تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش پارتىيەگە بولغان ئەڭ ياخشى مىننەتدارلىق»

[تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاش     ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ ئارزۇغا ئىنتىلىش − باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن]

شىنجاڭدىكى قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرى:

«ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش پارتىيەگە بولغان ئەڭ ياخشى مىننەتدارلىق»

بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ. قۇربان تۇلۇم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، مەن كىچىك ۋاقتىمدىلا ئۇنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېكايىسىنى ئاڭلىغان، كىشىنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، سىز دادىڭىزنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادلار ۋە يۇرتداشلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەردىڭىز. ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ داۋاملىق قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىللە، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

− شى جىنپىڭ

خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ ۋېي، چيەن يىبىن

7- ئاينىڭ ئاخىرىدىكى شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىدە، توختىخان قۇرباننىڭ ھويلىسى ياپيېشىل ئىدى، ئۈزۈم تېلى باراڭنى بويلاپ گىرەلىشىپ ئۆسكەنىدى. ھەر يىلى يازدا، ئائىلىسىدىكىلەر، قوشنىلار دائىم بۇ يەرگە يىغىلىپ مومايدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئاڭلايتتى.

توختىخان قۇربان موماي بۇ يىل 90 ياشتا، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبەبازار بازىرى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، يىراق - يېقىنغا نامى تارالغان داڭلىق شەخس. «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ»، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن قۇربان تاغا موماينىڭ دادىسى؛ 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مومايغا جاۋاب خەت يېزىپ، موماي ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى داۋاملىق قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىللە، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرگەنىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قۇربان تاغىنى قوبۇل قىلغان سۈرىتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى «ئەڭگۈشتەر»گە ئايلىنىپ، موماينىڭ مېھمانخانا ئۆيىدىكى ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا ئېسىپ قويۇلدى. موماي مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «قىزىل ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چېچىش بىزنىڭ باش شۇجىغا بولغان ئەڭ ياخشى مىننەتدارلىقىمىز».

 «پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتى تىيانشاندىكى قار لەيلىسىگە ئوخشايدۇ − كۆرگىلى بولىدۇ، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ»

باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىش توختىخان قۇربان موماينىڭ ئىزچىل ئارزۇسى ئىدى.

«دادام كىچىكىمىزدىن بىزگە پارتىيەنىڭ بىز دېھقانلارنىڭ قەددىنى كۆتۈرگەنلىكىنى، بىزنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماڭلار، دەپ تەربىيە بېرەتتى.» 100 نەچچە نوپۇسلۇق چوڭ ئائىلىنىڭ ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقىغا قاراپ، توختىخان قۇرباندا بېيجىڭغا بېرىپ تيەنئەنمېننى كۆرۈش ئويى پەيدا بولدى.

موماينىڭ يېشى بارغانسېرى چوڭىيىپ، ھەرىكىتى قولايسىز بولۇپ قالغانلىقتىن، نەۋرە قىزى رۇقىيەم مەتسەيدى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن خەت يېزىپ بەردى. «ئەينى چاغدا پەقەت مومامغا ياردەملىشىپ بىر ئارزۇسىنى تاماملاشنى، باش شۇجىغا قۇرباننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ۋە شىنجاڭ خەلقىنىڭ مىننەتدارلىق قەلبىنى بىلدۈرۈشنىلا ئويلىغانىدىم.» رۇقىيەم مۇنداق دېدى: «مەن مومامغا ئەگەر باش شۇجى جاۋاب خەت يازمىسا، كۆڭلىڭىزنى بەك يېرىم قىلماڭ، دەپ تەسەللى بەرگەنىدىم.» لېكىن موماي قەتئىي ئىشەنچ قىلدى: «خاتىرجەم بولۇڭ، باش شۇجى جاۋاب خەت يازىدۇ! ئۇ بىزنىڭ شىنجاڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، بىز دېھقانلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ».

دەرۋەقە، يېرىم ئاي ئۆتۈپلا، خۇش خەۋەر يېتىپ كەلدى.

2017-يىلى 1-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ھەم يۇرتداشلارغا سالام يوللىدى ھەم بەخت تىلىدى. جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇۋېلىپ، موماي نەۋرە قىزىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا خەتمۇخەت ئوقۇتۇپ ئاڭلىدى. بىر تەرەپتىن ئاڭلىغاچ بىر تەرەپتىن يېشىنى سۈرتتى، «پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتى تىيانشاندىكى قار لەيلىسىگە ئوخشايدۇ − كۆرگىلى بولىدۇ، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ».

«ئانامنىڭ بۇنداق ھاياجانلانغانلىقىنى، بۇنداق خۇشال بولۇپ كەتكىنىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.» موماينىڭ ئىككىنچى ئوغلى مەتسەيدى ئەيسا بۈگۈنكى كۈندە پۇتۇڭخۇادا پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى. ئىككى يىل ئىلگىرى، ئۇ تېخى قىزى رۇقىيەمگىلا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتقۇزۇپ ئاڭلايتتى. «مەن ھازىر پۇتۇڭخۇانى كۆپرەك ئۆگىنىپ، دۆلەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆپرەك ئىگىلەپ، ھەر مىللەت خەلق بىلەن تېخىمۇ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بوۋام ۋە ئانامغا ئوخشاش، پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن!»

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى كەنتتە پۇتۇڭخۇا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. «بۇ ئىككى يىلدا، تېخىمۇ كۆپلىگەن كەنت ئاھالىسى پۇتۇڭخۇا ئۆگىنىشكە باشلىدى، نۇرغۇن كىشى پۇتۇڭخۇادا ئاددىي پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى.» ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى خەن يۈباۋ ئۆزلۈكىدىن كەنتنىڭ پۇتۇڭخۇا ئوقۇتقۇچىسى بولدى. ھەركۈنى كەچ سائەت 9دا، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئۆگىنىش ئۆيىدىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەسرىي شېئىرلارنى ئەگىشىپ ئوقۇغان، پۇتۇڭخۇادا ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىنىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.

«كەنتنىڭ ھەر ھەپتىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدا، ياردەم بېرىپ يۆلەشكە ئېرىشكەن نامرات ئائىلىلەر ئۆزىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھېكايىسىنى سۆزلەيدۇ» دېدى خەن يۈباۋ.

 «ياخشى سىياسەت بولغان ئىكەن، ئۆزىمىزمۇ غەيرەت قىلىشىمىز كېرەك»

«بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى ھەقسىز، كەنت ئاھالىلىرى كېسەل كۆرسەتسە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، ئۆي سالسىمۇ تولۇقلىما بېرىلىدۇ.» بۈگۈنكى كۈندىكى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختالغاندا، توختىخان قۇرباننىڭ چوڭ ئوغلى، بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن مەتتۇرسۇن ئەيسا پىششىق ئېيتىپ بېرەلەيدىكەن.

ئون ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلى، ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، مەتتۇرسۇن ئەيسا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيالماي، ئائىلىسىنىڭ تۆمۈرچىلىك دۇكىنىغا ياردەملىشىپ ئىشلەشكە باشلىدى. «نامرات چاغدا ئانام بىر ئادەم سەككىز بالا بىلەن 40 كىۋادرات مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان كېسەك ئۆيدە تۇراتتى. ئىنىمنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن، ئانام ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەلتوسىنى سېتىۋەتكەنىدى».

2016-يىلى 6-ئايدا، مەتتۇرسۇن ئەيسا نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، 50 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ، تۆمۈرچىلىك دۇكىنىنى كېڭەيتتى. دېھقانچىلىق سايمانلىرى سېتىش، تۆمۈر ئەسۋابلارنى رېمونت قىلىش، تۆمۈرچىلىك ئوچىقىنى كۆپەيتىش... بىرنەچچە يىلدا مەتتۇرسۇن ئەيسا دەسمايىسىنى قايتۇرۇۋېلىپلا قالماي، يەنە 50 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ساپ كىرىم قىلدى.

قەرز پۇل ئۆسۈمسىز بولۇپلا قالماي، 2018-يىلى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتى يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە «نامراتلارنى يۆلەش كالىسى» «نامراتلارنى يۆلەش كەپتىرى» يەتكۈزۈپ بەردى، بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن دېھقانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 180 كىشى ۋە 210 كىشىگە يەتتى. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى كالا قوتىنى سېلىپ، كەپتەرخانا ياساپ، كارخانىلار بىلەن ئالاقىلەشتى ھەم كارخانىلارغا مەركەزلىك بېقىشنى ھاۋالە قىلدى، كەنت ئاھالىلىرى پايدا تەقسىماتىغا قاتناشتى، ھەربىر ئائىلە يىللىق كىرىمىنى 2000 يۈەن ئاشۇرالايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياڭاق ئۆستۈرۈش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2017-يىلىدىكىدىن %13 ئاشتى.

پۇل تاپتى، مەتتۇرسۇن ئەيسا بۇلتۇر كەنت يەسلىسىگە 7500 يۈەن ئىئانە قىلىپ، نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلارغا يېڭى ئاياغ ۋە چاپان ئېلىپ بەردى. «بۇ يىل كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. ھۆكۈمەت بىزگە شۇنچە كۆپ ياردەم قىلدى، شۇڭا بىزمۇ جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى ئويلايمىز».

توختىخان قۇرباننىڭ كىچىك ئوغلى ئىمىنجان ئەيسا شەنبەبازار بازىرى ئارىش كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى. بۇلتۇر 12-ئايدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن، خىزمەت ئورنى بىلەن ئۆيىنىڭ ئارىلىقى 500 مېتىر كەلمىسىمۇ، ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئالدىنقى تۆت ئايدا، ئىمىنجان ئەيسا ئۆيىدە ئىككى كېچىلا قونغان، «كەنت ئاھالىلىرى مېنىڭ قۇربان تاغىنىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ، ماڭا ئىنتايىن ئىشەندى. باش شۇجى جاۋاب خېتىدە بىزدىن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن كەنتنىڭ ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، يۇرتداشلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشكە يېتەكلەيمەن».

«ياخشى سىياسەت بولغان ئىكەن، ئۆزىمىزمۇ غەيرەت قىلىشىمىز كېرەك، بۇ يىل كەنتتىكى 50 نامرات ئائىلە 120 مو يەرگە باش پىياز تېرىدى، ھەرمو يەردىن تۆت-بەش توننا ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، سېتىۋالغۇچى تەرەپ بىلەن باھادا كېلىشىپ قويدۇق، ھەر كىلوگىرامىنى 1.2 يۈەندىن ساتىدىغان بولدۇق، بۇنىڭ بىلەن ھەربىر ئائىلە 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلالايدۇ.» بۇ يىلقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى ئۈستىدە توختالغاندا، ئىمىنجان ئەيسا تولۇق ئىشەنچكە تولدى، كەنت يەنە 145 نامرات ئائىلىگە چۈجە تارقىتىپ بەرمەكچى، بىر يىلدىن كېيىن ھەربىر ئائىلىنىڭ كىرىمىگە يەنە نەچچە مىڭ يۈەن قوشۇلۇشى مۇمكىن؛ يەنە 169 مو يەرگە سەبدەگۈل تېرىماقچى، ھەر كىلوگىرامى سەككىز مودىن سېتىلسا، يۇرتداشلارنىڭ كىرىمى يەنە كۆپىيىدۇ!

 «بىز تېخىمۇ كۆپ بالىنى بېيجىڭغا ئاپىرىپ ئايلاندۇرۇشنى ئويلايمىز»

«باش شۇجى بىزگە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. قۇرباننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش بىزنىڭ قېنىمىزدا ئېقىۋاتقان گېن، مەن ئىزچىل قانداق قىلغاندا چوڭ دادامغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشالايمەن؟ دېگەننى ئويلاپ كەلدىم» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، مەتسەيدى ئەيسا ئۇزاقتىن بۇيان ئويلاپ كەلگەن بىر «چوڭ ئىش»نى قىلىشنى قارار قىلدى.

2017-يىلى 3-ئايدا، توختىخان قۇربان بىر قېتىملىق ئائىلە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بىر يەردە ئولتۇرۇپ، زادى قانداق ئىشلارنى قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىدە دېيىلگەن رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. مەتسەيدى ئەيسا بىر ئائىلە ئاممىۋى مەنپەئەت فوندى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش جەريانىدا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ھەر مىللەت ئاممىدىن ھال سوراشقا ئىشلىتىش، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىغا ياردەم بېرىش تەكلىپىنى بەردى.

«ئانام ناھايىتى قۇۋۋەتلەپ، بۇرۇلۇپلا ئۆيگە كىرىپ ئادەتتىكى كۈنلەردە يىغىپ قويغان 3000 يۈەن پۇلىنى ئېلىپ چىقتى.» مەتسەيدى ئەيسا ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەممىمىز مومايغا ئىئانە قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى دەۋەت قىلدۇق، بىراق ئانام ناھايىتى چىڭ تۇرۇۋالدى، ئۇ پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن بۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشنى قىلىۋاتقان يەردە، ئۆزىنىڭ چوقۇم قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.» جەمەتىمىزدىكى كىچىك قىزچاق پاتىگۈلمۇ چوڭلاردىن ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ ئون يۈەن بايراملىق پۇلىنى چىقاردى. «شۇ كۈنى، ئائىلىدىكىلەر 47 مىڭ يۈەن پۇل توپلىدۇق».

2017-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، «قۇربان تۇلۇم ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئائىلە ئاممىۋى مەنپەئەت فوندى»نى باشلاش مۇراسىمى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، شۇ كۈنى ئىئانە قىلىنغان پۇلنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. شۇ يىلى 6-ئايدا، بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرى جەي تاۋنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن، فوندى جەمئىيەت جۇڭخۇا بالىلار خەير-ساخاۋەت جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، «جۇڭخۇا بالىلار خەير-ساخاۋەت جەمئىيىتى قۇربان تۇلۇم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۆزئارا ياردەم بېرىش مەخسۇس فوندى»نى ئورتاق تەسىس قىلدى. مەتسەيدى ئەيسانىڭمۇ جۇڭخۇا بالىلار خەير-ساخاۋەت جەمئىيىتى قۇربان فوندى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دېگەن يېڭى سالاھىيىتى بار بولدى.

2017-يىلى 6-ئايدا، قۇربان فوندى جەمئىيىتى بېيجىڭ پىڭگۇ رايونى خۇاڭسۇڭيۈ مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئاممىۋى مەنپەئەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بىر قىز 600 يۈەن ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يەنە ئۇنىڭ 500 يۈەنىنى ئالايىتەن قايتۇرۇپ بەردى.

«سىز بۇ پۇلنى تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بالىلارغا بېرىڭ.» قىزنىڭ بۇ سۆزى مەتسەيدى ئەيسادىن ئىبارەت بوي ئېگىزلىكى 1.80 مېتىردىن ئاشىدىغان بۇ ئەرنىڭ كۆزلىرىدىن شۇ زامان ئىسسىق ياش ئاققۇزدى، «بىر كىچىك قىزچاقنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەكرەك ياردەمگە ئېھتىياجلىق باشقا كىچىك دوستلارنى ئويلىيالىشىدىن مەن مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئىشىنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، بۇ مېنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتتى».

ئۆيدە قالغان بالىلارغا پاختىلىق چاپان سوۋغا قىلىش، يەسلى بالىلىرىنى دۆلەت ئورتاق تىلى دەرسلىكىدىكى كارتون ئوقۇشلۇقى بىلەن تەمىنلەش، دۆلەت تىلى دەرسخانىسى ئېچىش... ھازىرغىچە قۇربان فوندى جەمئىيىتى خوتەن ۋىلايىتىگە نەپ يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ، سەنشى قاتارلىق جايلاردا ئاممىۋى مەنپەئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ياردەم بەرگەن ھەر مىللەت ئامما ۋە ياش-ئۆسمۈر، بالا جەمئىي 3600دىن ئاشتى.

«بۇنىڭدىن كېيىن، بىز تېخىمۇ كۆپ بالىنى بېيجىڭغا ئاپىرىپ ئايلاندۇرۇشنى، يەنە بېيدەيخېغا ئاپىرىپ دېڭىزنى كۆرسىتىپ، شىنجاڭلىق بالىلارغا دۆلەتنىڭ گۈزەللىكى ۋە باي-قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىمىز.» مەتسەيدى ئەيسا تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن مۇنداق دېدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى. ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش پارتىيەگە بولغان ئەڭ ياخشى مىننەتدارلىق!»

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى