سۈرەتتە: 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ساياھەتچىلەر باركۆل كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئوينىماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)
3- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى بىرلىكى: 100 مىليون
سانلىق مەلۇماتلار مەنبەسى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى
ئىسخېما تۈزگۈچى: جاڭ يۇڭ
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى تەدرىجىي سەرخىللىشىپ، دەرىجىسى ئۆستى، ھازىر يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس، سانائەتنى يېتەكچى قىلغان، 3- كەسىپ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن دەسلەپكى زامانىۋى سانائەتلەشتۈرۈش سەۋىيەسىگە ئىگە كەسىپ قۇرۇلمىسى شەكىللەندى. ئىگىلىنىشىچە، 2018- يىلى، شىنجاڭنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى تەڭشىلىپ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلگەن، ئىقتىساد قۇرۇلمىسى يەنىمۇ سەرخىللاشقان، بولۇپمۇ «ئالاقە تورى +»، ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەر. 3- كەسىپ بىرىنچى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %62.3كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 4.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.