تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تەتقىقاتتا ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى

  ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇ ۋاقتى چۈشكۈن كىشىلەرنىڭكىدىن ئۇزۇن ھەمدە سۈپىتى ياخشى بولىدىكەن.

  ئىللىنوئىس داشۆسى ئېبانا شامپېن شۆبە مەكتىپى 3500دىن ئارتۇق 32 ياشتىن 51 ياشقىچە بولغان كىشىلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن يۇقىرىقىدەك يەكۈن چىقارغان. تەتقىقاتچىلار ئالدى بىلەن تەكشۈرۈش سوئال قەغىزى تارقىتىپ، سوئال قەغىزى نەتىجىسىگە ئاساسەن تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ ئۈمىدۋارلىق دەرىجىسىگە نومۇر قويغان، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئالتە نومۇر قويغان، بۇ، ئۈمىدۋارلىق دەرىجىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 نومۇر قويغان، بۇ، ئۈمىدۋارلىق دەرىجىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئاندىن تەتقىقات ئوبيېكىتلىرى ئۇيقۇ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالدىنقى ئايدىكى ئومۇمىي ئۇيقۇ سۈپىتى ۋە ۋاقىت ئۇزۇنلۇقىغا نومۇر قويغان. تەتقىقاتچىلار تاقاشقا بولىدىغان قۇرۇلمىلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۈندە كەچتىكى ئەمەلىي ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرىنىڭ بار - يوقلۇقى، قىيىنلىق دەرىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى باھالاپ چىققان. 

     نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ ئۈمىدۋارلىق دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇش ئېھتىماللىقى شۇنچە يۇقىرىلاپ، ئۇخلاش ۋاقتى شۇنچە يېتەرلىك بولىدىكەن، بەلكىم كۈندە كەچتە ئالتە سائەتتىن توققۇز سائەتكىچە ئۇخلىيالايدىكەن. ئۈمىدسىز كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۈمىدۋار كىشىلەردە ئۇيقۇسىزلىق ئالامىتى ياكى باشقا مەسىلىلەر بولماسلىق ئېھتىماللىقى % 74 ئاشىدىكەن. 
    تەتقىقاتچىلار ئەنگلىيە «ھەرىكەت مېدىتسىناسى ژۇرنىلى»نىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ تەتقىقاتتا، گەرچە «جەمئىيەت نوپۇسشۇناسلىقى ئامىلى، سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە خامۇشلۇق ئەھۋالى قاتارلىق كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى ئويلاشقاندىمۇ، ئۈمىدۋارلىق دەرىجىسى ئۇيقۇ ئەھۋالىنىڭ كۆپ خىل ئالاھىدىلىكىگە روشەن مۇناسىۋەتلىك» بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن، مەسىلەن: ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ۋە سۈپىتى. بىراق، بۇ تەتقىقات ئىككىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن باغلىنىشلىق بولىدىغانلىقىغا چېتىلمايدىكەن. تەتقىقاتچىلار، ئۈمىدۋارلىق روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىپ، كىشىلەرنىڭ كېچىدە تېخىمۇ خاتىرجەم بولۇشىغا ياردەم بېرىشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى