تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلارنىڭ ئۇخلىغاندا خورەك تارتىشى بەزسىمان تەنچىنىڭ يوغىناپ قالغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن

  بالىلار ئۇخلىغاندا خورەك تارتسا، ئادەتتە «تاتلىق ئۇخلاپ» كەتتى، دەپ قارايمىز. لېكىن تېببىي مۇتەخەسسىسلەر بۇنداق قارىمايدۇ، چۈنكى بۇ بەزسىمان تەنچىنىڭ يوغىناپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل داۋالىمىغاندا، ھەتتا بالىلاردا ئەستە تۇتۇش قابىليىتى تۆۋەنلەپ كېتىش، ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستىلاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. 

  چۇڭچىڭ تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى بالىلار دوختۇرخانىسى قۇلاق، بۇرۇن، يۇتقۇنچاق، بويۇن تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياۋ خۇڭبىڭ مۇنداق دېدى: بەزسىمان تەنچە يۇتقۇنچاق تەنچىسى، ئۆسۈكچە تەنچە دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بۇرۇن، يۇتقۇنچاق قىسمىغا جايلاشقان بىر خىل لىمفا توقۇلمىسى. ياللۇغنىڭ غىدىقلىشى بىلەن بەزسىمان تەنچە يوغىناپ، بۇرۇن-يۇتقۇنچاق بوشلۇقى تارىيىپ، بالىلار ئۇخلىغاندا خورەك تارتىدىغان، ئۇيقۇسىنىڭ سۈپىتى ناچار بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

  ئەگەر بەزسىمان تەنچە يوغىناپ قېلىش كېسىلىنى ئىزچىل سوزۇپ داۋالىمىغاندا، مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەي، مېڭىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولمايدۇ، بالىلاردا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ناچار بولۇش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئۆگىنىشتە توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. «بەزسىمان تەنچە يوغىناپ كەتكەچكە، بالىلار ئۇزاق مۇددەت ئېغىزدا نەپەسلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ، شۇنداقلا يېتىلىش باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ ئۈستۈنكى ئېڭەك سۆڭىكى ئۇزىراپ، ئاستىنقى ئېڭەك، بۇرۇن-كالپۇك ئېرىقچىسى تېيىزلىشىپ، چىراي ئىپادىسى جانسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ بەزسىمان تەنچە چىرايى دەپ ئاتىلىدۇ» دېدى ياۋ خۇڭبىڭ.

  مۇتەخەسىسلەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بالىلارغا بەزسىمان تەنچە يوغىناپ كېتىش كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى يېنىكرەك بولسا، دورا بىلەن داۋالاشقا بولىدۇ. ئەگەر ئۇيقۇ جەريانىدا نەپەسلىنىش توسالغۇغا ئۇچراش، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، ئۆسۈپ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق، بەزسىمان تەنچە چىرايى قاتارلىق بىر قەدەر ئېغىر كېسەللىك ئىپادىلىرى كۆرۈلسە، ئەھۋالغا قاراپ ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالانسا بولىدۇ.

                                                           شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى