تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە «يېزا ئىگىلىكى+ساياھەت» دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

 

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە 2019 جۇڭگو · بۇرۇلتوقاي خۇاڭخۇاگوۋ 3-نۆۋەتلىك ئون مىڭ مولۇق ئاپتاپپەرەس فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ۋە ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى خۇاڭخۇاگۇ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسپىلەر باغچىسىدا، 10 مىڭ مو يەردىكى ئالتۇن رەڭلىك ئاپتاپپەرەسلەر ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەر كۆز يەتكۈسىز ئاپتاپپەرەس ئېتىزىدا سەيلە قىلىپ، ئۆزگىچە سەھرا مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئاپتاپپەرەسنى تاماشا قىلىشتىن باشقا، يەنە فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى، كۈەيشەن پائالىيىتى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇپ پىيادە مېڭىش پائالىيىتى، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرى، مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، باغچە رايونىنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي بايلىقى ۋە چۆل مەنزىرىسى گەۋدىلىنىپ، باغچە رايونىنىڭ شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولغان كۆرۈنۈشى نامايان قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى