تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئاساسلىنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، مەسئۇل خىزمەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، بولۇپمۇ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار - ئامما، دىنىي زاتلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئاڭلاپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، سىردىشىش - پاراڭلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا يازما سۆز قىلدى، جاڭ بو، مۇتەللىپ ئوبۇل، ياڭ يوڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، تەسىراتىنى سۆزلىدى، تونۇشىنى سۆزلىدى، مەسىلىلەرنى سۆزلىدى، تەدبىرلىرىنى سۆزلىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر تەپەككۇرغا ئىگە بولدۇق، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى ئورنى، يېڭى بۇرچىغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدۇق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز كۈچەيدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن خۇلاسە سۆزى قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆزئارا ئىلھام بېرىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈش جەريانىدا ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىرلەرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆگىنىش - تەربىيەنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىش، ئۆلچەمگە توغرىلىنىش جەريانىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «داۋاملاشتۇرۇش» ئارقىلىق «مۇجەسسەملەش»كە تۈرتكە بولۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسىدىكى مۇھىم يول ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، باشتىن - ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1 + 3 + 3 + ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە قارىتا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يادرونى قوغداش، مەركىزىي خىزمەتكە مۇلازىمەت قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى ۋە نەتىجە يارىتىشىنى نامايان قىلىش كېرەك. مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش ۋە تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىش، بىلگەن ھامان تۈزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، تۈرلەر بويىچە تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ھەقىقىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى