تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئەڭ گۈزەل كەچكى شەپەق ئۈچۈن

− باش شۇجى شى جىنپىڭ غەم يېگەن خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى «ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش» قىسمى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

【مۇقەددىمە】

كەچكى شەپەقنىڭ گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق.

ئىللىق مۇھىت، خاتىرجەم تۇرمۇش كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، مىليونلىغان ياشانغان كىشىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇش، ياشانغاندا خۇشاللىقى بولۇش، ياشانغاندا ماكانى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئېھتىياجلىق.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈتۈنۈش كاپالىتى ۋە ياشانغانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، بىر قاتار ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېقىندا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن قىسمەن كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى قايتا زىيارەت قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇھىم يوليورۇقىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ھەم كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

【بىرىنچى ھېكايە】

يىللار سالسىمۇ يۈزلەرگە قورۇق، كۈنلەر ئۆتمەكتە رەڭگارەڭ، روھلۇق

«سىجىچىڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئىللىق باھار شامىلى كىردى، شۇ چاغ دەل 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى ئىدى، رەئىس شى جىنپىڭ ساناتورىيەمىزگە كېلىپ، ياشانغانلارنى يوقلىدى...»

بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى سىجىچىڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ ياشانغانلار مودېل ئەترىتىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەنىڭ «كەچكى شەپەق» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەينى يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندىكى مەنزىرىنى ئەسكە ئالدى.

شۇ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشانغانلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، ئائىلە ئەھۋالى ۋە ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا سورىدى. ئۇ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتىدىن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر بىر ياشانغان كىشىنى خاتىرجەم، تىنچ، راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈش، ساغلام بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، ئاخىرقى ئۆمرىدە خاتىرجەم، بەختلىك ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆپچىلىكنى كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرغانلىقى، ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ ياشانغانلار مودېل ئەترىتىدىكى ليۇ جىنۋېننىڭ ئېنىق ئېسىدە: «كۆپچىلىك باش شۇجىنىڭ سۆزىدىن ئالاھىدە ئىللىقلىق ھېس قىلدى، ياشانغانلار دەرۋەقە ئاكتىپ روھىي ھالەت بىلەن تۇرمۇشقا يۈزلىنىشى، ئاخىرقى ئۆمرىنى ئېسىل ئۆتكۈزۈشى كېرەك. شۇڭا بىز 2015 - يىلى 8 - ئايدا ياشانغانلار مودېل ئەترىتى قۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ ھەممىسىنى <گۈزەل> قىلىۋەتتۇق!»

مودېل ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جاڭ جىننىڭ بىر مەھەل روھى چۈشۈپ، ئۆزىنى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە كىرگەندىن كېيىن «غىزالىنىشنى كۈتۈش، ئۇيقۇنى كۈتۈش، ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتۈش»تىن ئىبارەت «ئۈچنى كۈتىدىغان» مومايغا ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلغانىدى. لېكىن بۇ يەردىكى مول ۋە رەڭدار تۇرمۇش ئۇنىڭغا قايتا كۈلكە ئاتا قىلدى. «خۇددى بىر ناخشا تېكىستىدە دېيىلگەندەك <بۈگۈنكى كۈندە گەرچە يۈزىمىزنى قورۇق باسقان بولسىمۇ، بىراق كۈنلىرىمىز مول مەزمۇنلۇق رەڭدار ئۆتمەكتە>» دېدى جاڭ جىن.

بۈگۈنكى كۈندە، ياشانغانلار بۇ يەردە كۆڭلى ئازادە ، غەم - ئەندىشىسىز ياشىماقتا. ئەسلىدىكى داۋالاش ئۆيى ئاساسىدا، ياشانغانلار ساناتورىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنە بېيجىڭ داشۆسى ئالەم قاتنىشى مەركىزى دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە دۆلەتنىڭ داۋالاش بىلەن كۈتۈش بىرلەشتۈرۈلگەن ئۈلگىلىك ياشانغانلار ساناتورىيەسى بەرپا قىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش يېشىل يولى ئاچتى، مۇتەخەسسىسلەر قەرەللىك خالىس كېسەل كۆرىدىغان، سەييارە كېسەل كۆرىدىغان، مۇقىم كېسەل كۆرىدىغان مۇلازىمەت مېخانىزمى ئورناتتى ھەم تەدرىجىي ھالدا دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى بىلەن تېرمىنالنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«بېشىمىز ئاغرىسا، قىزىساق داۋالاش ئۆيىدىلا كېسىلىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز، دوختۇرخانىغا بارساق يېشىل يولدا ماڭالايمىز، ھەقىقەتەنمۇ بەك قولايلىق بولۇپ كەتتى» دېدى جاڭ جىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

ياشانغانلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن، ياشانغانلار ساناتورىيەسى يەنە يىنلىڭ كۇتۇپخانىسى قۇردى، چيەنسۈي خور ئۆمىكى، ئۇسسۇل ئەترىتى ئۈچۈن كەسپىي ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ بەردى. «كەچكى شەپەق» ئايلىق ژۇرنىلىمۇ سەھىپىلىرىنى يېڭىلاپ، ياشانغانلارنى ئۆز تالانتىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، ئۆگىنىش - پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى.

【مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى】

خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدە تېخىمۇ كىچىك ئىش يوق.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش 200 مىليوندىن ئارتۇق ياشانغان ئاھالىنىڭ، بولۇپمۇ ئىقتىدارىدىن قالغان، يېرىم ئىقتىدارىدىن قالغان 40 مىليوندىن ئارتۇق ياشانغان كىشىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدىكى بەختىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە چېتىلىدىغان چوڭ ئىش».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى تېزدىن كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش ئۈچۈن، 2017- يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالتە تارماق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى قۇرۇلۇشى مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى، تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرمەكچى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەخسۇس ھەرىكەتتە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ 360 مىڭ مۇلازىمەت يوشۇرۇن خەۋپىنى داۋاملىق تۈزۈشىگە مەدەت بېرىلدى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىندى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى ۋە مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىندى.

ھەم ھازىرقى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇزاق مۇددەتلىك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق قائىدىلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، «كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ئاساسىي قائىدىسى» قاتارلىق دۆلەت ئۆلچەملىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىندى، ياشانغانلارنىڭ ئاپپاراتلاردا كۈتۈنۈشتە بەھرىمەن بولىدىغان مۇلازىمىتى قېلىپلىشىش، ئۆلچەملىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىمەكتە.

【ئىككىنچى ھېكايە】

ئائىلىدىكى ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىشتا، مەھەللە رولىنى زور دەرىجىدە جارى قىلدۇردى

تومۇز ئىسسىقتا، فۇجۇ گۇلۇ رايونى جۈنمېن مەھەللىسىدىكى ئائىلە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئىچى سالقىن ئىدى. 86 ياشلىق مەھەللە ئاھالىسى ليۇ جيەنگو بىلەن 84 ياشلىق خوتۇنى ھەر كۈنى ئەتىگەندە دېگۈدەك بۇ يەرگە كېلىپ «تىزىمغا ئالدۇرىدۇ».

«بالام چەت ئەلدە خىزمەت بىلەن ئالدىراش، بىر يىلدا ئاران بىرنەچچە قېتىملا قايتىپ كېلىدۇ. بۇ يەر پاكىز، راھەت، مول چۈشلۈك تاماق ۋە كەسپىي پەرۋىش خادىملىرى بار، ئايلىق تاماق پۇلى 700 يۈەن، چۈشتە دەم ئالىدىغان كارىۋات بار، ھەقىقەتەنمۇ كۆڭلىمىزگە ياقىدۇ. بىز ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ئەتىگەندىن كەچكىچە مۇشۇ يەردە بولىمىز» دېدى ليۇ جيەنگو.

2014- يىلى 11- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ: ھازىر ياشانغانلار جەمئىيىتى، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى خىزمىتى بارغانسېرى مۇھىم بولماقتا، دېدى ھەم خىزمەتچى خادىملارغا «ياخشى ئىشلەڭلار» دەپ تاپىلىدى.

دۆلىتىمىزنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەندىزىسىدە، مەھەللىدە كۈتۈنۈش ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. نۇرغۇن جايدا يولغا قويۇلغان «9064» كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەندىزىسىدە، %90 ياشانغانلار ئائىلىدە كۈتۈنىدۇ، %6ى مەھەللىدە كۈتۈنىدۇ، %4ى كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدا مەركەزلىك كۈتۈنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، مەھەللە يەنە ئائىلىدىكى ياشانغانلارنى تاماق بىلەن تەمىنلەش، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق مۇھىم فۇنكسىيەلەرنى جارى قىلدۇرىدۇ.

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا، جۈنمېن مەھەللىسىنىڭ ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستى، مۇلازىمەت كۆلىمى كېڭىيىپلا قالماي، يەنە مەھەللىدىكى ياشانغانلار ئۈچۈن 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2017- يىلى قۇرۇلغان ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنىغا مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ياشانغانلارغا ياردەم بېرىدىغان بەش خادىم سەپلىنىپ، 60 ياشتىن ئاشقان قارىغۇچىسى يوق، تەنھا، ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلارغا كۆپ تۈرلۈك مۇلازىمەت قىلىندى، ھەر كۈنى يەنە دوختۇرلارنى ھەقسىز كېسەل كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى.

مەھەللە پارتكومىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لىن دەن مۇنداق دېدى: «مەھەللىدىكى ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمىز، شۇنداقلا ئىقتىدارىمىزنى جارى قىلدۇرىدىغان سۇپا. بىز داۋاملىق تىرىشىش ئارقىلىق، بۇ يەرنى ياشانغانلارنىڭ ئىللىق <ئۆز ئائىلىسى>گە ئايلاندۇرىمىز، ياشانغانلارغا بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ <بىر ئائىلە كىشىلىرى> ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىمىز».

【مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى】

مەھەللىلەر مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنى تۇتاشتۇردى، ياشانغانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ غەمخورلۇقنى يەتكۈزدى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا، دۆلىتىمىز مەھەللىلەردە كۈتۈنۈش ۋە مەھەللىلەرنىڭ ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىشىنى قانات يايدۇرۇش جەھەتتە بىر قاتار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئائىلىدە ۋە مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئېھتىياجى بار ياشانغانلارنىڭ ئائىلىدە ياكى مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئارزۇسىنى كۈچەپ قاندۇردى.

2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ مەھەللە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى بارلىق شەھەر، بازارلاردىكى بارلىق مەھەللە ۋە يېزىلاردىكى %50تىن ئارتۇق مەھەللىنى قاپلاپ، ئائىلىنى ئاساس، مەھەللىنى تايانچ، ئاپپاراتنى تولۇقلىما قىلغان، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى.

غىزالىنىشتىن غەم قىلماسلىق، كېسەلدىن ئەندىشە قىلماسلىق، ئىگە - چاقىسىز بولسىمۇ يالغۇز قالماسلىق، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن مەھەللە ياشانغانلار مۇلازىمەت سورۇنلىرىدا بارغانسېرى كۆپ ياشانغانلار «ئۆز ئۆيىدە تۇرۇش، مەھەللىدە ياشاش»تىن ئىبارەت بەختلىك ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم، خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزمەكتە.

【ئۈچىنچى ھېكايە】

مۇلازىمەت كۆپ مەنبەلەشتى، ئىجتىمائىي كۈچلەر زورايدى

چىڭقى چۈشكە ئاز قالغاندا، لەنجوۋ شەھىرى چېڭگۈەن رايونى خۇڭشەنگېن شەرقىي يولى كوچىسى بويىدىكى بىر تەقلىدىي ياشانغانلار ساناتورىيەسى ئاشخانىسىغا مېھمانلار لىق تولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ياشانغانلار بار ئىدى.

بۇ خۇڭرۈييۈەن دەپ ئاتىلىدىغان تەقلىدىي ياشانغانلار ساناتورىيەسى ئاشخانىسىدا ھەر كۈنى 200دىن كۆپرەك ياشانغان كىشى غىزالىنىدىغان بولغاچقا، «قورۇق تېمى يوق ياشانغانلار ساناتورىيەسى» دەپ ئاتالغان.

2013- يىلى چاغاننىڭ ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ تەقلىدىي ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىگەن، يەنە بۇ جايدىكى ياشانغانلارغا ئىسسىق تائاملارنى سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىگەنىدى.

ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، لەنجوۋ شەھىرىدىكى 74 ياشلىق شەھەر ئاھالىسى دېڭ ۋېيشيەن چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا بۇ جايغا كەلدى. ئىشىكتىن كىرىپ، كارتا سۈركەپ، بېلەت چىقاردى، ئۇ مەشغۇلاتنى پىششىق تاماملىدى، پىنتوزا، بېلىق پارچىسى، ياڭيۇ قەلەمچىسى، يوۋمەيسەي، شوخلا تۇخۇم قورۇمىسى ۋە بىر كىشىلىك مىفەن ئېلىپ، پەقەت سەككىز يۈەنلا تۆلىدى.

«ھېلىمۇ ياخشى باش شۇجى غەمخورلۇق قىپتىكەن، ھېلىمۇ ياخشى ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى بار ئىكەن، ماڭا ئوخشاش چۈشلۈك تاماقنى نەدە يېيىشنىمۇ بىلمەيدىغان بوۋاي بۇنىڭ پايدىسىنى كۆردۈم.» دېڭ ۋېيشيەن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۆيدە ئىدى، پەرزەنتلىرى خىزمەت قىلغانلىقتىن كۈندۈزى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئامالسىز ئىدى، ئۇ بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ مۇقىم چۈشلۈك تاماق ئاشخانىسى قىلىۋالدى، «بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ياخشى، تازىلىقى پاكىز، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ياشانغانلارنىڭ ئېغىزىغا تېتىيدىغان تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ».

2009- يىلى، لەنجوۋ شەھىرى چېڭگۈەن رايونى ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلغان، كارخانىلار قوشۇلغان، بازارلاشتۇرۇپ تىجارەت قىلىنىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان تەقلىدىي ياشانغانلار ساناتورىيەسى بەرپا قىلدى، ياشانغانلار خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونى ئارقىلىق ئېھتىياجىنى ئېنىق ئېيتسا، قوماندانلىق مەركىزى تور ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتىكى ئىتتىپاقداش كارخانىلارغا ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا زاكاز ئەۋەتىدۇ، تەقلىدىي ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىگە ھەرقايسى ئىتتىپاقداش كارخانىلارنىڭ باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن تەكشۈرۈلۈپ ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

خۇڭرۈييۈەن تەقلىدىي ياشانغانلار ساناتورىيەسى ئاشخانىسى 1- تۈركۈمدىكى تور سىرتىدىكى ئەمەلىي گەۋدە دۇكىنىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەر ياشانغانلارنى تاماق بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە داۋالاش بىلەن كۈتۈش يۇغۇرۇلغان، كۈندۈزى ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان، مەدەنىيەت - كۆڭۈل ئېچىش، ساقلىق ساقلاش - ئۇۋىلاش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. بىر قىسىم ياشانغانلار كىلاسسىك سەنئەت سىنىپى تەشكىللەپ، بۇ يەرنى ھەر كۈنى رېپېتىتسىيە قىلىدىغان ئورۇنغا ئايلاندۇردى.

ھازىر، چېڭگۈەن رايونىدا تەقلىدىي ياشانغانلار ساناتورىيەسى ئىتتىپاقىغا قاتناشقان كارخانا 126 بولۇپ، ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىش تۈرى تۇرمۇشتا ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، داۋالاش - پەرۋىش قىلىش، مەنىۋى جەھەتتىن تەسەللى بېرىش، جىددىي ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈردىكى 150 نەچچە تۈرلۈك مۇلازىمەتكە كېڭەيدى، پۈتۈن رايوندا 120 مىڭدىن ئارتۇق ياشانغان كىشى تىزىملىتىپ ساناتورىيەگە كىردى.

چېڭگۈەن رايونى تەقلىدىي ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ ساناتورىيە باشلىقى چىن تيەنتيەن مۇنداق دېدى: «بازارغا بېرىپ كۆكتات سېتىۋېلىشتىن كىر - قات يۇيۇپ، تاماق ئېتىشكىچە، تازىلىق قىلىشتىن ئۇۋىلاپ، ھەمراھ بولۇشقىچە، ياشانغانلارنى بىر قاتار خاسلاشقان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ياشانغانلارنىڭ ئائىلىدە كۈتۈنۈش ئېھتىياجىنى قاندۇردى، يەنە پەرزەنتلەرنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ۋاقتى بولماسلىق، شارائىتى بولماسلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى».

【مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى】

كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشىغا موھتاج.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزدە ياشانغانلار توپىنىڭ سانى زور، ياشانغانلار بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياج ئىنتايىن زور، ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىشلىرى ۋە كەسپىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ئىنتايىن كەڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىياتىغا قاتنىشىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك ئىجازەت ئۆلچىمىنى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىتىپ، پىلانلاپ قۇرۇش، مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش، يەر بىلەن تەمىنلەش، باج ھەققىدە ئېتىبار بېرىش، تولۇقلىما بىلەن مەدەت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەلئارا كاپىتالنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كەسپىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بەردى ۋە ئۇلارنى يۆلىدى، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ تەمىناتى ۋە سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان «كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»دە، 28 تۈرلۈك كونكرېت سىياسەت - تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «توسۇق نۇقتا»لار ئېچىلىپ، «ئاغرىش نۇقتىسى» تۈگىتىلىپ، بۇ ساھەنىڭ تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللىشىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.

(مۇخبىرلار لو جېڭگۇاڭ، تەي سىسۇڭ، دۇڭ جيەنگو، لياڭ جۈن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.