئامېرىكىغا چىقىرىلىدىغان 300 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى تاۋاردىن %10 تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشنى جاكارلىدى. بۇ بىمەنە ھەرىكەت ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قائىدىنى نەزەرگە ئىلمايدىغان، لەۋزىدە تۇرمايدىغان ئوبرازىنى يەنە بىر قېتىم كىشىلەر ئالدىدا نامايان قىلىپ بەردى.

جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشىدە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان كۆپ قېتىم داۋالغۇش كۆرۈلدى، ھەربىر قېتىمقىسى ئامېرىكىنىڭ ئورتاق تونۇشقا خىلاپلىق قىلىشى، گېپىدىن يېنىۋېلىشى، سەمىمىيەتسىزلىك قىلىشىدىن كېلىپ چىققان. ئۇلار قايتا - قايتا تاموژنا بېجى كالتىكىنى پۇلاڭلىتىپ جۇڭگو تەرەپنى يول قويۇشقا قىستاشقا ئۇرۇندى، تۈرلۈك رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشتىن باش تارتماي، زومىگەرلىك تەپەككۇرىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن، ئامېرىكا ئاممىسى ۋە كارخانىلىرىنىڭ ئاقىلانە ئېھتىياجىغا ئېتىبار بەرمىدى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئورۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى نەزەرگە ئىلمىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەققانىي ساداسىغا قۇلاق سالمىدى.

جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشىدە، كىشىلەر ئامېرىكا تەرەپنىڭ قايتا - قايتا يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ قېتىم سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسىنى يەنە ئۆستۈرگەنلىكىگە قارىتا، جۇڭگو تەرەپ بىرىنچى ۋاقىتتا كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈردى، ئەگەر ئامېرىكا تەرەپ تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش تەدبىرىنى يولغا قويسا، جۇڭگو تەرەپ زۆرۈر قارشى جازا تەدبىرى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ، بارلىق ئاقىۋەتنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكا تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە تارىخىنى ئەسلىسەك، جۇڭگو ئەزەلدىن سىرتنىڭ بېسىمىغا باش ئەگكەن ئەمەس، بۇ نۇقتا خېلى بۇرۇنلا دۇنياغا تونۇشلۇق. جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇشتەك پۇختا ئاساسنى تىرەك قىلغان، جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى تىرەك قىلغان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت مەدىتىنى تىرەك قىلغان، سىرتنىڭ بېسىمىغا باش ئېگىش مۇمكىنچىلىكى قەتئىي يوق، شۇنداقلا ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىدە سودىلاشمايدۇ.

شۇنى كۆرسىتىشكە ئەرزىيدۇكى، نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاخىرقى چەكتە بېسىم ئىشلىتىشكە مەستخۇش بولغانلىقى ئاللىبۇرۇنلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك بىزارلىقى ۋە ئاشكارا قارشىلىقىنى قوزغىدى. تۈرلۈك يولسىز تەلەپلەر، زومىگەرلىك قىلمىشلىرى ئامېرىكىنىڭ ئوبرازىنى بىراقلا چۈشۈرۈۋەتتى. ئاۋسترالىيە سودا، ساياھەت ۋە سېلىنما مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سىمون بېرمىڭخام يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىن قوشۇپ ئالغان تاموژنا بېجى «پۈتۈن يەر شارى ئىقتىسادىغا، ئاۋسترالىيەگە ھەمدە جۇڭگو - ئامېرىكىنىڭ ھەممىسىگە پايدىسىز»، ئەگەر ئاخىرىدا يولغا قويۇلسا، «دۇنيا سودا تەشكىلاتى (WTO)نىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشى مۇمكىن». ھەتتا ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىمۇ، نۇرغۇن بىلىملىك زات قاتتىق تەشۋىشلەندى: بۈگۈنكى ئامېرىكا ئاللىبۇرۇن «مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆزىنى يېتىم قالدۇرۇپ»، «ئىستراتېگىيەسىز رايونغا قەدەم قويدى».

ئاخىرقى چەكتە بېسىم ئىشلىتىشنىڭ يىلتىزى زومىگەرلىك تەپەككۇرىدا، «ئورمانلىق قائىدىسى»دە بولۇپ، زورلۇق كۈچىگە تايىنىپلا خەلقئارا ئەخلاق، ھەققانىيەت، ھەقىقەت ۋە قائىدە سىستېمىسىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغانلىقتىندۇر. ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ سودا مەسلىھەتچىسى پېتىر ناۋاررونىڭ سۆزلىرىدە زوراۋانلىق پىسخىكىسى تولۇق ئاشكارىلاندى: «ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەردىن خېلىلا زور ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولغاچقا، باشقا دۆلەتلەر(ئامېرىكىغا) ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىر قوللىنىشقا پېتىنالمايدۇ».

خارۋارد داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جوسېف نېي يېقىندا ماقالە يېزىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ھوقۇق بىلەن ئۆزئارا تايىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئامېرىكىنىڭ يەر شارىۋى ئۆزئارا تايىنىشتىكى ئىمتىيازلىق ئورنى زىيادە ئىشقا سېلىنسا، ئۇستاتلىق قىلىمەن دەپ چاندۇرۇپ قويىدۇ. ئىسپانىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاننا پاراسىئو يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر «مۇستەقىل ئىپتىدائىي كۈچ ئىشلىتىپ، <ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش> قارالمىسىنى دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىغا زورلاپ تېڭىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ»، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئاقىۋىتى «ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ ھەم ئاپەت پەيدا قىلىدۇ». نۇرغۇن غەرب كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئالدىن ھۆكۈم قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ غەرىزى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

ئادەم ئالدايدىغانلار پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، ئادەم قورقۇتىدىغانلار مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېقىمغا قارشى ھەرىكەتلىنىش قىلمىشى مۇقەررەر كىشىلەردە كۆپ تەرەپچىللىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە قارىتا تېخىمۇ كۆپ تەپەككۇر ۋە ھەرىكەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، زومىگەرلىك ئويۇنى قانچە يېتەرلىك بولسا، تاماشىبىنلار شۇنچە قىزىقمايدۇ، بىمەنە ئويۇننىڭ ئاقىۋىتىمۇ ئوت ئوينىغۇچىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى