تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئەمىن ئۆي ئارزۇسىغا يېتىپ، بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن

− باش شۇجى شى جىنپىڭ غەم يېگەن خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى «ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇش» قىسمى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

[مۇقەددىمە]

«پەقەت يەنە بىر ئائىلە ھەتتا بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنمايدىكەن، بىز غەمسىز يۈرسەك بولمايدۇ...»

تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسى ھەم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، ھەم تەرەققىيات مەسىلىسى بولۇپ، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا مۇناسىۋەتلىك، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك.

«ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي، تۇرالغۇ قىلىش»تەك ئورۇننى بېكىتىشتىن ئۆي - زېمىننى ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمىغىچە، تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتىدىن تەمىنات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغىچە، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىن كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشكىچە... پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقرالارنىڭ ئەمىن ئۆيىگە، ھال - ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، باشتىن - ئاخىر «ئومۇم خەلقنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش»نى بىرتۈرلۈك مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىسى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىزىنى بويلاپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى قايتا زىيارەت قىلىش جەريانىدا پۇقرالارنىڭ «ئەمىن ئۆي ئارزۇسىغا يەتكەن» خۇشال چىرايلىرىنى كۆردى، ئۇلارنىڭ «يېڭى»دىن يولغا چىقىپ، بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق بەختلىك ھەم قەدىر - قىممەتلىك تۇرمۇش يارىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

[بىرىنچى ھېكايە]

«دېھقانچىلىققىلا تايىنىدىغان» تۇزۇلار يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، يېڭى كەسىپ تىكلىدى

ھاراقنىڭ قويۇق خۇش پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلاتتى. چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خەيدۇڭ شەھىرى خۇجۇ تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ۋۇشى بازىرى بەنيەن كەنتىدە، 55 ياشلىق لۈ يوۋجىن ئۆيىدە توكلۇق كاڭ ئۈستىدىكى بىر قانچە ئىدىشتىكى ھاراق تىرىپىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭ ئېچىش ئەھۋالىنى كۆرۈۋاتاتتى.

لۈ يوۋجىن ئائىلىسىنىڭ يەتتە - سەككىز ئېغىزلىق ئۆيى ئۆزگىچە سېلىنغان بولۇپ، ئۆينىڭ ئاساسلىق لىملىرىغا شۇ يەردە مودا بولۇۋاتقان ياغاچ ئويما، سىرچىلىق ھۈنىرى قوللىنىلغان. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالغان ھاراق ئېچىتىش ھۈنىرىنى قولىغا ئېلىپ، ھاراق ئېچىتىش ئائىلىۋى ھۈنەرخانىسى ئاچتى.

ئاشخانىدا ھاراق چىقىرىدىغان ئارپا قايناۋاتاتتى، ئاساسىي ئۆيگە تەييار قىلىنغان ئون نەچچە كۇپ ھاراق تىزىپ قويۇلغانىدى. دېرىزە سىرتىدىكى تۆت پۇڭ كېلىدىغان ھويلىنىڭ تېمىغا تۇزۇلار قەدىرلەيدىغان ھەسەن - ھۈسەن سىزىلغان بولۇپ، كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

ۋاقىتنى 2016- يىلى 8- ئايغا ياندۇرساق، باش شۇجى شى جىنپىڭ بەنيەن كەنتىگە كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەن. ئۇ كەنت ئاھالىسىنىڭ يېڭى ئۆيلىرىگە كىرىپ ئۆينىڭ كۆلىمى، قۇرۇلمىسى، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى كۆرۈپ، يېڭى ئۆي قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلغان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان. لۈ يوۋجىننىڭ ئېسىدە شۇنداق ئېنىق تۇرۇپتىكى، شۇ كۈنى باش شۇجى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، يۇرتداشلار ئىلگىرى تۇرغان كونا كەنتنىڭ ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سىننى كۆرگەن.

«ئون يىلنىڭ توققۇز يىلىدا قۇرغاقچىلىق بولۇش، دېھقانچىلىققىلا تايىنىش». باشقا جايغا كۆچۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، لۈ يوۋجىن چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ليۇپەنشەن تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىق رايونىدىكى ناۋشەن رايونىدا ئولتۇراتتى. غار سۈيى ئىچىش، تاغ يولىدا مېڭىش، يەتتە كىلومېتىرلىق تىك ھەم ئوڭغۇل - دوڭغۇل توپا يول ئۇنى ۋە يۇرتداشلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد بۇ تاغدا غۇربەتچىلىكتە قالدۇرغانىدى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت سىلەردەك مۇشۇنداق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق سىلەرنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى لۈ يوۋجۈننىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

ياخشى كۈنلەر راستتىنلا كەلدى! لۈ يوۋجىن ئائىلىۋى ھاراق ئېچىتىش ھۈنەرخانىسى ئاچقان بىرىنچى يىلىلا 30 مىڭ يۈەن تاپتى.

«جايلىشىۋالغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىزىغا سېلىشىمىز، تۇرمۇشتا ئۆزىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەك.» لۈ يوۋجىن مۇخبىرغا باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، تەرەققىياتتا يەنە ئارقىدا قېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ <قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىدۇق>، قەددىمىز بىردىنلا رۇسلاندى!»

يېڭى كەنت يېڭى كەيپىياتقا تولدى، تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلدى، تۇرۇبا سۈيى تۇتاشتۇرۇلدى، ئاپتوموبىلنى ئىشىك ئالدىغىچە ھەيدەپ كەلگىلى بولىدىغان بولدى. ئولتۇراق رايون بىلەن باقمىچىلىق رايونى ئايرىپ سېلىندى، ھەربىر ئائىلە سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانا سالدى، سۇ چىقىرىش تۇرۇبىسى تورلاشتۇرۇلدى، كەنتتە كۈنىگە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى 100 توننىغا يېتىدىغان پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى قۇرۇلدى، پاسكىنا سۇ كەلسە - كەلمەس ئېقىپ يۈرمەيدىغان، ئەخلەت قالايمىقان تۆكۈلمەيدىغان بولدى.

«بۇ پەسىل سودا كاسات پەسىل. بىكار قالسام قىز نەۋرەمنى باقىمەن.» مۇخبىر لۈ يوۋجىن كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ، ئۇنىڭ قىز نەۋرىسىنىڭ ھوجرىسىدىكى كاڭغا كىتاب قويۇلغانلىقى، كاڭنىڭ يېنىغا كىچىك ئۈستەل قويۇلغانلىقىنى كۆردى. «ئۆيدىن كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن پىيادە ماڭساق ئون مىنۇتمۇ كەتمەيدۇ، بۇنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتۇق».

[مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى]

«ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇش» ھەم ۋەدە، ھەم مەسئۇلىيەت. تۇرالغۇ مەسىلىسى مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ ئاساسي تۇرمۇش كاپالىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

«خاتىرجەم ياشاش» «خۇشال - خۇرام ئىشلەش»نىڭ ئاساسى. «نامراتلىق ئۇۋىسىدىن كۆچۈرۈش» «نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش»تا، رېتسېپنى توغرا يېزىپ، يولنى توغرا تېپىش كېرەك. ئالاھىدە رايونلارغا قارىتا نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى يولغا قويۇپ، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ۋە ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، مائارىپ، تەربىيەلەش، كەسىپ جەھەتتىن يېتەكلەشنى ماسلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن نامرات ئاھالىنىڭ ھەقىقىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە يۈرۈش قىلىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.

[ئىككىنچى ھېكايە]

«ئىچىمۇ گۈزەل، تېشىمۇ گۈزەل» خۇتۇڭ كونا بېيجىڭنىڭ «يېڭى يۇرتنى سېغىنىش»ىنى بايان قىلماقتا

كونا خىش، كونا بىنا، كۈل رەڭ تام، يېشىل كاھىش، بېيجىڭ جەنۇبىي لوگۇشاڭ تەۋەلىك رايونى يۈئېر خۇتۇڭدا، قارلىغاچلار پات - پات باشتىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، كونا ئۆينىڭ لەمپىسى ئاستىدىكى قارلىغاچ چاڭگىسىغا ئۇچۇپ كىرىپ كېتەتتى.

خۇتۇڭنىڭ غەربىي ئېغىزىدىكى يۈخې دەرياسى بويىدا تۇرۇپ، يىراققا نەزەر سالغاندا، يېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان، سۇلار كوچىنى كېسىپ ئۆتىدىغان گۈزەل مەنزىرىنى بۇ يەردە تۇرۇۋاتقىنىغا نەچچە ئون يىل بولغان 68 ياشلىق ئاھالە لى فۇشېڭ ھەدە قانچە كۆرسىمۇ قانمايتتى.

ئىلگىرى، بۇ يەردىكى كۆپلىگەن ھويلا كۆپ ئائىلىلىك ھويلا ئىدى. «ئەينى چاغدا خۇتۇڭ ھەقىقەتەن ۋەيرانە ئىدى، سۇ، توك ئەسلىھەلىرى قالاق، ھاجەتخانا شارائىتى ناچار ئىدى.» لى فۇشېڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ھەم تەرتىپسىز، ھەم قالايمىقان خۇتۇڭدا، تام تېشىپ ئېچىلغان كىچىك دۇكان، ئاشخانا، سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىدىن يەتتە - سەككىزى بار ئىدى».

بەش يىل ئىلگىرى، يۈئېر خۇتۇڭدىكى 29- نومۇرلۇق ھويلا ۋە 30- نومۇرلۇق ھويلا ئالاھىدە بىر مېھماننى كۈتۈۋالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، كونا قوشنىلارنى يوقلاپ، كۆپچىلىكنىڭ كوناشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشكە بولغان ئويىنى ئاڭلىدى.

بەش يىلدا، رېمونت قىلىش، تۈزەشكە ئەگىشىپ، يۈئېر خۇتۇڭى كۈنسېرى ئۆزگەردى. باش شۇجى ئىلگىرى زىيارەت قىلغان يۈئېر خۇتۇڭى 30- نومۇرلۇق ھويلىدىكى كۆپ يىللاردىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان ئۆيلەر چېقىلىپ، يەردە يېشىللىق بەرپا قىلىنىپ، كەڭرى ھويلىنىڭ كۆك خىشلىق، كۈل رەڭ كاھىشلىق، قىزىل دەرۋازىلىق، يېشىل كاتەكچە دېرىزىلىك قەدىمكى سىدام قىياپىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

كوچىلاردىكى ئۆزگىرىشنى سىرتتىكىلەر كۆرەلەيدۇ، ھويلىدىكى ھال - ئەھۋالنى پەقەت يەرلىك ئاھالىلەرلا ھېس قىلالايدۇ. ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەر چېقىلغاندىن كېيىن، يېڭىدىن يېشىللىق كۆپەيتىلدى، يوللار كېڭەيتىلدى. «ياز كۈنلىرى، كونا قوشنىلار بىلەن ھويلىدا ئولتۇرۇپ شاھمات ئوينايمىز، جاھاننىڭ پارىڭىنى قىلىپ دېيىشمەيدىغىنىمىز قالمايدۇ!» لى فۇشېڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن ناھايىتى رازى.

لى فۇشېڭنىڭ ئۆيىدە، ئاشخانا، ھاجەتخانا ئەسلىھەلىرى تولۇق. «ئېلېكتىر ماگنىت ئوچاق ئىشلىتىدىغان بولدۇق، تاماق ئېتىشىمىز كۆپ بىخەتەر، پاكىز بولۇپ كەتتى. ئىشىك - دېرىزىلەر يېڭىلاندى... تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ قولايلاشتى، تېخىمۇ زامانىۋىلاشتى. ئاخىر ئىچىمۇ گۈزەل، تېشىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولدۇق!»

بېيجىڭ دۇڭچېڭ رايونىنىڭ «ئىلتىماس قىلىش شەكلىدە ياخشىلاش» خىزمەت ئەندىزىسىدە، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ۋە تۇرمۇش مۇھىتى خېلى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، يۈئېر خۇتۇڭىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان ۋە ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى چېقىلدى. ئىشچىلار ھازىر جىددىي قۇرۇلۇش قىلىۋاتىدۇ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىش تىرىشىپ تاماملىنىپ، «كونا قوشنا»نىڭ كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ.

[مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى]

كونا شەھەرنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، تارىخىي قىياپەتنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش، ئاھالىلەرنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، بۇ، بىر تۈرلۈك خەلققە، تارىخقا مەسئۇل بولىدىغان بۇرچ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كونا شەھەر رايونى ۋە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرالغۇسىنى تېخىمۇ راھەت، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش، كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش، كۆپچىلىكنى خۇتۇڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

بېيجىڭ بىر قاتار كۆپ مەنبەلىك ئىزدىنىشنى باشلىدى: ئىلتىماس قىلىش شەكلىدە بوشىتىشتىن قوغداش خاراكتېرلىك رېمونت قىلىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خاراكتېرلىك رېمونت قىلىشقىچە ئەنئەنىۋى قىياپەتنى قايتا نامايان قىلدى؛ ئىلتىماس قىلىش شەكلىدە ياخشىلاشتىن خۇتۇڭدىكى ئاھالىلەرنى زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقىچە، يەنە ئاھالىلەر ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىپ ئورتاق ياشايدىغان ھويلىلارغىچە...

قەدىمىي خۇتۇڭغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇلۇپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي پايتەخت كونا بېيجىڭنىڭ يېڭى يۇرتنى سېغىنىشىنى بايان قىلماقتا.

[ئۈچىنچى ھېكايە]

«كونا كەپىلىكلەر»نىڭ «گۈلباغ»دىكى تۇرمۇشى بارغانسېرى گۈزەللىككە تولدى

ھال رەڭلىك، سۆسۈن رەڭلىك، ئاق رەڭلىك شەپەقگۈلى ھۈپپىدە ئېچىلىپ، سۇس ھىدى يازنىڭ سەھىرىنى قاپلىغانىدى. قولىنى سىلكىپ، سالماق قەدەم بىلەن مېڭىپ، ۋۇخەن شەھىرى چىڭشەن رايونىنىڭ چىڭيىجۈ ئولتۇراق رايونىدىكى ليۇ گۈيخۇا ئەتىگەنلىك چېنىقىش بىلەن يېڭى بىر كۈنىنى باشلىدى.

«ھازىر بىزنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى!» دېدى ليۇ گۈيخۇا ئىچ - ئىچىدىن ھاياجانلانغان ھالدا.

2018- يىلى 4- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ چىڭشەن رايونى ئىشچىلار كەنتىنىڭ كوچىسىغا كەلدى. «باش شۇجى كەپىلىك مەھەللە تۈرى قۇرۇلۇشىنى سۈرۈشتۈرۈپ، بىزنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىمىزنى ئىگىلىدى.» بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى شۇ مەنزىرە ليۇ گۈيخۇانىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە ئىدى.

«كەپىلىك مەھەللىنى ئۆزگەرتىش مىليونلىغان ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە مۇناسىۋەتلىك. شەھىرىمىزنىڭ بىر تەرىپى ئېگىز كاتتا بىنالار، يەنە بىر تەرىپى پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار كەپىلىك مەھەللە بولسا بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىن ليۇ گۈيخۇا قويۇق مېھرىبانلىقنى ھېس قىلدى.

ليۇ گۈيخۇا ئولتۇرۇشلۇق مەھەللە ئىلگىرى ۋۇخەن شەھىرىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەپىلىك مەھەللە − ئىشچىلار كەنتى ئىدى. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى، ۋۇخەن پولات - تۆمۈر زاۋۇتىنى قۇرۇش ئۈچۈن، تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن كەسىپ چوڭ قوشۇنى ئاددىي سېلىنغان لاپاس ئۆيلەرگە ماكانلاشتى، ئايلار، يىللار ئۆتۈپ ئىشچىلار كەنتى شەكىللەندى.

«شۇ چاغلاردا ئولتۇرغىنىمىزنى تۈزۈكرەك ئۆي دېگىلىمۇ بولمايتتى، كۆپىنچىسى كۆكۈچ رەڭلىك خىش بىلەن تاشپاختا كاھىشتا ۋاقىتلىق سېلىنغانىدى. ئىشىكتىن بېشىمىزنى ئېگىپ كىرەتتۇق، كۈندۈزى چىراغ ياقاتتۇق، ئاشخانا ئۆينى ياتاق ئۆي قىلاتتۇق، ھاجەتخانىغا ئۇزۇن ئۆچرەتكە تۇراتتۇق، ھەممە ئائىلە مەشكە ئوت قالايتتۇق، ھەممە ئۆيدىن بۇس چىقاتتى.» ليۇ گۈيخۇا ئالتە ياش ۋاقتىدا ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ خېنەندىن ۋۇخەنگە كۆچۈپ كېلىپ، ئىزچىل ئىشچىلار كەنتىدە تۇرغان.

كەپىلىك مەھەللىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ۋۇخەن چىڭشەن رايونىدىكى كەپە ئۆيدە ئولتۇرىدىغان 13 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىلىك، 40 مىڭدىن ئارتۇق كىشى پاكار، زەي، يامغۇر ئۆتىدىغان، شامال غۇيۇلداپ تۇرىدىغان كەپە ئۆيدىن ئازادە، يورۇق، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل زامانىۋى ئولتۇراق رايونغا كۆچۈپ كىرىپ، ئەمىن ئۆي ئارزۇسىغا يەتتى، ليۇ گۈيخۇا بىر ئائىلە كىشىلىرىمۇ 2015 - يىلى يېڭى ئولتۇراق رايونغا كۆچۈپ كىردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى يەنىلا ناھايىتى مۈشكۈل. پۇقرالارغا پايدىلىقلا ئىش بولسا، بىز تىرىشىپ قىلىشىمىز، شۇنداقلا تۈرلۈك ئامال بىلەن ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

بۈگۈنكى كۈندە، ئىشچىلار كەنتى كوچىسى ئولتۇراق رايونىنىڭ مۇھىتى كۈنسېرى ياخشىلاندى، بىنانىڭ سىرتقى يۈزى رېمونت قىلىنىپ يېپيېڭى بولۇپ كەتتى؛ ئولتۇراق رايوندا بۇلۇت قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، سۇ سىڭىشچان خىش ياتقۇزۇلۇپ، يامغۇر ياغسا پاتقاق بولىدىغان، يىغىلىپ قالغان سۇ ئېقىن بولۇپ ئاقىدىغان، «پاتقاق كېچىپ ماڭىدىغان» ئەھۋال ئۆزگەرتىلدى؛ ئولتۇراق رايوندا شەپەقگۈل، جىزىخۇا، گۈيخۇا تولۇقلاپ تېرىلدى، ئۇنىڭغا ئەسلىدىكى پىپا دەرىخى ۋە جۈزە دەرىخى قوشۇلۇپ، خۇددى بىر گۈلباغقا ئوخشاپ قالغانىدى.

«ھازىر ئەتراپتا چوڭ - كىچىك تاللا بازىرى، دورىخانىلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىقلار يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر تولۇق، مېترو 5- لىنىيەسى پات ئارىدا ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىغىچە ياسىلىدىغان بولدى، ئىككى يىلدىن كېيىن مېتروغا ئولتۇرۇپ بىر سائەتتە پۈتكۈل ۋۇخەننى تولۇق ئايلىنىپ چىققىلى بولىدۇ.» ليۇ گۈيخۇا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە چىڭشەندە تۆت مېترو لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىدۇ، كېيىن ھەمراھىم بىلەن سىرتقا چىقىپ ئايلانساق تېخىمۇ قولاي بولىدىغان بولدى.

ئوخشاشلا ئىلگىرى ئىشچىلار كەنتىنىڭ كەپىلىك مەھەللىدە 50 نەچچە يىلدىن ئارتۇق تۇرغان سۇ جۇڭشې بوۋاي مۇنداق بىر دۈيليەن يازدى: «كونا ئۆينى بىرگە بىر نىسبەتتە يېڭى ئۆيگە ئالماشتۇرۇپ بەردى، ھۆكۈمەت قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلدى»، ئوتتۇرىدىكى مىسرا «كومپارتىيەگە رەھمەت».

[مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى]

كەپىلىك مەھەللە ئۆزگەرتىلىپ، 100 مىليونلىغان ئاھالە ئەمىن ئۆي ئارزۇسىغا يەتتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بۇ مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى تەدبىرى تېز قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى.

2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، 100 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە «كەپە ئۆيدىن چىقىپ بىناغا كىرىپ» تۇرالغۇ شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. كەپىلىك مەھەللىنى ئۆزگەرتىش قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، شەھەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىككى مەنبەلىك زىددىيەتنى پەسەيتىش، شەھەر - بازارلارنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى.

ئەلنى خۇشال قىلىمەن دېسەڭ، ئۇلارنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىل! بىر خىش، بىر كاھىشتىن پۇقرالار ئۈچۈن بوران - چاپقۇنغا دالدا بولالايدىغان ئۆي سېلىنىپ، ئۇلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئاتلىنىش ئۈمىدى بەرپا قىلىندى.

(مۇخبىرلار ۋاڭ يوۋلىڭ، لو شياۋفېي، جاڭ مەنزى، لياۋ جۈن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.