تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايون قۇربان ھېيتلىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى، ئەركىن ئىمىرباقى، ئىسمايىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى، شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

8- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئاپتونوم رايون 2019 - يىللىق قۇربان ھېيتلىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: ئارتىسلار «ئېگىزلىككە مەدھىيە» ناملىق ناخشا - ئۇسسۇلنى ئورۇنلىماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا، 8- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون 2019- يىللىق قۇربان ھېيتلىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي چېن چۈەنگو سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان بارلىق ھەر ساھە زاتلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە سەمىمىي بەخت تىلىدى.

ئالتۇن كۈز بىلەن تەڭ كەلگەن بايرامدا، پارتىيەنىڭ شەپقىتى مەدھىيەلەندى. شىنجاڭ ئالىي مېھمانسارىيىنىڭ يىغىن مەركىزىدە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، چاينىڭ خۇش پۇرىقى ھەر تەرەپكە تارالغان، ئىتتىپاقلىق رىشتى چىڭ باغلانغان بولۇپ، ھەممىلا جاي قويۇق بايرام كەيپىياتىغا تولغانىدى. چاي سۆھبىتىدىن ئىلگىرى، چېن چۈەنگو قاتارلىقلار ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى ئىسمايىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت تەكلىپكە بىنائەن چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر چاي سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋەتەن بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلدى، تەڭ ئىلگىرىلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي چوڭ ۋەزىيىتى ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، مەدەنىيەت ئىشلىرى گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۈنسېرى ياخشىلاندى، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېڭى كەيپىيات نامايان قىلىندى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ يول باشلاپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، ئىلمىي يېتەكلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمى، زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا بۇنىڭغا ھەرقايسى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە يولداشلار، دوستلارنىڭ يۈرەك قېنى ۋە قان - تەرى مۇجەسسەملەنگەن. بىز تەستە قولغا كەلگەن ياخشى ۋەزىيەت، ياخشى ئەھۋالنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئىرادىنى ساقلاپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ تەقدىرى باشتىن - ئاخىر ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيەنىڭ ئۈرۈمچى بازىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئۈرۈمچىدىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قىسمەن پېشقەدەم يولداشلار چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى.

ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، قىسمەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى، پەن - مائارىپ - مەدەنىيەت - سەھىيە - تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ۋەكىللەر، دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى، ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرى ۋە ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى ھەمدە قەھرىمان نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى.

چاي سۆھبىتىدە، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى