تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشى كېرەك

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشى كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرىنىڭ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قايتا جابدۇنۇپ قايتا سەپەرگە ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشنى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشى، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشىدىكى بىر قېتىملىق سىياسىي تەكشۈرۈش قىلىش، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى تەكشۈرىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن قىلىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق تەتبىقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ ئىگىلەپ، دىققەتنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم مەزمۇننى گەۋدىلەندۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە نەتىجىگە ئېرىشىش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە بولۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆتكە سېلىشتۇرۇش»، «تۆتنى تېپىش» تەلىپىگە ئاساسەن، ھاسىلاتنى ئېدىتلاپ، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، چوڭقۇر ئانالىز قىلىش كېرەك. دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يېڭى كەيپىياتتا ئېچىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا ۋە ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغاندا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شۇ رايون، شۇ ساھەگە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئائىت بىر قانچە مىزان»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى توغرىسىدىكى ئالاقىدار تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئۆلچەم، تەلەپنى ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھى ۋە باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى ئارىسىدا، بەنزە ئەزالىرى مەسئۇل ئورۇننىڭ مەسئۇل يولداشلىرى بىلەن، ئۆزىنىڭ تەشكىلىي مۇناسىۋىتى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى بىلەن سىردىشىش - سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى چىڭ ئىگىلەپ، باش تېما تەربىيەسىگە قاتنىشىشتىكى ھاسىلات - تەسىراتىنى سۆزلەش، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش جەھەتتىكى پەرق، يېتەرسىزلىكلەرنى سۆزلەش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى ۋە پىكىر - تەكلىپلەرنى سۆزلەش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش - مۇھاكىمە قىلىش جەريانىدا تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ تېپىپ چىقىلغان مەسىلىلەر، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەر، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر، سىردىشىش - سۆزلىشىشتە كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەر قاتارلىقلارنى سىستېمىلىق رەتلەپ چىقىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆزىتىش - تەكشۈرۈش، كادىرلارنى تەكشۈرۈش، خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ باھالاش جەريانىدا ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر ۋە كۆرسەتكەن پىكىرلەر، ئالدىنقى يىللىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ۋە كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈزىتىشكە تېگىشلىك، ئەمما جايىدا تۈزىتىلمىگەن مەسىلىلەرنى رەتلەپ جەملىشى كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش ئاساسىدا، ئەينەككە قاراش، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈش، يۇيۇنۇش، داۋالىنىش تەلىپى بويىچە، «ئىتتىپاقلىق − تەنقىد − ئىتتىپاقلىق» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك بولغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن، پارتىيەگە، كەسىپكە، يولداشلارغا، ئۆزىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قورالىنى ئېلىپ، ئاكتىپ، ساغلام ئىدىيەۋى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيە ۋە سىياسىيدىكى چاڭ - توزانلارنى تازىلاپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ خاتالىقىنى تۈزىتىش، كۈنسېرى ئىلگىرىلەش، كۈنسېرى يېڭىلاش كېرەك. ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتا ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا، كەمچىلىكى، ئەيىبىنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئادەمنى كۆرۈش، ئىشنى بىلىش، ئىدىيەنى تونۇش كېرەك. ئۆزئارا تەنقىد قىلىشتا مەسىلىنى ھەقىقىي كۆرسىتىپ، ھەقىقىي مەسىلىنى كۆرسىتىپ، يۈزنى قىزارتىش ۋە تەرلىتىش، زەھەرنى ھەيدەپ كېسەل داۋالاش ئۈنۈمىگە يېتىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدىن كېيىنكى مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىش كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش داۋامىدا تېپىپ چىقىلغان مەسىلىلەر ۋە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ھەمدە ئۆزئارا تەنقىد قىلىشتىكى پىكىرلەرگە ئاساسەن، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزىتىش ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۆز سۆز پېتى، ئىش ئىش پېتى قېلىشنىڭ، سوئاللا چىقىرىپ، جاۋاب بەرمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تۈزۈم ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى، چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تۈزىتىش ئەھۋالىنى مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق مەلۇم دائىرىدە پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىغا ئاشكارىلاش كېرەك. مەخسۇس تۈزەشنى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا تۈزىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشنىڭ ئاچقۇچى رەھبەرلىكتە. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇشى، ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىشى، مۇناسىۋەتسىز كىشى بولماسلىقى، چەتتە قاراپ تۇرغۇچى بولماسلىقى كېرەك. پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرى بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇپ، ئۆزى بىۋاسىتە تۇتۇپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ ياخشى ئېچىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىگە ئاساسەن، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ يىغىن لايىھەسىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئىشخانىلىرى مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، سىياسەت يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى تەشۋىق قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى