تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۈگۈن كەچ يامغۇر ياغىدۇ، كۈندۈزى تېمپېراتۇرا يەنىلا يۇقىرى بولىدۇ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې فوتوسى،خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا شامال چىقىپ يامغۇر ياغىدىكەن، بىراق كۈندۈزدە تېمپىراتۇرا يەنىلا يۇقىرى بولۇپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىڭ.

  بۈگۈن قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ شىمالى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40تىن يۇقىرى بولىدىكەن، تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃45 تىن يۇقىرى بولىدىكەن.

  بۈگۈن كەچ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃37، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى℃24 بولۇپ، 3 بال شامال چىقىدىكەن.

  بۈگۈن G30، G312 لىنىيەسىنىڭ تۇرپاندىن پىچانغىچە بولغان بۆلىكى، G314 لىنىيەسىنىڭ شياۋساۋخۇدىن توقسۇنغىچە بولغان بۆلەكلەردىكى قىسمەن جايلاردا تېمپېراتۇرا ℃45تىن يۇقىرى بولىدىكەن، شوپۇر ئۇستاملار ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى