تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى جىن دېشۇي يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەركەز 6- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى جىن دېشۇي ۋە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. يىغىندىن بۇرۇن، يىغىنغا قاتنىشىدىغان يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قائىدىنى چۈشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچقا سېلىشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزدى.

يىغىندا چېن چۈەنگو، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، ياڭ شىن يازما سۆز تاپشۇردى. كۆپچىلىك ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تىرىشىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران - چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان، غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە قىلىپ قۇرۇشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن كۈچەش نۇقتىسى ۋە تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆگىنىشتە تەكشۈرۈش - كۆزىتىش ئارقىلىق تېپىپ چىقىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن خاتالىقنى تۈزىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا پايدىسىز بولسىلا قەتئىي ئۆزگەرتىپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتىپ، بىر دەقىقىمۇ كېچىكتۈرمەي ئۆزگەرتىپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەقلىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قەتئىي قوغداش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، باش تېما تەربىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆگىنىشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم ماقالىلىرىنى ۋاقتىدا ئىزچىل ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىش، ئۆلچەمگە توغرىلىنىش داۋامىدا پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىشنى كۈچەيتىش، سىياسىي ئاڭلىقلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، مەخسۇس تۈزىتىش، ياخشى ئۈلگە بولۇشنى باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئىشلەش، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى چىڭىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى بۇرچ - ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، توغرا تونۇش ۋە ھەرىكەت بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسىي يېتەكلەش ئىقتىدارى ۋە جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت خاھىش» «تۆت كەيپىيات»نى زور كۈچ بىلەن توسۇپ ۋە تۈزىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش كېرەك؛ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنىيىتىنى، ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك؛ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تەشكىللەش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، «ئۈچتە ئۈلگە بولۇش»نى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگاننى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.