تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئارقىلىق ئۆلكە مەركىزى بولمىغان باشقا شەھەرلەرگە بىۋاسىتە ئۇچالايسىز

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مىن) بۇ يىل، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى دۆلەت ئىچى تارماق لىنىيەسىنى كېڭەيتىشكە كۈچەپ، 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-نەنچۇڭ-خاڭجوۋ لىنىيەسى، ئۈرۈمچى-ۋەنجوۋ-ۋېنجوۋ لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى ئۆلكە مەركىزىدىن باشقا شەھەرلەرگە بارسا تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتى بار بولىدىكەن.

  8-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېچىلىدىغان ئۈرۈمچى-نەنچۇڭ-خاڭجوۋ لىنىيەسىنى بوئېئىڭ 800-737 تىپلىق ئايروپىلان ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى بىر نۆۋەتتىن ئۇچىدىكەن، پۈتۈن ئەرزان باھالىق بۆلمە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قاتناش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى 830 يۈەندىن باشلىنىدىكەن.

  بۇ لىنىيەنىڭ بېرىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى UQ2541 بولۇپ، 10:25تە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، 14:10دا نەنچۇڭ گاۋپىڭ ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ، 14:55دە نەنچۇڭ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، 17:15دە خاڭجوۋ شياۋشەن خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى UQ2542 بولۇپ، 18:25تە خاڭجوۋ شياۋشەن خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، 21:05دە نەنچۇڭ گاۋپىڭ ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ، 21:50تە نەنچۇڭ گاۋپىڭ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت 1:30دا ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كېلىدۇ.

  يېڭىدىن ئاچىدىغان يەنە بىر ئۈرۈمچى-ۋەنجوۋ-ۋېنجوۋ لىنىيەسىنىڭ بېرىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى UQ2539 بولۇپ، ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنى ئۇچىدۇ. بۇ لىنىيە 06:50تە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، 10:45دە ۋەنجوۋ ۋۇچياۋ ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ، 12:00دە ۋەنجوۋ ۋۇچياۋ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، 14:20دە ۋېنجوۋ لۇڭۋەن خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كېلىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى UQ2540 بولۇپ، 16:00دە ۋېنجوۋ لۇڭۋەن خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، 18:40دە ۋەنجوۋ ۋۇچياۋ ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كېلىدۇ، 19:40دە ۋەنجوۋ ۋۇچياۋ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ. 23:35دە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كېلىدۇ. قاتناش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە بېلەت باھاسى ئۈرۈمچىدىن ۋېنجوۋغا 1710 يۈەن، ۋېنجوۋدىن ئۈرۈمچىگە 1210 يۈەندىن باشلىنىدۇ؛ ئۈرۈمچىدىن ۋەنجوۋغا 1030 يۈەندىن، ۋەنجوۋدىن ئۈرۈمچىگە 810 يۈەندىن باشلىنىدۇ؛ ۋەنجوۋدىن ۋېنجوۋغا 410 يۈەندىن، ۋېنجوۋدىن ۋەنجوۋغا 570 يۈەندىن باشلىنىدۇ.

  «ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە دۆلەت ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنى داۋاملىق چوڭقۇر قېزىپ، تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيە ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيە تورىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ.» دېدى مەسئۇل خادىم.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى 27 شەھەردە يېڭى لىنىيە ئاچقان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئۆلكە مەركەزلىرىدىن باشقا يەنە ئايروپىلان بىلەن چىڭداۋ، ميەنياڭ، ليەنيۈنگاڭ، يەنچېڭ، شياڭياڭ، جيېياڭ، دۈنخۇاڭ قاتارلىق ئۆلكە مەركىزى بولمىغان 10دىن ئارتۇق شەھەرگە بىۋاسىتە ئۇچالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى