تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن مەسىلىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تۈزىتىپ - ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى

پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىش مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى

ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن مەسىلىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تۈزىتىپ - ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىش مەخسۇس تېمىلىق يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى چۆرىدىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە، پارتىيە قائىدىسىگە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە سېلىشتۇرۇلۇپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن مەسىلىلەر چوڭقۇر تەكشۈرۈلۈپ - كۆزىتىلىپ، قاتتىق تۈزىتىلىپ - ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇندى.

يىغىندا پارتىيە نىزامنامىسى، «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئائىت بىر قانچە مىزان»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» كوللېكتىپ ئۆگىنىلدى. كۆپچىلىك مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئۆزىنى تەتبىقلاش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تەتبىقلاش، خىزمەتنى تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى مەنبەنى تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باشقا يولداشلار يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىدە تۇرۇپ سەمىمىي، راستچىللىق بىلەن ئەسكەرتمە بېرىپ، ئۆزئارا تەنقىدىي پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزئارا سەمىگە سېلىپ، پېشىنى تارتىپ قويۇپ، ئۆزئارا ئەسكەرتىپ، سەگىتىپ، پەرقلەرنى تېپىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، ئورتاق ئۆستۈرۈش مەقستىگە يەتتى.

شۆھرەت زاكىر خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىش باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بىر قېتىملىق ھەر تەرەپلىمە ئۆزىنى تەكشۈرۈشى - كۆزىتىشى ۋە خاتالىقىنى تۈزىتىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى قوغداپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىش، ئۆلچەمگە توغرىلىنىش جەريانىدا پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تاۋلىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئاڭلىقلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىشنىڭ نەتىجىسىنى ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ پارتىيە نىزامنامىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سۆز - ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تەلىپى بويىچە تەرتىپلىك ئىش بېجىرىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئۆگىنىشنى ئاساسىي ماھارەت ۋە زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا ئېتىقاد «ئاساسىي چېكى»نى مۇستەھكەملەپ، ھەرىكەت «چەك - چېگراسى»نى قېلىپلاشتۇرۇپ، تۈزۈم «قىزىل سىزىقى»نى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك؛ پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىغا قويۇپ، سىياسىي ئېتىقادنى ئۆزگەرتمەسلىك، سىياسىي مەيداندا تەۋرەنمەسلىك، سىياسىي يۆنىلىشتىن ئېغىپ كەتمەسلىكنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؛ پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر ۋاقىت قانۇن، ئىنتىزام، تۈزۈم، قائىدە، ئەخلاق ئۆلچىمىنى قەلبتە چىڭ ساقلاپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشى كېرەك؛ پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، ئۆزىنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى، بىرىنچى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي ھالدا پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنىڭ قەتئىي ئىجرا قىلغۇچىلىرى ۋە سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك؛ پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور چەكتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مۇجەسسەملەپ، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك خىزمىتىدە باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى