تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەخسۇس تۈزەش باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىندى

− ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق مەخسۇس تۈزەشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

مەسىلە ھەل بولمىغىچە بوشاشماسلىق، ئۈزۈل - كېسىل ھەل بولمىغىچە قويۇۋەتمەسلىك، ئامما ئېتىراپ قىلمىغىچە بولدى قىلماسلىق. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ياخشى ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز ئايدىڭلاشتۇرغان سەككىز جەھەتتىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئايدىڭلاشتۇرغان ئىككى جەھەتتىكى مەخسۇس تۈزەشنى چىڭ كۆزلەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ دەل جايىدا كۈچەپ، كونكرېت مەسىلىلەردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئامما ئەڭ نارازى بولۇۋاتقان جايلاردىن باشلاپ ئۆزگەرتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى «ھەقىقىي، ئەمەلىي» ھەل قىلىپ، مەخسۇس تۈزەشنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

 تېز باشلاندى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باش تېما تەربىيەسى باشلىنىشى بىلەنلا، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 7- ئاينىڭ 7- كۈنى، 8- ئاينىڭ 5- كۈنى يەنە ئايرىم - ئايرىم ھالدا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىغا قارىتا ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسى ۋە ۋاقىت چېكى تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، زىددىيەت ئەڭ گەۋدىلىك، پىكىر ئەڭ مەركەزلەشكەن، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ دەرھال تۈزەتكىلى بولىدىغان مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، باشلىنىشى بىلەنلا تۈزىتىشكە باشلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزدى، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك 2019- يىللىق نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئىش تۈرلىرىنى ئىلمىي مۇۋاپىق تۈزدى، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ھۆججەتلىرىنى ئىخچاملاش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىلەرنى تۈرمۇتۈر ئالغا سىلجىتتى، بىر تۈگۈن - بىر تۈگۈندىن ياخشى تۇتتى ھەم ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلارنىڭ ھۆججەت، يىغىن نىشان - ۋەزىپىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى مۇۋاپىق پەيتتە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، دەل ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئاساسىي قاتلامنىڭ دوكلات جەدۋەللىرى كۆپ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى (ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ئىشخانىسى) ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق تۆت ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە «ئاساسىي قاتلامدا بىر جەدۋەل بولۇش» مەخسۇس تۈر ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق گەۋدىلىك بولۇش مەسىلىسىنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، باغلاقنى بوشاتتى.

ئىسلاھات ئارقىلىق، سانجى ئوبلاستى «بىر تۈرلۈك خىزمەتتە بىر جەدۋەل بولۇش» «ئوخشاش تۈردىكى سانلىق مەلۇماتنى بىر قېتىم ئىستاتىستىكىلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بولسىمۇ بولمىسىمۇ بولىدىغان جەدۋەل ۋە تۈرلەرنى قايتا قىسقارتىپ، قايتا بىرلەشتۈرۈپ، قايتا ئىخچاملىدى، نۆۋەتتە پەقەت ئالتە تارماق سەككىز جەدۋەلنىلا ساقلاپ قالدى. ماناس ناھىيەسى باۋجياديەن بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ما خۇەن مۇنداق دېدى: «<ئاساسىي قاتلامدا بىر جەدۋەل بولۇش> سىناق نۇقتىسى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى، ھازىر بىز ئاممىغا ياردەم قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالايدىغان بولدۇق».

 مەسىلە توغرا تېپىلدى

مەسىلىگە قاراپ ئاتلىنىپ، تۈگۈننى كۆزلەپ ئۆزگەرتىش. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار مەخسۇس تۈزەشنى ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، «تۈزىتىش»نى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، مەسىلە تىزىملىكىنى تۈرمۇتۈر مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزەش تەدبىرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزەش تەدبىرلىرىنى كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەخسۇس تۈزەشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، باش تېما تەربىيەسىدە مەخسۇس تۈزەيدىغان ئون جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تېپىپ، توققۇز مەخسۇس تۈزىتىش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، مەسىلىلەرنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، كونكرېت تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باشلامچى رەھبەر، مەسئۇل كىشى، تۈزىتىش ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىر - بىرلەپ تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتتى.

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى يىغىن ئېچىپ، مالىيە نازارىتى ئۈستىگە ئالغان ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسى ۋە ئىستىل مەسىلىسى، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە تولۇقلىما مەبلىغىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە، نامراتلارنى يۆلەش، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىق تارماقلىرى كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، مەبلەغنىڭ تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى بار نامرات ئەمەس 43 ناھىيەگە قارىتا نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش بىخەتەرلىكى، ئۈنۈملۈكلۈكى، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلىقى جەھەتتە مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، بولۇپمۇ مەبلەغ ئىشلىتىشتە يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش، تۇرۇپ قېلىش، خىيانەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ بار - يوقلۇقىنى قاتتىق تەكشۈردى.

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاجىز، چېچىلاڭغۇ بولۇش مەسىلىسىنى تۈزەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومى جۇڭتەي گۇرۇھى، رەڭلىك مېتال گۇرۇھى، شىنتوۋ گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ 42 ئاساسىي قاتلام پارتكومى، 96 ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر - بىرلەپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى تۇتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر گاۋ جياڭخۇەي مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كارخانىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىقلاپ چىقتۇق، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، كارخانا پارتكومىنىڭ «ئىككى مەسئۇلىيەت»ىنى كۈچەپ چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

 خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈندى

باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەشنىڭ كىرىش ئېغىزىنى ھەقىقىي توغرا تېپىپ، باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا ئورۇندىغىلى بولىدىغان ۋەزىپىلەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا بېكىتىپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، تۈزىتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى «كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان» قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2019- يىللىق شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىنى تەسىس قىلغان جاي ۋە ئوقۇغۇچى مەنبەسى مەكتەپلىرى ۋەكىلى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلار ۋەكىلى قاتارلىقلارنى نەق مەيدانغا تەكلىپ قىلىپ، «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، كومپيۇتېردا ئاپتوماتىك تەقسىم قىلىش، قوبۇل قىلىش تىزىملىكىنى بېسىپ چىقىرىش، تەقسىم قىلىش نەتىجىسىنى نەق مەيداندا ئېلان قىلىش» قاتارلىق ھالقىلارنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئورتاق نازارەت قىلدى.

ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ما بىڭجيې بۇ ھالقىلارنىڭ پۈتۈن جەريانىغا گۇۋاھ بولغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاشكارا، ئادىل، باراۋەر بولغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن چەك تارتىپ قوبۇل قىلىش ھالقىسىغا قاتناشتىم، بۇنىڭدىن پۈتكۈل قوبۇل قىلىش جەريانىنىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى چىڭ ھەم ناھايىتى ئوچۇق - ئاشكارا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن».

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئامما ئىنكاس قىلغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، «ئاشكارا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» تۈزەش لايىھەسىنى بېكىتتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات - يېڭىلىق يارىتىش، مەنبەدىن تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى قاتتىقلاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا، ئادىل - باراۋەر، قېلىپلاشقان - تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

تېببىي خادىملارنىڭ «شېرىنكانە» ئېلىش، «قىزىل بولاق» قوبۇل قىلىش، دورىنى تېگىشىش - ئالماشتۇرۇش، قەستەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەسىلىسىگە قىلچە يول قويماسلىق؛ بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىپ «قارا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى»غا زەربە بېرىش... باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش - سەھىيە سىستېمىلىرىنى داۋالاش - سەھىيە ساھەسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇنى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، پۇختا تۈزىتىپ، تۈزىتىشتىن نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش - سەھىيە ساھەسى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لياڭ فېڭ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، داۋالاش ئالدامچىلىقى، ئىستېمالغا قىزىقتۇرۇش قاتارلىق داۋالاشتىكى قالايمىقان ھادىسىلەرگە زەربە بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدايمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى