تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر رىزۋانگۈل فوتوسى، خەۋىرى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قوشساتما يېزىسى سوغاقبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان «بىر چىلان، ئىككى سامساق، ئۈچ چارۋا، تۆت خاسلىق» تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئاساسەن، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىگە تېخنىكا يېتەكچىلىكى، سېتىش مۇلازىمىتى تەمىنلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.
ھازىر مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوچۇقچىلىققا تېرىلغان ئۈزۈملەر تېخى پىشمىدى، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ قوشساتما يېزىسى سوغاقبۇلاق كەنتىدىكى دېھقان خۇاڭ يېتاۋ تېرىغان بەش مو يەردىكى بالدۇر پىشىدىغان سورتلۇق ئۈزۈملەرنىڭ بازارغا سېلىنغىنىغا يېرىم ئايدىن ئارتۇق بولغان بولۇپ، بازارنى ئالدىن ئىگىلىدى.
خۇاڭ يېتاۋ كەنتتىكى ئۈزۈمچى دېھقان بولۇپ، 2014- يىلى سىرتتىن 3000 تۈپتىن ئارتۇق ئۈزۈم كۆچىتى كىرگۈزگەنىدى. بىرقانچە يىلدىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە يېتەكلىشى بىلەن، خۇاڭ يېتاۋ كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشكە ئاكتىپ قاتنىشىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈردى. ھازىر ئۈزۈمدىن مول ھوسۇل ئېلىش مەزگىلى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ ئۈزۈم ئۈزۈشىگە ياردەم بەردى ھەمدە ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى، تور قاتارلىقلار ئارقىلىق خېرىدار مەنبەسى ئىزدىشىپ بەردى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، خۇاڭ يېتاۋ ئەر-خوتۇن ئېتىزدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، ئىككىيلەن خۇشاللىقىدىن يايراپ كەتتى.
كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەجرىبە ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى خۇاڭ يېتاۋنىڭ ئۈزۈملۈكىگە بېرىپ نەق مەيداندا تېرىقچىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە پائال تەشكىللىدى.
بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى