تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىشتىكى بەش چارە

1. يېمەكلىكلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش قۇتىسى ياكى يېڭى پېتى ساقلاش خالتىسىغا سېلىپ توڭلاتقۇدا ساقلاش. توڭلاتقۇدىكى يېمەكلىكلەر پۇرىقىنىڭ بىر-بىرىگە سىڭىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئوخشىمىغان تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇغا سالغاندا، ئەڭ ياخشىسى يېڭى ساقلاش خالتىسى ياكى يېڭى ساقلاش قۇتىسىغا سېلىش كېرەك.

2. مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى توڭلاتقۇدا ساقلاشتىن ئىلگىرى ياخشىلىرىنى تاللاش، ناچارلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش. كۆكتاتلارنى توڭلاتقۇغا سېلىشتىن ئىلگىرى كونا، بۇزۇلغان يوپۇرماقلىرىنى ئىلغىۋېتىپ ھەمدە پاكىز يۇيۇپ، توڭلاتقۇ مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

3. گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇغا سېلىشتىن ئىلگىرى قان دېغىنى پاكىز يۇيۇش. گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ قان دېغى ئاسانلا باكتېرىيە كۆپەيتىپ، غەيرىي پۇراق پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا، ئاۋۋال گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ قان دېغىنى پاكىز يۇيۇپ، ئاندىن يېڭى پېتى ساقلاش خالتىسىغا چىڭ ئوراپ توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش بۆلمىسىگە سېلىش كېرەك.

4. توڭلاتقۇ بوشلۇقىنى رايونغا ئايرىپ ئىشلىتىش. توڭلاتقۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەت پاكىز بولۇشى ھەمدە غەيرىي پۇراقتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئۈستىدە، خام يېمەكلىكلەرنى ئاستىدا ساقلاش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى رايونلارغا ئايرىپ ساقلاش كېرەك.

5. توڭلاتقۇنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش. توڭلاتقۇدىكى يېمەكلىكلەرنى قەرەللىك تازىلاپ رەتلەش، توڭلاتقۇنى قەرەللىك تازىلاش ئارقىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ. توڭلاتقۇنى تازىلىغاندا ئالدى بىلەن توڭلاتقۇنى توكتىن ئايرىپ بارلىق يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇدىن چىقىرىۋېلىش، ئاندىن ھۆل يۇمشاق لۆڭگىدە مەخسۇس توڭلاتقۇ تازىلاش سۇيۇقلۇقى بىلەن تۇڭلاتقۇنى سۈرتۈش كېرەك؛ تازىلاپ بولغاندىن كېيىن توڭلاتقۇنىڭ ئىچىگە كىچىك بىر قۇتا سودا قويۇپ قويغاندا، توڭلاتقۇدا غەيرىي پۇراق بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى