تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

تەر تۆكۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى يارىتىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭ غەم يېگەن خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى «ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش» قىسمى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

[مۇقەددىمە]

«بۇ دۇنيادىكى بارلىق بەختنىڭ ھەممىسى جاپالىق ئەمگەك قىلىشقا تايىنىپ يارىتىلىدۇ».

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا ئەمگەك قىزغىنلىقىنى قوزغاش، ئىجادىيەت يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىشنى چۆرىدەپ كۆپ قېتىم چوڭقۇر شەرھلەپ، ئەمگەكنى ھۆرمەتلەش، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈش ياخشى كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

ئەمگەك ئارقىلىق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش، دەۋر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تەسىرلىك ھېكايىلىرى ئارقىلىق خەلق تارىخنى يارىتىش، ئەمگەك ئارقىلىق كەلگۈسىنى يارىتىشنىڭ تەسىرلىك يۆگىمە رەسىمىنى تۇتاشتۇردى.

[بىرىنچى ھېكايە]

تەر تۆكۈش بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى

ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنادىكى ئۆي پاكىز تازىلانغان، قىزىنىڭ كىتابلىرى ئۈستەلگە رەتلىك تىزىلغان... بۇلارنى كۆرۈپ، 56 ياشلىق فەن يۇڭ بەختلىك تۇرمۇشنىڭ بۇنىڭدىن ئارتۇق بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

بەختنىڭ مەنبەسى كۈرەش قىلىشتا. جۇڭگو تۆمۈريول 14- ئىدارىسىگە كىرىپ خىزمەتكە قاتنىشىشتىن بېيجىڭ مېترو 8- لىنىيەسى جەنۇبىي لوگۇگاڭ بېكىتىنى ياساشقا قاتنىشىشقىچە، ئادەتتىكى پولات چىۋىق ئىشچىسى، ياغاچچى، بېتون قۇيۇش ئىشچىسى بولۇشتىن تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىپ «تايانچلىق رول ئوينايدىغان» قۇرۇلۇش ئەترەت باشلىقى بولۇشقىچە، فەن يۇڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 13 يىللىق قۇرۇلۇش ئىش ئورنى تۇرمۇشىدا ئاچچىق - چۈچۈكمۇ، خۇشاللىقمۇ بار، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئۇنى ئىزچىل ئالغا قاراپ مېڭىشقا تېخىمۇ رىغبەتلەندۈرمەكتە.

2013- يىلى 2- ئاينىڭ بېشى، چاغان يېقىنلاشقان چاغ، دەل پۈتۈن ئائىلە بويىچە جەم بولىدىغان ۋاقىت. مېترو 8- لىنىيەسىدە بالدۇرراق قاتناش باشلىنىشى ئۈچۈن، فەن يۇڭ نۇرغۇن ئىشداشلىرىغا ئوخشاش يۇرتىغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشتىن ۋاز كېچىپ، قۇرۇلۇش ئىش ئورنىدا قېلىپ داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئىشلەشنى تاللىدى. ئۇنىڭ جاپا - مۇشەققىتىنى چۈشەنگەن خوتۇنى بالىسىنى ئېلىپ خېنەن شىنياڭدىن بېيجىڭغا كېلىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. قۇرۇلۇش ئىش ئورنى تۈر بۆلۈمى ئۇلارغا ئوخشاش سىرتتا جەم بولۇپ چاغان ئۆتكۈزگەن ئائىلىلەرنى يېڭى يوتقان ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچى بار «ئەر - خوتۇنلار ئۆيى»گە ئالايىتەن ئورۇنلاشتۇردى. «غەم - ئەندىشە» ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، فەن يۇڭ ۋە ئىشداشلىرىنىڭ ئىشلەش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

2- ئاينىڭ 8- كۈنى، چاغانغا ئىككى كۈن قالغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مېترو 8- لىنىيەسىنىڭ جەنۇبىي لوگۇگاڭ بېكىتى قۇرۇلۇش ئىش ئورنىغا كېلىپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرغان بىرىنچى سەپتىكى ئەمگەكچىلەرنى يوقلىدى، ھال سورىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ فەن يۇڭنىڭ قۇرۇلۇش ئىش ئورنىدىكى ۋاقىتلىق كىچىك ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ خىزمەت، كىرىم ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سەمىمىي ئىگىلىدى.

«باش شۇجى بىز بىر ئائىلە كىشلىرىگە: بىر قېتىم كېلىش ئاسان ئەمەس، بېيجىڭنىڭ مەنزىرە نۇقتىلىرىنى كۆرۈپ، ياخشى جەم بولۇڭلار، دەپ تاپىلىدى» دېدى فەن يۇڭ ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ تەسىرلەنگەن ھالدا.

«دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن بىر يېڭى تىپتىكى ئەمگەك چوڭ قوشۇنى، دۆلەت قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم كۈچ، پۈتۈن جەمئىيەت چوقۇم دېھقان ئىشلەمچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى كېرەك.» ھەر قېتىم باش شۇجىنىڭ بۇ سەمىمىي سۆزىنى ئېسىگە ئالغىنىدا فەن يۇڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنىڭ غەيرەتكە تولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. شەھەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەر تۆكۈش، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ.

2014- يىلى فەن يۇڭ قۇرۇلۇش ئىش ئورنىنىڭ بەنجاڭلىقىغا ئۆستۈرۈلدى. يېڭى كەلگەن ئىشچىلار خىزمەتكە پىششىق بولمىغاچقا، ئۇ قولمۇقول سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، نەچچە ئون كىشىلىك قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، فەن يۇڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بېيجىڭ - شېنياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، ۋۇخەن مېتروسى، شۈجۇ مېتروسى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتناشتى. جاھان كېزىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسىنى ئېچىپلا قالماي، كىرىمىمۇ ئالتە يىل ئىلگىرىكىدىن بىر قاتلاندى.

ئاز - تولا ئۇتۇق قازانغان فەن يۇڭ ئۆزى ئىشلەپ تاپقان پۇلىغا يۇرتىدىكى بازاردىن ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنا سېتىۋالدى. قىزىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى ھەم ناھايىتى ئىش ئۇقىدۇ. فەن يۇڭ كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆڭۈللۈك ئۆتىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.

[مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى]

ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشىپ، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى قولغا كەلتۈردى. فەن يۇڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئۇنىڭ «ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش»ى ئىدى.

2013- يىلى 3- ئاينىڭ 17- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۇلۇغ غايىگە ئىگە بولغانلىقتىن، ئۇلۇغ ئىشلارنى تاماملاش ھارماي - تالماي تىرىشىپ خىزمەت قىلغانلىقتىن.» دۆلىتىمىز يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پۈتۈن خەلقنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىشتا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، ھەربىرىمىزنىڭ داۋاملىق جاپالىق ئەمگەك قىلىشىمىز ۋە جاپالىق تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپ خىل يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا كەسىپلەرگە يۆتكىلىشكە يېتەكلەش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر زىچ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلق ئاممىسى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىندى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر - بازارلىرىدىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتە بولمىغان، خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 46 مىڭ 769 يۈەن ۋە 28 مىڭ 752 يۈەندىن 82 مىڭ 461 يۈەن ۋە 49 مىڭ 575 يۈەنگە ئۆسۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشتى؛ 2019- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 15 مىڭ 294 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %8.8 ئاشتى، پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى خاراكتېرلىك كىرىمى 8793 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %8.7 ئېشىپ، ھەر ئىككىسىGDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتتى...

كۈرەش قىلغاندىلا ئېرىشكىلى بولىدۇ. فەن يۇڭغا ئوخشاش مىليونلىغان شەھەر قۇرغۇچىلىرى بىر جۈپ قولى ۋە تەرى ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇشقا تۇتىشىدىغان داغدام يولنى ئاچتى.

[ئىككىنچى ھېكايە]

ماھارەت تەربىيەسى 8000 كىشىنىڭ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش ئارزۇسىغا كۈچ قوشتى

يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ «باشلامچىسى»، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ «باشلامچىسى»، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات - قوللىنىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشنىڭ «تۈۋرۈكى»... قارا رامكىلىق كۆزەينەك تاقىغان، كۈل رەڭ خىزمەت كىيىمى كىيگەن ۋاڭ چۈەنلۇڭنى كۆرگەندە ئۇنىڭ ئاددىي ئوبرازىنى بۇ مەدھىيەلەر بىلەن باغلاش تولىمۇ قىيىن ئىدى.

بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن ۋاڭ چۈەنلۇڭ جۇڭگو (تيەنجىن) كەسپىي ماھارەت ئاممىۋى ئەمەلىي مەشىق مەركىزى زامانىۋى ياسىمىچىلىق تېخنىكىسى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى. ئالتە يىل ئىلگىرى، ئۇ تېخى ئاددىي ياش ئەمەلىي مەشىق ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئالتە يىلدا، ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تەلىمىنى باشتىن - ئاخىر ئۇنتۇماي، «ھۈنەرۋەن روھى»نى دادىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كەسىپنى ئۈزلۈكسىز قېتىرقىنىپ ئۆگەندى.

ۋاقىتنى 2013- يىلى 5- ئايغا قايتۇرساق، ئەمەلىي مەشىق مەركىزىنىڭ ئىلغار ياساش، پىششىقلاش تېخنىكىسى بويىچە ئەمەلىي مەشىق قىلىش سېخىدا، يۇقىرى دەرىجىلىك رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان ئىستانوك غوڭۇلداپ مېڭىۋاتاتتى، ئۈچ ئوقۇغۇچى بىر تەرەپتىن، ۋاڭ چۈەنلۇڭنىڭ مەشغۇلات قائىدىسى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر خىل خام ئەشيالارنىڭ شىلىنىپ نەپىس زاپچاسلارنىڭ ياسىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت بىلەن قاراپ تۇراتتى.

تيەنجىندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ئەمەلىي مەشىق دەرسخانىسىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. كۆز ئالدىدىكى كۆڭۈل قويۇپ دەرس سۆزلەۋاتقان، ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ، باش شۇجى دەرسنى بۆلۈۋەتمىدى، بەلكى ۋاڭ چۈەنلۇڭ دەرسنى ئۆتۈپ بولغۇچە سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ، ئاندىن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پىكىر ئالماشتۇردى.

«بۇ مېنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى، نەتىجىدە يەنىلا باش شۇجىنى شۇنداق ئۇزاق ساقلىتىپ قويۇپتىمەن، مەن ھەم ھاياجانلاندىم، ھەم جىددىيلەشتىم.» ئۇ كۈندىكى كۆرۈنۈش ۋاڭ چۈەنلۇڭنىڭ خۇددى ھازىرقىدەكلا ئېسىدە ئىدى.

ئىستانوكنىڭ پىششىقلاش ئىقتىدارىدىن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغىچە، يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەپسىلىي سورىشى ۋاڭ چۈەنلۇڭنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. «باش شۇجى شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ، ئىنتايىن تەپسىلىي سورىدى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ كەسپىي ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى ۋاڭ چۈەنلۇڭ ئەسلەپ.

ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، شەھەر - بازارلاردىكى قىيىنچىلىقى بار خادىملار، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرۇلمىلىق ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى پەسەيتىش كېرەك.

«كىشىلىك ھايات يولىنىڭ ھەربىر قەدىمىنى پۇختا بېسىپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.» باش شۇجىنىڭ سۆزى ھەم ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان تەنتەنىلىك تاپشۇرۇق، ھەم ۋاڭ چۈەنلۇڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئۈزلۈكسىز ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەكتەپتىكى ئۇ تەربىيەلىگەن 8000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان ساھە ۋە ئىش ئورۇنلىرىدا نۇر چاچتى، ھارارىتىنى تارقاتتى، ئۈچ ئوقۇغۇچى يەنە «مەملىكەت بويىچە تېخنىكا ماھىرى» دېگەن ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشتى. پۈتۈن مەملىكەتتە، ۋاڭ چۈەنلۇڭغا ئوخشاش بىر تۈركۈم كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىگۈچى ئوقۇتقۇچىلار ئەمەلىي مەشىق تېخنىكا ئوقۇتۇشىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشقا ئاساس سالماقتا.

«كەلگۈسىدە، مەن چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ تەربىيەلىنىپ تېخنىكا ئىگىلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ زېمىننى كېزىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدۇرىمەن.» بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا ۋاڭ چۈەنلۇڭنىڭ چىرايىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى، كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇراتتى.

[مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى]

جاپا - مۇشەققەتكە چىداشقا تايىنىپ شەخسنىڭ ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، جەمئىيەت تالانتلىقلىرىنى سىجىل يېتىشتۈرۈش، سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا تولۇق ئېرىشىش. ۋاڭ چۈەنلۇڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئۇنىڭ «ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش»ى ئىدى.

«ھەممىمىز تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتىمىز، بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر.» 2019- يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن بەخت ۋە ئارزۇ ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلارنى تەرىپلىدى، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئىشەنچ ۋە ئەمەلىي كۈچ ئارقىلىق يېڭى مۇساپىگە باتۇرلۇق بىلەن ئاتلانغان ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەرگە تىلەك تىلىدى.

«دۆلەت كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇش، 100 مىليارد يۈەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئېشىندىسىنى ئىشلىتىپ كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر ئارقىلىق 1 مىليون ئادەمنى كېڭەيتىپ قوبۇل قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى... پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەسپىي مائارىپقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىغا كۈچ قوشتى.

بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئارزۇغا ئىنتىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش. ئەستايىدىللىق بىلەن بىر ئۆمۈر كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغان ۋاڭ چۈەنلۇڭنىڭ «ھەممە يەردە شاگىرتى بولسىمۇ»، ئەمما ئۇ يەنىلا تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىغا نۇر ۋە ھارارەت بېغىشلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

[ئۈچىنچى ھېكايە]

ئەمگەك ئارزۇنى روياپقا چىقاردى، «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى» ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمىدى

7- ئاينىڭ ئاخىرى، قۇياش ئوتتەك يالقۇنجاپ تۇراتتى. شۈگۇڭ گۇرۇھى شۈجوۋ ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ 7200 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق چوڭ توننىلىق كەپشەرلەش سېخىدا، 37 ياشلىق جاڭ خۇەيخۇڭ قېلىن كەپشەر مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، كەپشەرلىگۈچنى ئېلىپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، مونچاق - مونچاق تەر تامچىلىرى ئۇنىڭ يۈزىدىن سىرغىيتتى. ئەمما ئۇ باشتىن - ئاخىر بېلىنى ئېگىپ، پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ كەپشەرلەش مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى − ئۇنىڭ ئالدىدا دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ توننىلىق پۈتۈن يەر يۈزىلىك كىران، يەنى شۈگۇڭ 1600 توننا توققۇز كۆۋرۈكلۈك كىراننىڭ ئاساسىي ئاسما يەلكىسى تۇراتتى. 1999- يىلى شۈگۇڭ گۇرۇھىغا بېرىپ پىراكتىكا قىلىشتىن ئالاھىدە ماھارەتكە ئىگە كەپشەرلەش ئالىي تېخنىكى بولۇپ يېتىشىپ چىققۇچە، جاڭ خۇەيخۇڭ كەپشەرلەش ئىش ئورنىدا بىر ئىشلىگەنچە 20 يىل ئىشلىدى. گەرچە خىزمەت «جاپالىق، مەينەت، ئېغىر» بولسىمۇ، ئەمما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشەلىگەنلىكى ئۈچۈن، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ۋە تەرىنى تەقدىم قىلالىغانلىقى ئۈچۈن، قانچە جاپالىق، قانچە مەينەت، قانچە ئېغىر بولسىمۇ، جاڭ خۇەيخۇڭ ئەزەلدىن ئاغرىنىپ باقمىدى.

2017- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى، قىش پەسلىدىكى شىمالىي جياڭسۇدا سوغۇق شامال نەشتەردەك ئۇرۇلۇپ تۇرسىمۇ، لېكىن شۈگۇڭ گۇرۇھىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى سوۋۇتالمىدى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، جياڭسۇ شۈجوۋغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان بىرىنچى بېكىتىدە شۈجوۋ گۇرۇھىغا چوڭقۇر چۆكتى.

جاڭ خۇەيخۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ: كەڭ كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى يېڭى دەۋردىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، جان پىدالىق بىلەن تۆھپە قوشۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرىشىدە ھەممەيلەن قالتىس بولۇشى كېرەك.

«باش شۇجى بىزگە بىر دەرس ئۆتتى: كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، خىزمەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەڭ ئاساسلىقى ئۆز خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىش كېرەك» دېدى جاڭ خۇەيخۇڭ.

كەپشەرلىگەندە «ئوپېراتسىيە قىلغان»دەك دەل بولۇشقا يېتىش ئۈچۈن، جاڭ خۇەيخۇڭ ھەر كۈنى بىرىنچى بولۇپ ئىش ئورنىغا كېلىپ، تۈز كەپشەرلەش، تىك كەپشەرلەش، يانتۇ كەپشەرلەش، ئوڭدىسىغا كەپشەرلەشنى بىر تۈر - بىر تۈردىن مەشىق قىلدى؛ ئۆرە تۇرۇپ، ئوڭدىسىغا يېتىپ، يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، دۈم يېتىپ بىر - بىرلەپ قىلىپ باقتى. كەپشەرلىگەن چاغدىكى مۇقىملىقنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۈچەيتىش ئۈچۈن، بىلىكىگە قۇم خالتا تېڭىپ، خىش كۆتۈرۈپ، مۇشۇ ئارقىلىق بىلىكىنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى.

چارچاشنى بىلمىگەن ھالدا كۈرەش قىلىش ۋە ئىزدىنىش بەدىلىگە باشقىلاردىن ھالقىپ چۈشىدىغان ماھارەت ئىقتىدارىغا ئېرىشتى: 2016- يىلى 3- نۆۋەتلىك جياڭسۇ ماھارەت ئەليۇلئەلالىرى مۇسابىقىسىدە «خاس مەخپىي ھۈنىرى»گە تايىنىپ، جاڭ خۇەيخۇڭ بىريولىلا چېمپىيون بولدى؛ شۈ گۇڭ 1600 توننا توققۇز كۆۋرۈكلۈك كىراننى كەپشەرلىگەندە جاڭ خۇەيخۇڭنىڭ يېڭىلىق ياراتقان ھۈنەر - سەنئىتى كەپشەرلەش ۋاقتىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتتى؛ ئۇ يەكۈنلىگەن تارقاق كەپشەرلەش يېڭى ھۈنەر - سەنئىتى ئارقىلىق ئاسما يەلكىنىڭ ئاستىدىكى بۇرۇلۇش دەرىجىسىنى ئىككى - ئۈچ مىللىمېتىر ئارىلىقتا كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەت ۋە شان - شەرەپكە ئېرىشكەن جاڭ خۇەيخۇڭ تېخىمۇ ئېسىل پەزىلەت يېتىلدۈردى: «مەن بىر ئاددىي ئىشچى، بىردىنبىر چىڭ تۇرىدىغىنىم كۈندىلىك خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر خىل ئېرىشىش تۇيغۇسىدۇر».

[مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى]

كەسىپتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شەخسنىڭ قىممىتىنى دەۋرنىڭ سوقۇۋاتقان تومۇرىغا سىڭدۈرۈش. جاڭ خۇەيخۇڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئۇنىڭ «ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش»ى ئىدى.

«ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتا، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا ئەمگەككە، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىجادىيىتىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق سۆزلىرى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، جان تىكىپ ئېلىشىش، تىرىشىپ كۈرەش قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، پۈتكۈل خەلقنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

«يېڭى مەزگىلدىكى كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇن قۇرۇلۇشى ئىسلاھات لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، «ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» تۈزۈپ چىقىلدى... بىر قاتار تەدبىرلەر زىچ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

بىر دۆلەتنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى مۇۋەپپەقىيىتى ھەمىشە ئادەتتىكى كىچىك ئىشلاردىن تەركىب تاپىدۇ؛ بىر دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشى ھەمىشە خەلقنىڭ مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي كۈرەش قىلىشى ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. ئەمگەك قىلىش ۋە كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق؛ ئوخشاشلا ئەمگەك ۋە كۈرەش قىلىشقا تايانساق، بىز جەزمەن تېخىمۇ شانلىق ئەتىنى يارىتالايمىز!

(مۇخبىرلار: يې خاۋمىڭ، فەن شى، ۋاڭ خۇي، سۇڭ رۈي، چېن گاڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى