تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە ئېڭى، پارتىيە ئەزاسىلىق ئېڭى، ئىنتىزام ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىش مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى

پارتىيە ئېڭى، پارتىيە ئەزاسىلىق ئېڭى، ئىنتىزام ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىش مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە، پارتىيە قائىدىسىگە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە سېلىشتۇرۇپ، مەسىلىگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەت بىلەن، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپ مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، تۈزىتىش يۆنىلىشى ۋە تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، جاڭ بو، مۇتەللىپ ئوبۇل، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش سۆزى قىلدى، ماغاۋ سېيىتقامزا، ياڭ يۇڭ يازما سۆز قىلدى.

يىغىندىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلۈكىدىن پارتىيە نىزامنامىسى، «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئائىت بىرقانچە مىزان»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئۆگەندى. يىغىندا كۆپچىلىك مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تېپىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى.

كۆپچىلىك ئۆزىنى تەتبىقلاش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تەتبىقلاش، خىزمەتنى تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان روھ بىلەن تونۇشىنى سۆزلەپ، تەسىراتىنى سۆزلەپ، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ، ئەقىل كۆرسىتىپ، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۆزىگە، يولداشلارغا، بەنزىگە، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قاتتىق، ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا تەنقىدنى ھەقىقىي، ئەمەلىي قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەۋىلىك ئېڭى، پارتىيە ئەزاسىلىق ئېڭى، ئىنتىزام ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەتكە كېلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش مەقسىتىگە يەتتى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ، پۇختا قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسى ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش، ھەر ۋاقىت پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەينەك قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنىڭ قەتئىي ئىجراچىلىرىدىن، سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۈرتكە بولغۇچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ پاكلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. باشتىن - ئاخىر ئىنتىزامنى، قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىشنى ئادەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىيدا زېرەك ئادەم، سەمىمىي ئادەم بولۇش كېرەك. مەخسۇس تېمىلىق يىغىن نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسىغا سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، بىلگەن ھامان تۈزىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىگە، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1+3+3+ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، دەل جايىدا پىكىر - تەكلىپ بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا سىياسىي كېڭەشنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش