تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

8-ئايدىكى قاناسنىڭ سىزنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل مەنزىرىسى

قاناستا ئۆتكەن دەقىقىلەر دائىم كىشىنى سېغىندۇرىدۇ

بۇ زېمىنغا كېلىڭ

قاراڭ

بۇلۇتلار ئەركىن-ئازادە

ئوت-چۆپلەر ياپيېشىل

قالغان ۋاقىتنى بۇ يەردە غەمسىز، راھەت ئۆتكۈزسە نېمىدېگەن ياخشى

فوتوگراف/Nice

ياز پەسلى شىمالىي كەڭلىك 47 گىرادۇسلۇق جايدا

سىز يەنە قانچىلىك يازغا مۇناسىۋەتلىك مۇمكىنچىلىكلەرنى ئۇچرىتالايسىز

قويۇق ئورمان قەدىمىي دەرەخ ، سىرلىق ئىپتىدائىي مەنزىرە

بۇ يەرنىڭ گۈزەللىكى قىلچە مۇبالىغىلەشمىگەن

بۇ يەر سانسىزلىغان كىشىلەر ئىنتىلىدىغان سىرلىق مەنزىرە  قاناس

بۇ يەرنىڭ تاغ ئورمىنى ياپيېشىل

قاتمۇقات ئورمان دېڭىزىدىن

سىلكىنسىلا خۇددى رەڭدارلىق تۆكۈلىدىغاندەك

بۇ يەردە ئېگىز تاغ، چىملىق بار

تۇندرا ئۈستىدە ھەرخىل گۈللەر ئۆسىدۇ

خۇددى تۇيدۇرماي يېپىپ قويۇلغان پارس گىلىمىدەك

بۇ يەردە شېنشەن كۆلى بار

ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تىك چوققا مۇقەددەس كۆل سۈيىگە قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقاندەك

خۇددى ئالقانغا ئېلىنغان بىر ئوچۇم بۇلاق سۈيىدەك

بۇ يەردە ئوخشاش كەڭلىكتىكى رايونلار بار

ئەك مۇكەممەل ساقلانغان ئىپتىدائىي ئورمان بار

قاناس باياشاتلىققا تولغان، بۈك-باراقسان،

ھەتتا بۇ يەردە دۇنيادىكى كىشىنى ئەڭ مەپتۇن قىلىدىغان كۆل بار

ئۇنىڭ «ئېغىر-بېسىقلىقى»، سۈزۈكلۈكى، گۈزەللىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ

يېشىل رەڭ پۈتكۈل تاغ ئورمانلىقنى قاپلىغىنىدا

بۇ يەرگە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە يوشۇرۇنغان بولىدۇ

بىر خىل پارلاقلىق بار ــــ

قاناستىكى يۇلتۇزلارنىڭ يىغىلىشىدىن ھاسىل بولغان ھەيۋەتلىك يۇلتۇز دەرياسى

تۈن پەردىسى يېپىلىشى بىلەن

ئاسمانغا نەزەر سالساق، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان يۇلتۇز كېچىسى دۇنيانى قاپلايدۇ

بىر خىل جەلپكارلىق بار ـــــ

قاناسنىڭ ئۈچ قولتۇقى ئارىلىقىدىكى كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان رەڭدارلىق

ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان يېشىل ئورمان، سۈزۈك دەريا

بۇ ئىككى خىل رەڭدارلىق ئارىلىشىپ

پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنى مەپتۇن قىلىدىغان تۈسكە كىرىدۇ

بەلكىم سىز تەئەججۈپلىنىشىڭىز مۇمكىن

نېمىشقا يازدا قاناسقا بارىمەن؟ دەپ

بۇ ئاڭلىماققا قىزىق نۇقتا ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ

ئەمەلىيەتتە شىمالىي كەڭلىك 47 گىرادۇستىكى قاناس ـــ

سەل قارالغان يەنە بىر خىل ياز ئېھتىماللىقى

قاناس غەربىي شىمالدىكى تاغ چوققىسىدا

ئۇ مەردانە قەد كۆتۈرۈپ، بۇ كىشىنى ئەڭ مەپتۇن قىلىدىغان پەسىلنى كۈتۈۋالىدۇ

ئۇ كىشىنى ئەڭ مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرىگە ئىگە

سىز بەلكىم پەقەت ئۇنىڭ جاراڭلىق نامىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن

ۋە بەلكىم پەقەت ئۇنىڭ ئالتۇن كۈزدىكى چۆچەك دۇنياسىنىلا كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن،

ئەمما سىز ئاخىرقى يازدا بۇ يەرنىڭ قانچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز.

بىلەمسىز؟

قاناستا بۇ كەڭلىكتىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ئىپتىدائىي ئورمانلىق بار

بۇ يەردىكى كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان ئورمان

بىر مەيدان ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز چۈشنى قالدۇرۇشقا يېتەرلىك.

(ئالتاي نۆل ئارىلىق ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى