تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى قۇربان ھېيتتىن ئىلگىرى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتارلىقلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى ئىسمايىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت ۋە ھامىدىن نىياز، ئابدۇرېھىم ھامىد، نەيىم ياسىن، بادەي، جانابىل ئىسماغۇل، ئەسقەت كەرىمباي، جاڭ سىشۆ، قېيۇم باۋۇدۇن، جاڭ شيۇمىڭ، فۇ چياڭ، شيې فۇپىڭ، ماھىنۇر قاسىم، تۆربايىر، ئامىنە غاپپار، يۈسۈپ مۇھەممىدى، خوجىخان ھاكىموف، قادىس جانابىل، خەلچەم ئىسلام، مىجىت ناسىر، لى فىڭزى، جاڭ خېڭ، ما جيەنگو، ۋاڭ خۇەييۈ، دەلىلقان مامىقان، مەمتىمىن زاكىر، ئاسانبېك تۇردى، دۇ چىنرۇي، جاڭ گولياڭ، ئالپىسباي راقىم، مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ، جاپپار ھەبىبۇللا، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، چيەن جى، ھۆرىگۈل جاپپار، نىجات سۇلتان، ئىنام نەسىردىن، جاڭ يى، دىيار قۇماش، فېڭ داجېن، ۋېن كېشياۋ، ۋۇ جياخې، ۋاڭ يوۋسەن، يۈسۈپ ئەيسا، شيې جىچياڭ، لى دۇڭخۇي، غوپۇر ئابدۇللا، جاڭ گۇيتىڭ، جاڭ يۈجۇڭ، پاشا ئىشان، ۋۇ دۇنفۇ، شيۇڭ خۇييىن، ياۋ يۇڭفېڭ، جياڭ شەن، سېرجە، جۇ جېنجۇڭ، خۇاڭ چاڭيۈەن، شارىپقان كەرىم، مەمەتجان ئەمەت، ۋاڭ ۋېي، ليۇ ياۋخۇا، قىزايجان سېيىلقوجا، كې لى، مەمەتھەسەن توختالى، ئايۇپ تېيىپ، بەي جىجيې، ماۋكەن سېيىتقامزا، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، ليۇ جىيۇڭ، يۈ شيۇدۇڭ، كادىرقان مىراسقان، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، قۇربان روزى، روزى ئىسمايىل، مەمەت يۈسۈپ، قاسىم مامۇت، نىشان ئىبراھىم، چېن جىنچى، جاۋ شياڭۋا، ۋاڭ جىۋېن، لى گۇيماۋ، ياڭ جاۋجى، يەن فېنشىن، گو ليەنشەن، جاڭ جىشۈن، مەمەتروزى سەپەر، جاڭ گۇاڭخەن، دۇ خۇڭجيەن قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلارنى ئايرىم - ئايرىم يوقلىدى ياكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلارغا يوقلاشنى ھاۋالە قىلدى، پېشقەدەم يولداشلارغا بايراملىق سەمىمىي سالام يوللىدى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزۈشىنى، تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك، ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىد قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ رەھبەرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەربىي رايون ۋە بىڭتۇەندىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىدى، ئىجتىمائىي چوڭ ۋەزىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇپ، ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەملەندى، كۈچەيتىلدى، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنىڭ تۈپ ئاساسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى شانلىق نۇرىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جاپالىق كۈرەش قىلىشىدىن قولغا كەلگەن، شۇنداقلا بۇنىڭغا ھەرقايسى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن. ھەرقايسى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ، ئەۋزەللىكىنى ۋە رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

پېشقەدەم يولداشلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن چىن قەلبىدىن مىننەتدار بولدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، جەمئىيەت بارغانسېرى مۇقىم بولدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بارغانسېرى ياخشى بولدى، ھەر مىللەت ئامما ئېرىشكەن ئەمەلىي نەپ بارغانسېرى كۆپەيدى، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كىشى قەلبىنى شادلاندۇرىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. پېشقەدەم يولداشلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، تەستە قولغا كەلگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىنى جان - دىل بىلەن قوللاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى بېغىشلايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى