تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

غەمخورلۇق ۋە ئۆزىنى كۈچەيتىش جەريانىدا ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش

− باش شۇجى شى جىنپىڭ غەم يېگەن خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى «ئاجىزلارنىڭ يار - يۆلىكى بولۇش» قىسمى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

[مۇقەددىمە]

ئاجىزلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن گۈزەل ئەخلاقى.

تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، جەمئىيەتتە يەنە قىيىنچىلىقى بار بىر قىسىم ئامما مەۋجۇت. بۇ بىر قىسىم كىشىلەرگە خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئاجىزلارنىڭ يار - يۆلىكى بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش − پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى.

مېيىپلەرنى ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئىش ئورنىدىن قېلىپ قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كۈنلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش، پاراڭلىشىش - سىردىشىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش... باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسى، ھال - ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلگەن قىيىنچىلىقى بار ئاشۇ ئاممىنى قايتا زىيارەت قىلىش جەريانىدا، مۇخبىر ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا تولغانلىقى، توختىماي ئالغا بېسىۋاتقانلىقى، كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى، ئېلىشىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، غەيرىتى تېخىمۇ ئېشىۋاتىدۇ، ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ.

[بىرىنچى ھېكايە]

ئۆزىنى كۈچەيتىش، يېپيېڭى قىياپەت بىلەن قايتا قەد كۆتۈرۈش

«سەن قۇتقۇزۇۋېلىندىڭ، بىر كىچىك ئەسكەر يامغۇرلۇقىنى ئۈستۈڭگە يېپىپ قويدى

«مېنى تارتىپ چىقارغىنى بىر ليەنجاڭ ئىدى، كېيىن ئاڭلىسام ئالتە ياشلىق بىر يېتىم بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن

«ئۇ تاڭشەندە مەڭگۈلۈك قاپتۇ

«قەدىرلىك دوستۇم، قايتا دېيىشىمنىڭ ئورنى بارمۇ؟!

«بۇنداق ھەقىقىي ھېكايىنى يۈز كۈن سۆزلىيەلەيمەن...»

2016- يىلى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى، يارىلىنىپ كەسمە پالەچ بولۇپ قالغان ياڭ يۈفاڭ، گاۋ جىخۇڭ ئەر - خوتۇن ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېينىڭ تاڭشەن شەھىرىگە كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. تاڭشەن شەھەرلىك كەسمە پالەچلەر ساناتورىيەسىدە ياڭ يۈفاڭ، گاۋ جىخۇڭ ئەر - خوتۇن باش شۇجى شى جىنپىڭغا «سىلەرنى كۆرۈپ تولىمۇ يېقىنلىق ھېس قىلدىم» دېگەن ئىجادىي شېئىرنى ھەۋەس بىلەن دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.

«دەسلەپتە خېلىلا جىددىيلەشتىم، لېكىن جىددىيلىكىم تېزلا پەسەيدى.» ياڭ يۈفاڭنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، شۇ كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، كۆيۈنگەن ھالدا ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى، نۆۋەتتە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى سۈرۈشتۈرگەنىدى... «خۇددى كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان كونا دوستلاردەك پاراڭلاشتۇق، سىرداشتۇق».

«ساغلام كىشىلەر ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزسە بولىدۇ، مېيىپلەرمۇ ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزسە بولىدۇ». گاۋ جىخۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئۇلارغا زور ئىلھام بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى ياشانغانلارغا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقاتقان؛ قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساپ خەير - ساخاۋەتكە ئاتاپ سېتىپ، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلغان...

«قول سېلىپ ئىش قىلالايدىغان، بىرنەرسە يازالايدىغان، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلالايدىغان ئىكەنمەن، كۆپچىلىككە گۈزەللىك ئاتا قىلىشىم كېرەك» دېدى گاۋ جىخۇڭ.

ياڭ يۈفاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ بىرقانچە يىلدا ئۇنىڭ پېنسىيە مائاشى ھەر يىلى ئۆسكەن، دۆلەت يەنە مېيىپلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە يار - يۆلەك بولىدىغان باج ئېتىبار سىياسىتىنى چىقارغان. ئۇ ھازىر باشقىلارغا ئاچقۇچ ياساپ بېرىدىكەن، بۇنىڭغا ئىككىسىنىڭ پېنسىيە پۇلىنى قوشقاندا، ھەر ئايدا 7000 - 6000 يۈەن كىرىم بولىدىكەن، تۇرمۇشقا كېتىدىغان خىراجىتى ئانچە كۆپ ئەمەس ئىكەن، ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن ئىمكانىيىتى يار بەرسە، ئۇلار بىر قىسىم پۇلىنى ياردەمگە تېخىمۇ موھتاج كىشىلەرگە ئىئانە قىلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

«داۋالاش خادىمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يارىدارلارنى، مېيىپلەرنى تۇغقان بىلىپ، يارىدارلارنى، مېيىپلەرنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز.» تاڭشەن شەھەرلىك كەسمە پالەچلەر ساناتورىيەسىنىڭ ساناتورىيە باشلىقى ياڭ جېنشېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىر تەرەپتىن خۇددى قۇرۇلۇۋاتقان تاڭشەن شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىگە ئوخشاش ياخشى بولغان قاتتىق دېتال يارىتىلىۋېتىپتۇ، كەلگۈسىدە ساناتورىيەدىكى ياشانغانلارنىڭ كۆچۈپ كىرىشى ئۈچۈن يېتەرلىك كارىۋات سەپلىنىدىكەن؛ بىر تەرەپتىن داۋالاش خادىملىرى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلارغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلىپ، كەسپىي كۈتۈش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدىكەن.

«ماددىي جەھەتتە يېتەرلىك كاپالەتلەندۈرۈلگەندىن سىرت، يەنە روھىي جەھەتتىنمۇ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەك.» ياڭ جېنشېڭ مۇنداق دېدى: ساناتورىيە كۇتۇپخانا، پىسخىك مەسلىھەت ئۆيى، قۇياش نۇرى پائالىيەت ئۆيى تەسىس قىلدى، داۋالاش خادىملىرى ساناتورىيەدە تۇرۇۋاتقانلار بىلەن قەرەللىك سىردىشىدۇ، بەزى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارمۇ دائىم ساناتورىيەگە كېلىپ پىدائىيلار پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. نۇرغۇن ياشانغان كىشى: تاشقى دۇنيانى چۈشىنىدىغان كۆزنەك تېخىمۇ چوڭ ئېچىلدى، دېدى.

«كەڭ زېمىن يەنە بىر مېنى قايتا ياراتقان ئىكەن، مەن بۇ دۇنيادا يېپيېڭى قىياپەت بىلەن قايتا قەد كۆتۈرۈشۈم كېرەك»، بۇ جۈملە ساناتورىيەدىكى نۇرغۇن مېيىپنىڭ ھېكمەتلىك سۆزىگە ئايلاندى.

[مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى]

بىر ساغلام ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، بەدەننىڭ تۆۋەن قىسمىدا سېزىم بولماسلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس، چوڭ - كىچىك تەرەتنى تۇتالمايدىغان ھالەتتە قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلالمايدۇ. كەسمە پالەچ ئاغرىقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، «瘫» خېتى «病» خېتىنىڭ يان بۆلىكىگە «难» خېتىنى قوشۇپ يېزىشتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مېيىپلىكنىڭ كىشىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئازابىنى ياندىن چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىكەن.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مېيىپلەر ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. دۆلەت قاتلىمىدا نەچچە مىليون مېيىپ ئاھالىنى قاپلىغان، تۇرمۇش ياردەم پۇلى، پەرۋىش ياردەم پۇلى، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياردەم پۇلى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مېيىپلەر مەخسۇس پاراۋانلىق تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى تەرەققىيات سەۋىيەسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، مېيىپلەرنىڭ بىرىمۇ كەم قالسا بولمايدۇ. بەختلىك جۇڭگودا، مېيىپلەرمۇ ئوخشاشلا ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشىپ، جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلالايدۇ.

[ئىككىنچى ھېكايە]

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئاتلىنىش

«باش شۇجى سەمىمىي، يېقىشلىق كىشى.» ئارىدىن ئالتە يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەن چاغدىكى كۆرۈنۈشلەر سۇڭ لۇڭجياڭنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە.

2013- يىلى 8- ئاينىڭ 30- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋنىڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، شېنياڭ شەھىرىنىڭ شېنخې رايونى دانەن كوچىسى دوفۇ مەھەللىسىگە كېلىپ، ئىش ئورنىدىن قېلىپ قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقان خىزمەتچى سۇڭ لۇڭجياڭنىڭ ئۆيىگە كىردى.

مەھەللىنىڭ مۇلازىمىتى ياخشىمۇ، ئىللىق ئۆي قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قىشتا تېمپېراتۇرا قانچە گىرادۇس ئۆرلىدى، ئائىلىڭىزدە يەنە قانداق قىيىنچىلىقلار بار... باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆيۈنگەن ھالدا سورىدى.

ئۇ چاغدا سۇڭ لۇڭجياڭنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىن ئىدى: ئۇ بىر ئاپتوموبىل ئەشيا ئوبوروتى كارخانىسىغا قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانىدى، ئەمما ھەر ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەندىن كۆپرەكلا ئىدى؛ خوتۇنى ئىش ئورنىدىن قېلىپ ئۆيدە كېسەلچان ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى؛ ئوغلى ئەمدىلا بىر ئاپتوموبىل بېزەكچىلىك دۇكىنى ئاچقانىدى، نەۋرە قىزى تېخى بىر ياشقىمۇ كىرمىگەنىدى...

بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئاخىرىدا، مۇخبىر سۇڭ لۇڭجياڭنىڭ ئۆيىگە باردى، 73 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي پاكىز، رەتلىك يىغىشتۇرۇلغانىدى. سۇڭ لۇڭجياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىللاردا تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى، ئۆيىمىزنى ئاددىي بېزىۋالدۇق، يېڭىدىن سافا ئالماشتۇردۇق، كىتاب ئىشكاپى ئالدۇق.

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، مەھەللە سۇڭ لۇڭجياڭنىڭ ئوغلىغا ياردەملىشىپ 80 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق ئۆسۈمسىز قەرز پۇل ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە يار - يۆلەك بولدى. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، سۇڭ لۇڭجياڭنىڭ ئوغلىنىڭ سودىسىمۇ ياخشىلاندى.

2017- يىلى، سۇڭ لۇڭجياڭ پېنسىيەگە چىقتى، ھەر ئايدا پېنسىيە پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئېلىپلا قالماستىن، يەنە سوممىسىمۇ ھەر يىلى ئۆرلىدى.

سۇڭ لۇڭجياڭ تۇرۇشلۇق دوفۇ مەھەللىسىنىڭ چوڭ قورۇسىدا يېڭىدىن ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. مەھەللە پارتكومىنىڭ شۇجىسى مېڭ شياۋدەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىشكە ھۆكۈمەت 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى، ئالدىنقى قېتىمدىكى تۇرۇبا سۈيى، كۆمۈر گازى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىش ئاساسىدا، مەھەللىنىڭ مەنزىرىسى، ئەۋرەز يولى، يورۇتۇش قاتارلىقلارنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، مەھەللىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈزۈل - كېسىل ياخشىلايمىز.

«شۇنچە يىللاردىن بۇيان، بىز پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر باش شۇجىنىڭ <كۈنلىرىڭلارنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈڭلار> دېگەن تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، بۇ ئارزۇ ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدۇق» دېدى سۇڭ لۇڭجياڭ.

[مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى]

سۇڭ لۇڭجياڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئىش ئورنىدىن قېلىپ قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقان نۇرغۇن ئائىلىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ بەختكە يۈرۈش قىلىش قەدىمىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پەسەيتىش ۋە شاللاشقا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەھمىيىتى مۇھىم، زور.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى پائال ياراتتى: ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بازار ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ياردەم قىلىپ ھەل قىلدى؛ ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى مۇلازىمەت ساھەسىدە قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىدى؛ بازار سۇبيېكتلىرى، بولۇپمۇ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئۈچۈن باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ياراتتى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى. مەركەز غەمخورلۇق قىلماقتا، يەرلىك ھەرىكەتلەنمەكتە، بارغانسېرى كۆپ سۇڭ لۇڭجياڭلار يېڭى ئىش ئورنىدا ئەمگىكى ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش ياراتقۇسى.

[ئۈچىنچى ھېكايە]

ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۇنىڭ چېھرىدە ئەكس ئەتتى

«باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆيۈمگە كەلگەن چاغدا، ئۆينىڭ يېرىمىنى توپا كاڭ ئىگىلىگەن، قالغان يېرىمىغا ئىككى ئىشكاپ ۋە بىر ئۈستەل قويۇلغان بولۇپ، ئۆرۈلگىلىمۇ بولمايتتى».

يازنىڭ بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، خېبېي ئۆلكىسى فۇپىڭ ناھىيەسىنىڭ لوتوۋەن كەنتىدە كەنت ئاھالىسى تاڭ زۇڭشيۇ ئىشارەت قىلغىنىچە مۇخبىرغا ئەسلەپ بەردى.

2012- يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇپىڭ ناھىيەسىگە كېلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. 12- ئاينىڭ 30- كۈنى ئەتىگەندە، ئاپئاق قارنى كېچىپ، تاڭ زۇڭشيۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى. «باش شۇجى مەندىن قانچە مو يەر تېرىيدىغانلىقىمنى، ئاشلىقنىڭ يېتىدىغان - يەتمەيدىغانلىقىنى، ئىسسىنىدىغان كۆمۈرنىڭ يېتىدىغان - يەتمەيدىغانلىقىنى سورىدى...»

«شۇ كۈنى ھاۋا بەك سوغۇق ئىدى، ئەمما قەلبىم ئىللىقلىققا تولدى» دېدى تاڭ زۇڭشيۇ ئەينى چاغدىكى كەيپىياتىنى ئەسلەپ.

تاڭ زۇڭشيۇ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا ئۆينىڭ سىرتىدىكى چىغىر يولغا شېغىل ياتقۇزۇلغان بولۇپ، ماڭغاندا ئوڭغۇل - دوڭغۇل بىلىنەتتى. «ھازىر ھەممە يول ئاسفالتلىشىپ بولدى، كەنتتىكىلەر ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىپ ھېس قىلىشى ئۈچۈن شېغىللىق چىغىر يولدىن بىرقانچىنى قالدۇرۇپ قويمىغىنىغا پۇشايماي قىلىدۇ» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

بۈگۈنكى كۈندە، تاڭ زۇڭشيۇ ئائىلىسىنىڭ كونا ئۆيى بىرنەچچە ئېغىزلىق يېشىل خىشلىق چوڭ كاھىشلىق ئۆيگە ئۆزگەرتىلدى، گۈللۈك رەختلىك ئىشىك پەردىسى ھويلىنى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرسىتىپ تۇراتتى.

دۈەنچياۋ ئاليومىن ئىشىك - دېرىزە، ئاستىدىن ئىسسىيدىغان پار بار ئىدى، ئاشخانىغا ئىشكاپ ۋە بۇستارتقۇ ئورنىتىلغان، ھاجەتخانىدا سۇ چۈشۈرۈلىدىغان تەرەت قاچىسى ۋە سۇ ئىسسىتقۇچ بار ئىدى... مۇخبىرنى ئەگەشتۈرۈپ يېڭى ئۆيىنى بىر قۇر زىيارەت قىلدۇرغاندىن كېيىن، تاڭ زۇڭشيۇ رازىمەنلىكىنى يوشۇرالمىغان ھالدا: «بىز دېھقانلارمۇ شەھەرلىكلەردەك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولدۇق»، دېدى.

كەڭ - كۇشادە ئۆيدە ئولتۇرغاندىن كېيىن، تاڭ زۇڭشيۇمۇ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىغا يەتتى − ئىلگىرىكى يىللىرى چاغاندا ئۆي كىچىك بولغانلىقتىن، تۆت بالىسى ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ بىللە ھېيتلاپ كېلەلمىگەچكە، ئانچە قىزىپ كەتمەيتتى. تاڭ زۇڭشيۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئوخشىمايدۇ، بۇ يىل چاغاندا بالىلىرىم پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ كەلدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قانچىلىك قىزىپ كەتكەنلىكىمىزنى دېمەيلا قويۇڭ.

«لوتوۋەن كەنتىنىڭ ئۆزگىرىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.» ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنغاندا، خېبېي ئۆلكىلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ لوتوۋەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق كەنت كادىرى خۇاڭ ۋېنجۇڭنىڭ چوڭقۇر تەسىراتى بار. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەنتتە بۈگۈنكى كۈندە كەنت كوللېكتىپ كارخانىسى بار بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسىگە پايدا تەقسىم قىلىندى.

2017- يىلى، تاڭ زۇڭشيۇنىڭ ئائىلىسى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى. بۇ يىل پۇتىنىڭ كونا ئاغرىقى خېلى ياخشى بولۇپ قالسا، ئۇ ئېرى بىلەن بىللە كەنت كوللېكتىپ كارخانىسىغا بېرىپ ئىشلەشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ، بۇنداق بولغاندا بىر ئايدا نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدىكەن.

ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئۈستىدە توختالغاندا، تاڭ زۇڭشيۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كۈنلىرىمىز ياخشىلاندى، باش شۇجىنىڭ يەنە كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

[مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى]

چوڭقۇر تاغلىق رايون، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، ياشانغانلار، بۇ سۆزلەرنىڭ بىرىكىشىدىن قانداق بىر رەسىم ھاسىل بولىدۇ؟

مۇخبىر بۇ ئۈچ سۆزنىڭ ھەممىسىگە مۇناسىۋەتلىك تاڭ زۇڭشيۇنى كۆرگەندە، ئىشەنچ ئۇنىڭ چېھرىدە ئەكس ئەتكەنىدى. ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش - يۆلەش تاڭ زۇڭشيۇنى تۇرمۇشتىكى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇردى، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ تاملىرىدىكى «ئىشەنچ بولسىلا، سېرىق توپىمۇ ئالتۇنغا ئايلىنىدۇ» قاتارلىق شوئارلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي جەھەتتىكى ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى.

تۈرلۈك ئاماللار بىلەن غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالىنى كۆڭۈلگە پۈكۈش. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى: 2013- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، مەركەز مالىيەسىدىن شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت، داۋالاش - قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىقلارغا سېلىنغان مەبلەغ جەمئىي 840 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %9.2، %14.7 ئاشتى؛ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، نامرات ئاھالە، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى قاتارلىق كىشىلەر توپىغا بولغان غەمخورلۇق ۋە مۇلازىمەتنى كۈچەيتتى...

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياردەم بېرىشى، يۆلىشى، قوللىشىدا، قىيىنچىلىقى بار ئامما ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش نىشانىغا قاراپ تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىمەكتە.

(مۇخبىرلار ۋاڭ چى، جاۋ خۇڭيۈ، شى چىڭۋېي، يۈ يېتۇڭ، ۋۇ خۇييىڭ، ياۋ بىڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.