تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرايلى

ئەي ۋۇ

بىر ئائىلە كىشىلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەلپۈنۈپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش داۋامىدا ياخشى ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلدى؛ ھەر مىللەت ئاممىغا ھەقىقىي ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈپ، «تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چاچتى»؛ يەنە «قۇربان تۇلۇم ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئائىلە ئاممىۋى مەنپەئەت فوندى»نى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇپ، جەمئىي 3600دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما ۋە ياش - ئۆسمۈر، بالىغا ياردەم بەردى... نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، قۇربان تاغا بىر ئائىلە كىشىلىرى «پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇش»تا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش داستانلىرىنى پۈتتى.

كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى قەلبتە بولىدۇ. بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يەتكەندە، كۆڭۈل بىلەن كۆڭۈلنى ئۇتقاندا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «قەلب ئاساسى»غا ئىگە بولىدۇ؛ ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولغاندا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «ھەرىكەت كۈچى»گە ئىگە بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشنىڭ ئۇل تېشى» دەپ تەكىتلىدى. پامىر ئېگىزلىكىدىن جۇڭغار ئويمانلىقىغىچە، ئالتاي تېغى ئېتىكىدىن تارىم دەرياسى ۋادىسىغىچە، دەل پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئەمەلىيلىشىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان بىر گۈزەل يۆگىمە رەسىم شىنجاڭ بىپايان تۇپرىقىدا يېيىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقاندىلا، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى ئورتاق قوغدايدىغان، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

ئىتتىپاقلىق كۈچ، ئىتتىپاقلىق يېنىمىزدىلا. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ھەممە كىشىنىڭ زىممىسىدە مەسئۇلىيەت بار، ھەممە كىشى رولىنى زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرالايدۇ. بىر ئۈلۈش نۇر بولۇپ، بىر ئۈلۈش ھارارەت تارقىتىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، تىرىشىپ مەدەنىيەت تارقىتىدىغان چىراغ نۇرى، تىل ئالاقىسىنىڭ كۆۋرۈكى، دوستلۇقنى تارقىتىدىغان پوچتا كەپتىرى بولغاندىلا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى جەزمەن جۇڭخۇا زېمىنىدا دائىم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرغىلى بولىدۇ.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش