تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى تىپىك دېلو مىساللىرىنىڭ ئىبرەت قىلىش، چۆچۈتۈش رولىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىگە دائىر ئالتە تىپىك دېلو مىسالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ ئالتە تىپىك دېلو مىسالى ئايرىم - ئايرىم تۆۋەندىكىچە:

1. قاراماي شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق پارتگۇرۇپپا شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شاۋ جىڭخۇانىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش مەسىلىسى. 2013- يىلى 4- ئايدىن 2019- يىلى 2- ئايغىچە، شاۋ جىڭخۇا قاراماي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى، شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان مەزگىلدە، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن تەشكىللىگەن زىياپەت پائالىيىتىنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان ھەم ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا، مال سېتىۋېلىش كارتىسى قاتارلىق جەمئىي 27 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئالغان؛ 2018- يىلى 7- ئايدىن 8- ئايغىچە، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىشلىتىپ ساۋاقداشلىرى، دوستلىرىنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىپ، جەمئىي 2800 يۈەن ئىستېمال قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، شاۋ جىڭخۇادا يەنە باشقا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىمۇ ساقلانغان. شاۋ جىڭخۇاغا پارتىيەدە ئىككى يىل قالدۇرۇپ سىناش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى، ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتى قايتۇرۇۋېلىندى.

2. قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەلىك بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى ما جىڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىدىن سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ئاپتوموبىل ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2014- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە، چاغان قاتارلىق بايرام مەزگىللىرىدە، ما جىڭ خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 12 باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان جەمئىي 40 مىڭ 600 يۈەن قىممىتىدىكى سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئالغان؛ 2019- يىلى 2- ئايدىن 5- ئايغىچە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى ئۆزىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئارىيەتكە ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ما جىڭدا يەنە باشقا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىمۇ ساقلانغان. ما جىڭغا پارتىيەدە بىر يىل قالدۇرۇپ سىناش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى، ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتى قايتۇرۇۋېلىندى.

3. ئاپتونوم رايونلۇق يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن تارماق ئەترەت باشلىقى رۇ جىگاڭنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن بېقىش مەسىلىسى. 2019- يىلى 1- ئايدىن 3- ئايغىچە، رۇ جىگاڭ كۆپ قېتىم ئىدارىسىنىڭ ماي قاچىلاش كارتىسىنى ئىشلىتىپ، تۇغقانلىرىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلىغا ماي قاچىلاپ، جەمئىي 1495 يۈەن خىراجەت قىلغان. رۇ جىگاڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، مەمۇرىي چوڭ گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلدى، ئالاقىدار خىراجەت قايتۇرۇۋېلىندى، تۆلىتىۋېلىندى.

4. لوپ ناھىيەسى چاھارباغ يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ سابىق ساقچىخانا باشلىقى ئادىل مەتتۇرسۇننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغات بېرىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2015- يىلى 10- ئايدا، ئادىل مەتتۇرسۇن لوپ ناھىيەسى سابىق ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى مەي X (باشقا دېلودا بىر تەرەپ قىلىنغان) بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا 7200 يۈەن قىممىتىدە سوۋغاتلىق بۇيۇم بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادىل مەتتۇرسۇندا يەنە باشقا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىمۇ ساقلانغان. ئادىل مەتتۇرسۇنغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى، مەمۇرىي جەھەتتە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش جازاسى بېرىلدى.

5. گۇچۇڭ ناھىيەلىك 4- باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما ۋېنيۈەننىڭ قىزىنىڭ تويىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى. 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى، 12- كۈنى، 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى، ما ۋېنيۈەن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بىر قانچە نۇقتا، بىرقانچە جايغا بۆلۈپ قىزىنىڭ تويىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، دوست - بۇرادەرلىرى، خىزمەتداشلىرى بولۇپ جەمئىي 86 ئادەمنى تەكلىپ قىلغان، ھەم 13 مىڭ يۈەن سوۋغاتلىق پۇل ئالغان. ما ۋېنيۈەنگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتىنى تولۇق قايتۇرۇشقا بۇيرۇلدى.

6. ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس ئەركىن ئىسلامنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە، ئەركىن ئىسلام ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان مەزگىلىدە، كۆپ قېتىم باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى روزا ھېيت، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە مۇناسىۋەت باغلاش ئۈچۈن سوۋغا قىلغان جەمئىي 22 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ھاراق - تاماكا، سوۋغاتلىق پۇل قاتارلىقلارنى ئالغان؛ 2015- يىلى 5- ئايدا، ئوغلىنىڭ تويىنى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ جەمئىي 10 مىڭ يۈەن سوۋغاتلىق پۇلىنى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئەركىن ئىسلامدا يەنە باشقا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىمۇ ساقلانغان. ئەركىن ئىسلامغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتى قايتۇرۇۋېلىندى.

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقىرىقى ئالتە مەسىلە ئىچىدە، ھەم ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا چېتىلىدىغانلىرى، ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا چېتىلىدىغانلىرى بار، بەزىلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ - ئىچىشنى تەشكىللىگەن، بەزىلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئالغان، بەزىلىرى شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ھۆكۈمەت پۇلىغا باققان، بەزىلىرى ھەشەمەتچىلىك قىلىپ، پۇل - مال توپلىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىم ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىش پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن يۈزبەرگەن بولۇپ، تىپىك نەپسىنى يىغماسلىق، قولىنى تارتماسلىق قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، «تۆت خاھىش»نى تۈزەشتە ۋەزىپىنىڭ ئېغىر، يولنىڭ يىراقلىقىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرىدۇ، جەزمەن «قاتتىق» بولۇشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، ئىبرەت ئېلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىياتقا قارشى تۇرۇش، ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇش جەھەتتە «باشلامچى ياۋا غاز ئۈنۈم ئېففېكتى»نى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، داۋاملىق قاتتىق تۇتۇپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، «چارچاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى»نى قەتئىي يېڭىپ، ئىزچىل ھالدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى دەل جايىدا سۈرۈشتۈرۈپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى سىجىل ساقلىشى؛ شامالغا قارشى ھالدا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى؛ «تۆت خاھىش»نىڭ يوشۇرۇن ئۆزگىرىشىدىن ھەر ۋاقىت ساقلىنىپ، بالدۇر بايقىشى، بالدۇر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. دېلو ئارقىلىق ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سەۋەب، تۈگۈننى تەكشۈرۈپ تېپىپ، تۈزۈمدىكى يوچۇقلارنى ئېتىشى؛ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەتراپىدىكى دېلو مىساللىرىنىڭ ئىبرەت تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، «چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان» ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: قۇربان ھېيت كېلەي دەپ قالدى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى داۋاملىق يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، تەربىيە بېرىش، ئەسكەرتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بايرام مەزگىلىدە بايقالغان «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىنى تېز تەكشۈرۈپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، بايرام كەيپىياتىنى ئۈزلۈكسىز ساپلاشتۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى