تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر خې چۈنچۈەن فوتوسى، خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، چۈشتىن كېيىن قۇياش ئىللىق نۇرىنى ماناس ناھىيەسى لوتۇيى بازىرى شياجۇاڭزى كەنتىگە چاچتى، كەنت ئاھالىسى دى گۇاڭفۇ تېرىغان 280 مو يەردىكى تاتلىق يوپۇرماقلىق جۈخار گۈللىرى ياپيېشىل بولۇپ، چېكىنى كۆرگىلى بولمايتتى. كۈز كەلگەندە، ھەر مو تاتلىق يوپۇرماقلىق جۈخار گۈلىدىن ئاز دېگەندە 1500 يۈەن ساپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.
تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخارگۈلى كۆڭۈلدىكىدەك تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئايرىۋېلىنغان گلىكوزىدنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى ساخاروزىنىڭ تەخمىنەن 300 ھەسسىسىگە، ئىسسىقلىق مىقدارى ساخاروزىنىڭ 300دىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، سېمىزلىك كېسىلى بىمارلىرى ۋە دىيابېت بىمارلىرىغا ئىنتايىن ماس كېلىدىغان بولۇپ، يەنە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە بەدەننى كۈچلەندۈرۈش رولىغا ئىگە.
سانجى گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى