تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يولى ئاسما كۆۋرۈكى يۈزىدە 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ چوڭ تۈزەش ئېلىپ بېرىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ساي يولى تېز سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئۈستىدىكى شىخۇڭ يولى ئاسما كۆۋرۈكىدە يېرىم ئايلىق تۈزەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش مەركىزى قىسمەن شەھەر يوللىرىنى رېمونت قىلىش ئارقىلىق كۈندىلىك ئاسراش ئېلىپ باردى، لېكىن ئۇزاق مۇددەت قىسمەن جايلارنىلا رېمونت قىلغاچقا، كۆۋرۈك يۈزىگە ياماق ئۈستىگە ياماق سېلىنىپ، ئومۇمىي تەكشىلىكى تۈزلەنمەي، ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تۈزەش قۇرۇلۇشىنىڭ دائىرىسى شىخۇڭ يولى ئاسما كۆۋرۈكى يىندۇ مېھمانسارىيى يول بۆلىكىدىن باشلىنىپ، ساي يولىنىڭ غەربىي يان تەرىپىدىكى قوشۇمچە يولغىچە كېلىدىكەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 915 مېتىر، تۈزەش كۆلىمى 20 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قاتناشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى ھەر كۈنى سائەت 23تىن ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت 7دىن 30مىنۇت ئۆتكىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ھەر كۈنى سائەت 23دىن 24كىچە، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن يېرىم يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىدىكەن، يەنى يولنىڭ يېرىمى يېپىق ھالەتتە ئېتىلىپ، يېرىمىدا قاتناشقا يول قويۇلىدىكەن. سائەت 24تىن ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت 7دىن 30مىنۇت ئۆتكىچە، پۈتۈن يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىدىكەن، كۈندۈزى ئاپتوموبىللار نورمال ماڭالايدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش مەركىزى پۈتۈن يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئاپتوموبىللارنىڭ شىخۇڭ يولى ئاسما كۆۋرۈكىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى باغلىما يول ئارقىلىق كۆۋرۈكتىن چۈشۈشىنى ئەسكەرتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى