تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا %52 مەبلەغ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىككە سېلىندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ شۆفېڭ مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كەسپىگە كىردى، شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكى تىجارىتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپىگە كىردى، شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار خوتەندە ۋەنفاڭ يۆزوۋ ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قۇردى... بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى بىر تۈركۈم دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىككە قەدەم قويۇشىغا پائال مەدەت بەردى ۋە ئۇنى يېتەكلىدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلەت كارخانىلىرى %52 مەبلەغنى يېڭى ساھەگە سالدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت كاپىتالىنىڭ كەسىپ جايلىشىش قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى.

دۆلەت قاتلىمىدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ «N+1» سىياسەت سىستېمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «بىرى پىشىپ يېتىلسە، بىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش» پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايون ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ھۆججىتىدىن 32نى ئېلان قىلدى، مەزمۇنى قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، بازارلاشقان ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئىسلاھ قىلىش ھوقۇقى بېرىش ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، كارخانا باشقۇرۇشتىكى ئىجتىمائىي، تارىخىي قالدۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت سەككىز جەھەتنى قاپلىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا «ئاساسىي قۇرۇلما»لىق سىياسەت سىستېمىسى رامكىسى بەرپا قىلىنىپ تاماملاندى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتتى. شۆفېڭ گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ يۈشياڭ خۇياڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىكتىكى ھەم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى سەككىز تۈرلۈك دۆلەت كارخانىسىدا ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇشنى بېكىتتى؛ كارخانىلارنىڭ كاپىتالنى ئاكسىيەلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پېيىنى بازارغا سېلىپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتتى. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قارىمىقىدىكى خېڭشېڭ بېرىللىيچىلىقى ۋە شىنجاڭ ساڭمەييۈەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ پاي ئىگىلىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتتى.

دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى دەرىجىسىنى قىسقارتىپ، باشقۇرۇش قاتلىمى دەرىجىسىنى 3-، 4- دەرىجە ئىچىدە كونترول قىلدى؛ ئاساسىي كەسىپ بىلەن باغلىنىش دەرىجىسى تۆۋەن، مەبلەغ سېلىش پايدىسى تۆۋەن بولغان قانۇنىي ئىگە ئورۇنلارنى ئازايتتى، بۇلتۇر تۆۋەن ئۈنۈملۈك، ئۈنۈمسىز ۋە مۇردا كارخانىدىن 43نى بىر تەرەپ قىلىشنى تاماملاش ئاساسىدا، بۇ يىل بەش مۇردا كارخانىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى يەنە دۆلەت كاپىتالى سېلىنمىسى تىجارىتى مەخسۇس تۈرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى. شىنجاڭ سېلىنما تەرەققىيات (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە سېلىنما چەكلىك شىركىتى دۆلەت كاپىتالى سېلىنمىسى، تىجارىتى شىركىتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 14 تۈرلۈك مۇدىرىيەت ۋەزىپە ھوقۇقى بېرىپ، كۈچەپ تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىپ، مېخانىزمنى ئۆزگەرتىپ، ئەندىزىنى ئۆزگەرتىپ، دۆلەت كاپىتالى سېلىنمىسى، تىجارىتى شىركىتىنى ھەقىقىي تۈردە دۆلەت كاپىتالىنى بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشتىكى كەسپىي سۇپا قىلىپ بەرپا قىلدى. شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ لەنشەن تۈنخې خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى، غەربىي قىسىم ئالتۇن پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ مېيكې خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت تۆت كارخانا گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى «قوش يۈز ھەرىكىتى»گە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللىنىپ، تىرىشىپ ئىسلاھاتنىڭ نۇقتىلىق ساھەسى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىدا ئالدىن بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇردى.

تىجارەت خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلكىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش جەھەتتە، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلاردىكى 38 كارخانا دۆلەت مۈلكىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە كىرگۈزدى. شىنجاڭ بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى 1238 كارخانىنىڭ ھەممىسى دۆلەت مۈلكىنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا تەرتىپ بىلەن كىرگۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى