تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئومۇمىي خەلق ساغلام بولۇش، گۈزەل تۇرمۇشقا قەدەم قويۇش

− باش شۇجى شى جىنپىڭ غەم يېگەن خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى «ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش» قىسمى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

【مۇقەددىمە】

«ئومۇمىي خەلق ساغلام بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بولمايدۇ» − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بۇ مۇھىم بايانى پۈتۈن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

خەلق تۇرمۇشىدىكى ئىنتىلىشكە ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، دەۋرنىڭ تومۇر سوقۇشى تۇتۇلدى. «<ساغلام جۇڭگو 2030> يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقىتىشتىن «ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتى (2019- يىلىدىن 2030- يىلىغىچە)»نى ئېلان قىلىشقىچە، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى «ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشى ۋەدىسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. ساغلام جۇڭگونىڭ بىر يېپيېڭى خەرىتىسى قەدەممۇقەدەم سىزىلىۋاتىدۇ.

【بىرىنچى ھېكايە

«15 مىنۇتلۇق داۋالىنىش چەمبىرىكى» يۇرتداشلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە قولايلىق ياراتتى

قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئۇرغۇپ چىققان كۆڭۈل بۆلۈشنى توسۇپ قالالمايدۇ.

2014- يىلى 12- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ جېنجياڭدىكى دەنتۇ رايونى شىيې بازارلىق شىپاخانىغا كېلىپ، يېزىلارنىڭ داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

«شۇ چاغدا ھاۋا سوغۇق ئىدى، قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە مەن ئەسلىدە بىر قولۇمنى ئۇزاتقانىدىم، يەنە بىر قولۇم يانچۇقۇمدا ئىدى، لېكىن ئۇ ئىككى قولى بىلەن مېنىڭ قولۇمنى تۇتتى، مەن دەرھال يەنە بىر قولۇمنىمۇ چىقاردىم».

ئەينى چاغدا نەق مەيداندىكى ۋېي دىڭيۈ بوۋاينىڭ ھېس قىلغىنى يالغۇز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالقىنىنىڭ ھارارىتىلا ئەمەس ئىدى: «ئۇ كۈنى باش شۇجى سالامەتلىك ئەھۋالىمىزنى سورىغاندىن باشقا، يەنە بىزنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىمىزنىڭ قولايلىق ياكى قولايلىق ئەمەسلىكى، داۋالىنىش ھەققىنىڭ قىممەت ياكى قىممەت ئەمەسلىكى، يېزىلارنىڭ داۋالاش - سەھىيە خىزمىتىدىن رازى ياكى رازى ئەمەسلىكىمىزگە كۆڭۈل بۆلدى».

تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، 75 ياشلىق ۋېي دىڭيۈ پات - پات شىپاخانىغا كېلىپ، ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىدە قان بېسىمىنى ئۆلچەيدۇ، ئۇ باش شۇجىنىڭ تاپىلىغانلىرىنى قەلبىدە چىڭ ساقلاپ كەلمەكتە.

ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجى، شۇنداقلا باش شۇجىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر غېمى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: داۋالاش - سەھىيە خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەش، داۋالاش - سەھىيە بايلىقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - يېزا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، قولايلىق، ئەرزان ئاممىۋى سەھىيە ۋە ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

ئاز - ئازدىن تىرىشىپ، بىرقەدەم - بىر قەدەمدىن ماڭسىمۇ، مىڭ چاقىرىملىق ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىيې بازارلىق شىپاخانا جېنجياڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالاش گۇرۇھى بىلەن بىرلىشىپ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق بەش بىرلەشمە ئامبۇلاتورىيە قۇرۇپ، ئادەتتىكى بۆلۈملەرنى تولۇق تەسىس قىلغاندىن سىرت، يەنە سەيچاۋ، تولۇق ئاپتوماتىك بىيوخىمىيەلىك ئانالىز ئەسۋابى قاتارلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىمۇ سەپلىدى.

ۋېي دىڭيۈمۇ شىپاخانىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئېنىق ھېس قىلدى: «گەرچە بازاردا بولساقمۇ، لېكىن شەھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردىكىدەك داۋالاشقا ئېرىشەلەيمىز.» لاۋ ۋېينىڭ ئالدىنقى بىر مەزگىلدە تىزى ئاغرىغاندا، شىپاخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېڭ ۋېنخۈي ئۇنىڭ تىزىنى سۈرەتكە ئېلىپ، دەرھال جېنجياڭ شەھەرلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىغا يوللاپ بەردى، بىر مىنۇتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىنلا دوختۇرنىڭ ئۇنىڭغا سۆڭەك ئۆسۈكچىسى دەپ قويغان دىياگنوزى يېتىپ كەلدى. «نومۇر ئېلىشتىن سۈرەتكە تارتىشقىچە ئاران بەش مىنۇتلا ۋاقىت سەرپ قىلدىم، 12 يۈەنلا خەجلىدىم. بۇنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم!»

بازارلىق شىپاخانىدىكى ئۆزگىرىش جېنجياڭنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى پۇختا قەدىمىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. يىراقتىن دىياگنوز قويۇش، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرى بىلەن شۇ جايدىكى 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار بىرلەشمە دىياگنوز قويۇش - داۋالاش مېخانىزمى ئورناتتى، پۇقرالار ئىشىكى ئالدىدىكى «15 مىنۇتلۇق داۋالىنىش چەمبىرىكى»دىن بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ قولايلىق، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىيې بازىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ شىپاخانا ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەل كۆرسىتىش نىسبىتى 2015- يىلىدىن بۇرۇنقى %63تىن 2018- يىلىدىكى %81.6كە ئۆرلىدى.

【مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى】

ئىشىكى ئالدىدىكى شىپاخانىنىڭ ياخشى قۇرۇلۇش - قۇرۇلماسلىقى ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

شىيې بازىرى، ھەيۋەتلىك چاڭجياڭ دەرياسىدىكى «بىر كىچىك ئارال.» ئىلگىرى پۈتۈن بازاردىكى تەخمىنەن 14 مىڭ پۇقرا «ھەم ئاغرىپ قېلىشتىن ئىنتايىن قورقاتتى، ھەم قاتناش سەۋەبلىك داۋالىنالماي قېلىشتىن ئىنتايىن قورقاتتى».

2014- يىلى 12- ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ شىيې بازارلىق شىپاخانىغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، يېزا - بازارلىق بۇ شىپاخانا ئاھالىلەرگە ئېلىپ كەلگەن «ساغلاملىق پايدىسى» تەدرىجىي قويۇپ بېرىلىۋاتىدۇ، «كىچىك كېسەللەر ئارالدىن چىقماسلىق» رېئاللىققا ئايلىنىۋاتىدۇ.

ۋېي دىڭيۈ ھېس قىلغان «مىنۇتتىلا توردىن مۇتەخەسسىسلەر نومۇرى ئېلىش» بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام داۋالاش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ «كۈچەيگەنلىكى»نىڭ ئىخچام كارتىنىسى − ھازىر، دۆلىتىمىز شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمەت تورىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىپ، ئىشىك ئالدىدىكى «15 مىنۇتلۇق داۋالىنىش چەمبىرىكى»نى كۈچەپ بەرپا قىلماقتا. پۇقرالارنىڭ «ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش» ئارزۇسى كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشتىكى ئەمەلىي نەپكە ئايلانماقتا.

【ئىككىنچى ھېكايە】

ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى «توسالغۇ»نى تازىلىدى

لۈلياڭ تاغلىق رايونىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان سەنشى ئۆلكىسىنىڭ كېلەن ناھىيەسىنىڭ تاغلىرى ئېگىز، جىلغىلىرى چوڭقۇر، داۋانلىرى تىك، يەرلىرى ئۈنۈمسىز ئىدى.

قاتناش قولايسىز بولۇش، ئائىلىسى نامرات بولۇش، كېسەللىك بۇ جايدىكى يۇرتداشلارنى چىڭ چۈشەپ قويغانىدى.

بۇ نامرات جاي، ئۈنۈمسىز تۇپراقتا جاۋجياۋا كەنتىدىكى ۋاڭ سەننۈ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپا - مۇشەققەتتە ئۆتەتتى.

ياش ۋاقتىدا، ۋاڭ سەننۈ رېماتىزم خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولغان، مۇشۇ يىللاردا يەنە سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالدى. ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك، ئالدىنقى يىللاردا ئېرى، ئوغلى كەينى - كەينىدىن قازا قىلدى، كېلىنىمۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، مېيىپ نەۋرە ئوغلى، نەۋرە قىزى ئۇنىڭ ئۆزى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلىشىغا قالدى.

2017- يىلى 6- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بۇ ئائىلىگە كىرىپ، ۋاڭ سەننۈگە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش توغرىسىدا تەسەللى بەردى، شۇ جايدىكى كادىرلارغا ئۇنىڭ نەۋرە ئوغلى ۋە نەۋرە قىزىنى ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاپىلىدى. بۇ ئىللىقلىق ۋاڭ سەننۈنىڭ قەلبىگە چىڭ ئورناپ كەتتى.

كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، كېسەللىك سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىشتىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى بۇ «توسالغۇ» باش شۇجى شى جىنپىڭ جەزمەن ياخشى ھەل قىلىشنى قايتا - قايتا تەكىتلىگەن مەسىلە.

كېلەن ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە تەييۈەندە ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئاممىنى داۋالاش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، خەير - ساخاۋەت بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىن يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن كەنت بويىچە كۆچۈشكە ئەگىشىپ، ۋاڭ سەننۈ كېسەك ئۆيدىن يېڭى بىناغا كۆچۈپ كىردى، ئائىلە دوختۇرى دائىم ئۆيىگە كېلىپ داۋالاپ دورا يەتكۈزۈپ بەردى. ئۆتكەن يىلى، ۋاڭ سەننۈ ئىككى قېتىم دوختۇرخانىدا ياتتى، ئومۇمىي خىراجەت 8914.3 يۈەن بولغانىدى، ئۆزى 525.77 يۈەننىلا تۆلىدى.

كېلەن ناھىيەلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چېڭ فۇشېڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، پۈتۈن ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەردىن بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دوختۇرخانىدا ياتقانلار 3967 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئومۇمىي چىقىم 26 مىليون 132 مىڭ 400 يۈەن بولدى، «ئۈچ سۇغۇرتا، ئۈچتە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش» بويىچە ئاتچوت قىلدۇرۇش تولۇقلىمىسى ئارقىلىق نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئاتچوت قىلدۇرۇش نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇردۇق.

«ئۈچ سۇغۇرتا، ئۈچتە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش» باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017 - يىلى سەنشىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، سەنشى ئۆلكىسى كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىشنى تۈگىتىش ئۈچۈن يولغا قويغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن تولۇقلاپ ئاتچوت قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، نامرات ئاھالىلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى، داۋالىنىشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ۋاڭ سەننۈ ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. يېشى 70كە يېقىنلىشىپ قالغان ئۇ چىن قەلبىدىن ھاياجانلىنىپ: «ياخشى دەۋرگە ئۇلاشقانلىقىمىز بىزنىڭ ئەڭ زور بەختىمىز» دېدى.

【مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى】

« قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى بىر قېتىم چاقىرسىڭىز، بىر چوشقىنى بىكارغا باققان بولىسىز؛ دوختۇرخانىدا بىر قېتىم ياتسىڭىز، بىر يىل بىكارغا ئىشلىگەن بولىسىز».

كەڭ تارقالغان بۇ قوشاق دېھقانلارنىڭ ئاغرىپ قېلىشتىن قورقىدىغانلىقى، ئاغرىپ قالسا خىراجەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى ئىدى.

قەيەردە قىيىنچىلىق بولسا، شۇ يەرنىڭ غېمىنى يېيىش.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ھازىرغا قەدەر، دۆلىتىمىزدە كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلاشقان، قايتا نامراتلاشقان 6 مىليون 700 مىڭ ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلدى، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى ئېغىر كېسەللىك مەخسۇس تۈرى بويىچە قۇتقۇزۇش - داۋالاش تىزىملىكىدىكى كېسەللىك تۈرى 25 خىلغا كۆپەيتىلدى.

كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن نوپۇسنىڭ «تېگى - تەكتى»نى ئېنىقلاپ، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇشنى ھەل قىلىشنىڭ «رېتسېپ»نى يېزىش ئۈچۈن، كەلگۈسى ئىككى يىلدا، دۆلىتىمىز داۋالاش كاپالىتى سىياسىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى دەل جايىدا تولۇقلاپ، تېخىمۇ كۆپ «ۋاڭ سەننۈ»لەرنى كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

【ئۈچىنچى ھېكايە】

پۇقرالارنىڭ دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىدىكى تۆۋەن چەك ياخشى ساقلاندى

«بىخەتەر بولۇش، ئىشەنچلىك بولۇش، خاتىرجەم بولۇش» − تۆت يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىلىن ئاۋدۇڭ دورىگەرلىك گۇرۇھى يەنجى پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، دورا ئىشلەپچىقىرىلىشىغا مۇشۇنداق تەلەپ قويدى.

«تۆت يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى دەستۇرغا ئايلاندى، بىز ئۇنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇمايمىز» دېدى شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يوۋ خەيتاۋ.

تومۇز كۈنلىرى بولسىمۇ، يوۋ خەيتاۋ يەنىلا رەتلىك ئىش كىيىمى كىيىۋالغانىدى.

ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغاندىن كېيىن، يوۋ خەيتاۋ كىچىك بىر تال دورا تابلېتكىسىنىڭ ئارقىسىدىكى خەلق تۇرمۇشىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشنى تېخىمۇ چۈشەندى: «كىچىككىنە بىر تال دورا بىر كارخانىنىڭ دورا بىخەتەرلىكى، ئۈنۈمى، يېڭىلىق يارىتىشتىكى مەسئۇلىيىتى، ئۇ جانغا تاقىشىدىغان ئىش، شۇنداقلا كارخانىنىڭ ھايات - ماماتىنى بەلگىلەيدۇ».

«دورا بىخەتەرلىكىدە مەسئۇلىيەت تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر... ھەر بىر دورا ياساش كارخانىسى جەزمەن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھەر بىر خىل دورا، ھەر بىر تال دورىنىڭ ھەممىسىدە بىخەتەر بولۇش، ئىشەنچلىك بولۇش، خاتىرجەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.» يوۋ خەيتاۋ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەينى يىلى خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە كەلگەن سېختا تۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى بىر خەتنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي تەكرارلىدى.

ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بۇ سۆزلەرنى پىششىق يادلىۋېلىشىمدىكى سەۋەب، بۇنىڭ باش شۇجى تاپشۇرغان «ۋەزىپە» بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزۈمنى ھەر ۋاقىت بىر تال كىچىككىنە دورا تابلېتكىسى ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدۇ، بۇنىڭدا قىلچىمۇ بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش ئۈچۈندۇر.

ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى پۈتۈن مۇساپىدە سوغۇق زەنجىرلىك توشۇش، تېمپېراتۇرىنى ھەر ۋاقىت ئۆلچەپ خاتىرىلەشتىن تارتىپ دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار سەۋىيەدىكى توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان پاراشوك ئوكۇلى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى لايىھەلەش ھەم قۇرۇش، تولۇق ئاپتوماتىك كۆزىتىش - تەكشۈرۈش ماشىنىسىدا مەھسۇلاتلارنىڭ ۋاكۇئۇملۇق ھىملىنىشىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، يەنە ھەر بىر باكتېرىيەسىز ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئۆستۈرگۈچ دورىنى تەقلىدىي قاچىلاش سىنىقى ئىشلەشكىچە...

«دورىلارنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.» يوۋ خەيتاۋ مۇنداق دېدى: «كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمىز دەيدىكەنمىز، دورىنىڭ سۈپەت، بىخەتەرلىكىگىمۇ مەڭگۈ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك».

【مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى】

دورا بىخەتەرلىكى جانغا چېتىلىدىغان ئىش.

يېڭى دورا، ياخشى دورىلار بىلەن تەمىنلەشنىڭ قولاي، ئەرزان بولۇشى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئاغرىقلارنىڭ جىددىي ئۈمىدى.

راكقا قارشى دورىلاردىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق، يېڭى دورىلارنى تەستىقلاشنى تېزلىتىش، پۈتۈن مۇساپىلىك سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىرىكمە مۇشت ئېتىپ، «بىخەتەر بولۇش، ئىشەنچلىك بولۇش، خاتىرجەم بولۇش»نى دورا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشكە كۈچ چىقاردى. سىياسەت پايدىسىنىڭ تەدرىجىي قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلار خاتىرجەم دورا، ئەرزان دورا ئىشلىتەلەيدىغان بولىدۇ.

(مۇخبىرلار: چېن سۇڭ، چيۇ بىڭچىڭ، لياڭ شاۋفېي، جىن جىنشيۇ، يۆ رەنرەن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى