تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىش

− خېنەن ئۆلكىسىنىڭ 9- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرى، قومۇل شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جۈن توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاۋ يۈۋېي

ئۈچ يىل ئىلگىرى، 45 ياشلىق لى جۈن شىنجاڭغا بولغان ئىنتىلىشى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىغا خاس سەمىمىي ساداقىتى بىلەن قومۇل تۇپرىقىغا قەدەم بېسىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىدى. مىڭ كۈنگە يېقىن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن كېچە - كۈندۈز ئالدىدا، «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دېگەن شان - شەرەپ ئالدىدا، لى جۈننىڭ قەلبى «تەشكىلنىڭ ماڭا مۇشۇنداق بىر قېتىملىق چېنىقىش پۇرسىتى بەرگەنلىكىگە رەھمەت» دېگەن مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا تولغانىدى.

«مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى، پارتىيە ۋە دۆلەت مېنىڭ قەيەرگە بېرىشىمغا موھتاج بولسا، مەن شۇ يەرگە بارىمەن، نېمە قىل دېسە شۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ياخشى قىلىمەن.» 8- ئاينىڭ 2- كۈنى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ 9- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرى، قومۇل شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جۈن ئەسلىي مەقسەتنى سەمىمىي تىل بىلەن بايان قىلدى.

 ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بېجىرىش

قومۇلغا كەلگەندىن كېيىن، لى جۈن قومۇل شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدا قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش ۋە دېلونى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شىنجاڭغا كىرىشتىن ئىلگىرى، لى جۈن ئۇزاق مەزگىل ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تارماقلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ، كۆپ قېتىم شەرەپ بىلەن 2- دەرىجىلىك، 3- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەنىدى، كۆپ يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىنى ئىشلىتىدىغان پۇرسەت كەلدى، ئۇ ناھايىتى تېزلا مۈشكۈل، ئېغىر دېلو ۋەزىپىسىگە ئاتلاندى.

2017- يىلى 7- ئايدا، قومۇل شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قومۇل شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ سابىق پارتگۇرۇپپا مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ليۇX نىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى. دېلونى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ليۇX تەكشۈرۈشكە قارشى «مۇداپىئە تېمى»نى كۆڭۈل قويۇپ قۇرۇپ، كۆرۈنۈشتە بويسۇنغان بولۇپ ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىپ، پاسسىپ قارشىلىشىپ، دېلونى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىشقا قاتمۇقات توسالغۇ پەيدا قىلدى. مەسئۇل رەھبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، لى جۈن بىر تەرەپتىن كۆپچىلىككە بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ ئىلھام بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە دېلونىڭ كىرىش نۇقتىسى، بۆسۈش ئېغىزى ۋە ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتتى. ئۈچ ئايلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە پىسخىك ھۇجۇم سۆھبىتى ئارقىلىق، ليۇX نىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتىنىڭ ئەينەن ئەھۋالى تەلتۆكۈس ئېچىپ تاشلىنىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، قومۇل شەھەرلىك پارتكوم لى جۈنگە بىر قېتىم شەخسلەر بويىچە 3- دەرىجىلىك تۆھپە يازدى.

 جاپالىق شارائىتتا قىلچە ئاغرىنماسلىق، پۇشايمان قىلماسلىق

قومۇلنىڭ كىلىماتى ئۆزگىچە بولۇپ، «بىر كۈندە تۆت پەسىل، ئون چاقىرىم ئارىلىقتا ئوخشىمىغان كۈن بولىدۇ.» 2018- يىلى يازدا، لى جۈن يۇقىرى دەرىجىلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ھەمراھ بولۇپ يېزىغا چۈشتى، يولغا چىققاندا ھاۋا ئوچۇق ئىدى، تىيانشان تېغىدىن ئۆتكەندە قېلىن قار ياغدى. تاغ يولى ئەگرى - بۈگرى، تېيىلغاق بولغاچقا، بەختكە قارشى قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، لى جۈننىڭ سول قولىنىڭ ئالىقىنى سۇنۇپ، سول پۇتى يوشۇرۇن سۇنۇپ، 9- دەرىجىلىك مېيىپ دەپ باھالاندى. ئالىقىنىدىكى پولات تاختا ۋە ئوشۇقىدىكى تارتۇق ئۇنىڭ شىنجاڭدا خىزمەت قىلغانلىقىنىڭ مەڭگۈلۈك خاتىرىسىگە ئايلاندى.

2018- يىلى 10- ئاينىڭ بېشىدا، قومۇل شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مۇھىم، زور ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەخسۇس دېلولىرىنى بېجىرىشنى يولغا قويغاندا، لى جۈن خېنەندە داۋالىنىۋاتقان ئىدى، تەشكىلنىڭ چاقىرىقىنى ئاڭلاپ، ئۇ دەرھال خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلدى. 90 كۈن ئىچىدە، لى جۈن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ شىنجاڭدىكى 140 نەچچە ئىجتىمائىي ئاپپارات ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇننى ئايلىنىپ چىقىپ، 174 دېلونىڭ جەمئىي 23 مىڭ 400 بەتتىن ئارتۇق دەلىل - ئىسپات ماتېرىيالىنى شەكىللەندۈردى، دېلوغا چېتىشلىق توققۇز خادىمنىڭ ھەممىسىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

چوڭ دېلو، ئېغىر دېلولارنى ئالدىن بېجىردى، كىچىك دېلو، كىچىك ئىشلارغىمۇ سەل قارىمىدى. بۇ يىل 3- ئايدا، قومۇل شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى بىر دېلونى بېجىرىش جەريانىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم جايغا بېرىپ ئىسپات ئېلىشقا توغرا كەلدى. ئىسپات ئېلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ بىرقەدەر زورلۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ، لى جۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، ئەترەتنى باشلاپ يۈرۈپ كەتتى. ئويلىمىغان يەردىن، مەنزىلگە يېتىپ بېرىشىغىلا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قۇم - بورانلىق ھاۋا رايىغا دۇچ كەلدى. ۋاقىت ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، لى جۈن خىزمەتداشلىرى بىلەن قۇم - بورانغا قارىماي كەنتكە چۈشۈپ زىيارەت قىلىپ، ئىسپات ئېلىش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

 ئەمەلىيىتى بىلەن تەربىيە بېرىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشكە كۈچ قوشۇش

قومۇل شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قومۇل شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانىسىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى جاڭ لى خىزمەتداشلىرىنىڭ نەزەرىدىكى «سۆزلىشىش ماھىرى» بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى لى جۈننىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تەربىيە بېرىشىدىن بولدى.

«لى شۇجى بىلەن بىللە ئىشلەپ، مەن سۆزلىشىش سەنئىتىنى ئۆگىنىۋالدىم» دېدى جاڭ لى. قومۇل شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ سابىق پارتگۇرۇپپا مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ليۇX نىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى بېجىرگەندە، تەجرىبىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، جاڭ لى بىلەن خىزمەتداشلىرى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بىلەن ئەتىگەندىن كەچكىچە سۆزلىشىپمۇ ئۈنۈملۈك ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدى، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندى. «بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، لى شۇجى بىزگە سۆزلىشىش لايىھەسى تۈزۈشنى قولمۇقول ئۆگەتتى، خادىملارنى گۇرۇپپىلارغا قانداق ئايرىش، سۆزلەشكەندە نېمىنى سۆزلىشىش، قانداق سۆزلىشىش، قانداق ئۈنۈمگە ئېرىشىش، قارشى تەرەپ قانداق ئىنكاس قايتۇرسا، بىز قانداق تاقابىل تۇرىمىز... بۇ بىزگە نۇرغۇن ئىلھام بولدى، ھەم بۇنىڭدىن نۇرغۇن ماھارەتنى ئۆگىنىۋالدۇق» دېدى جاڭ لى چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا.

تەپەككۇرى جانلىق، لوگىكىسى ئەتراپلىق، ئېھتىياتچان - ئەستايىدىل، پىكىرلىشىشكە ماھىر بولۇش، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش خىزمەتداشلىرىنىڭ لى جۈنگە بەرگەن باھاسى، شۇنداقلا كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ھازىرلاشقا تېگىشلىك ساپا.

ئادەمگە بېلىق بەرگەندىن بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتكەن ئەلا. ئۈچ يىل ۋاقىت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى، قومۇلدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، لى جۈن ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى بۇ يەردە قالدۇرۇپ، بىر تۈركۈم سەرخىل لەشكەر، قابىل سەركەردىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، قومۇل ئىنتىزام تەكشۈرۈش سېپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۈچ توپلاپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى