تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا رادىيو گىمناستىكىسى ئوينالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ چىمىڭ خەۋىرى): 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ 2019-يىللىق ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى تەشۋىقات-كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. تىيانشان رايونىدىكى 17 تەۋەلىك رايون باشقۇرۇش كومىتېتىغا قاراشلىق رايونلاردىكى ئورۇنلار، مەھەللە بەدەن چېنىقتۇرۇش قوشۇنى ۋە ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى ھەمدە بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 200گە يېقىن كىشى 9-يۈرۈش رادىيو گىمناستىكىسىنى مەركەزلىك ئورۇندىدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئەنئەنىۋى چامباشچىلىق، ياشانغانلار تەيجى گۇمپىسى، تەيجى يەلپۈگۈچى، ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە ئۇسسۇلى قاتارلىقلار ئورۇندىلىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشىغا پائال تۈرتكە بولدى.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى