تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

دوستلۇقنى بايان قىلىش  ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەش  پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن كۆرۈنۈشلەر

8- ئاينىڭ 9- كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ داخې بازىرى ئاھالىسى دالېل (ئوڭدىن 1- كىشى) قوشنىسى جۇ ۋېنجۈن (سولدىن 1- كىشى) بىلەن بىللە ساڭزا سېلىپ، قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى.

(جاڭ جيەنگاڭ فوتوسى)

پەتنۇستىكى ساڭزا ساپسېرىق، چۈرۈك ئىدى، يېپيېڭى داستىخانغا بېسىلغان ئانارگۈلى كۆركەم ئىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قويۇق دوستلۇق رىشتىنى ئېلىپ قوشماقلاشقان تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ھويلىسىدىكى بولۇق مېۋىلىگەن ئۈزۈم تېلى بارىڭى ئاستىدا، كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى... كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۆزگىرىش توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇپ، قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى ئىناق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

8- ئاينىڭ 9- كۈنى سائەت 10 دا، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى غەربىي شىمال يولى 1141- نومۇرلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ھويلىسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كارىدورىدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر يەرگە يىغىلىپ، پاراڭلىشىپ، مەززىلىك يېمەكلىكلەرنى تېتىپ، ئىتتىپاقلىقنى سۆزلەپ، خۇشال - خۇرام ھالدا قۇربان ھېيتنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋالدى.

«بىزنىڭ بۇ چوڭ قورۇدىكىلەر تولىمۇ ئىتتىپاق، بۇ يىللاردا مەيلى قايسى مىللەت بايرام ئۆتكۈزسۈن، كۆپچىلىك ئۆزئارا يوقلىشىمىز.» ئاھالە گۈلنۇر كېرەم بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا سۆزلەپ بەرگەچ، بىر تەرەپتىن ئاھالە ياڭ سۇيىڭنىڭ بىلىكىدىن قولتۇقلاپ تۇرۇپ، سۈرەتكە چۈشۈشكە باشلىدى.

شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سايباغ رايونى دوستلۇق جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى غەربىي شىمال يولى جەنۇبى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەھەللە بىلەن بىرلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇردى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، مەھەللىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى، تەۋەلىك رايوندىكى ئاھالىلەردىن بولۇپ 100 نەچچە كىشى مۇكاپاتلىق سوئال - جاۋاب، يالغۇز كىشىلىك ناخشا، خور، ئۇسسۇل قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تىلىكىنى ئىپادىلىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ھويلىسىنى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندۇردى.

8- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 8دە، قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى يىڭنەقاش كەنتىدە كەنت ئاھالىسى نۇرىمانگۈل ياسىن ئازادە، يورۇق ئاشخانىسىدا ئەتىگەندىلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

خېمىر يۇغۇرۇش، ساڭزا سېلىش... نۇرىمانگۈل بىر تەرەپتىن ئىش قىلغاچ، بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «<ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتى، كەنت ئىككى كومىتېتى كادىرلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا، بىز پۈتۈن كەنت بويىچە گۈزەل ھويلا - ئاران قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردۇق، بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. مەن ئەڭ ئوخشىغان تورتلىرىمنى كۆپچىلىكنىڭ تېتىپ بېقىشىغا سۇنىمەن!»

خوتەن ناھىيەسى لاڭرۇ يېزىسى دەرۋازىيا كەنتىگە تۇغقىنىنى يوقلىغىلى كەلگەن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەن تەتقىقات تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ليۇ لۇمېي تۇغقىنى خوجىئابلا جۈمە بىلەن بىرلىكتە خوتەن شەھىرىدىكى ۋاڭ ۋېي خاتىرە سارىيىنى مەخسۇس ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇلۇغئاتا سۇ ئىشلىرى قۇرۇلۇشىدىن مەنپەئەتلەنگەن خوجىئابلا ۋاڭ ۋېينى شەپقەتچىسى ئورنىدا كۆرىدۇ، ئۇ ئالايىتەن ئۆزى قوي مۈڭگۈزىدىن ياسىغان ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمىنى خاتىرە سارايغا شەپقەتچىسىگە قىلغان سوۋغىسى سۈپىتىدە سوۋغا قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى ياربېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ۋە «تۆت پېشقەدەم»لەردىن ھال سورىدى، كەنت ئاھالىلىرى كادىرلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇزاق پاراڭلاشتى. «كادىرلار بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمىزغا ياردەملەشتى، تۇرمۇشىمىزدا ئۆزگىرىش بولدى، مېنىڭ كۈنلىرىممۇ ئۈمىدكە تولدى. بۇ بىرنەچچە كۈندە كەچلىك بازاردا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەن ياخشى تەييارلىق قىلىشىم كېرەك» دېدى كەنتنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان كەچلىك بازىرىدا توخۇ كاۋىپى سېتىۋاتقان مەمەتنىياز تۇرسۇن.

«تاغا، بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!» 8- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 11دە، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچاۋ تەۋەلىك رايونى جەنۇبىي تىنچلىق يولى مىنشىن ئولتۇراق رايونىدىكى 89 ياشلىق مەمەت نىياز ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن گۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسىنىڭ كادىرى سۇ يەننى كۈتۈۋالدى. سوۋغاتنى قويۇپ قويغاندىن كېيىن، سۇ يەن كۆڭۈل بۆلۈپ بوۋاينىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدى. نەچچە كۈن ئىلگىرى، مەمەت يۈرەك كېسىلى سەۋەبلىك دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان، سۇ يەن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنى يوقلىغانىدى.

«پارتىيە ياخشى كادىرلارنى مېنىڭ يېنىمغا ئەۋەتتى، مىننەتدارلىق سۆزلىرىمنى ئېيتىپ تۈگىتەلمەيمەن. سىلەر چوقۇم مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ بايرام ئۆتكۈزۈڭلار، مەن گۆش سېلىپ سىلەرنى ساقلايمەن!» دېدى مەمەت.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ چۈنخۇا، يۈ شى، جاڭ جىلى، لى داۋجۇڭ، خې لىڭ، گەي يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرى گاڭ لىچياڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى