تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ...

     ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك: 

     1. كۈچلۈك ئاپتاپتا سىرتقا چىقماسلىق: ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ياشانغانلار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 3كىچە سىرتقا ئاز چىقىشى، دالا پائالىيىتىنى سالقىن جايدا ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

  2. سىرتقا چىققاندا كۈنلۈك تۇتۇش: ياشانغانلار سىرتقا چىققاندا ئەڭ ياخشىسى ئائىلىسىدىكىلەر ھەمراھ بولۇشى، كۈنلۈك، شىلەپە، يەلپۈگۈچ، لۆڭگە قاتارلىقلارنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇشى، يىراق سەپەرگە چىققاندا «شېدىشۈي»، «رېندەن» قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى ئېلىۋېلىشى كېرەك.

  3. ئۇسسىمىسىمۇ سۇ ئىچىش: يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا، «ئۈچ يۇقىرى» بىمارلار چوقۇم سۇ تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى، ئۇسسىمىسىمۇ دائىم سۇ تولۇقلىشى، بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماقتا شوۋىگۈرۈچ ياكى شورپا بولۇشى كېرەك.

  4. تېمپېراتۇرا ئوتتۇرىچە بولۇش: سىرتقا چىقىشتىن 10 مىنۇت بۇرۇن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېتىۋېتىش، ئۆيگە قايتقاندا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى بەك تۆۋەن تەڭشىمەسلىك، ئۆي ئىچى بىلەن سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئوتتۇرىچە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بىر سوغۇق، بىر ئىسسىق بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلارنى، بولۇپمۇ مېڭە قان تومۇرلىرىنى قايتا - قايتا تارايتىۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.  

  5. مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش: چىڭسەي، بەيخې، پەمىدۇر، خۇاڭگۇا قاتارلىق ۋىتامىن  Cمول كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندىن باشقا، يەنە كۇگۇا قاتارلىق ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق يەپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ھۆللۈكنى ھەيدەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتمىنى قايتۇرۇشقا پايدىلىق .

  6. قاتتىق تەرلىگەندە دىققەت قىلىش: مېڭە سەكتىسى كېسەللىك تارىخى بولغان بىمارلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئىپادىسىنى كۆزىتىپ تۇرۇشى، باش قېيىش، يۈرەك سېلىش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، تەرلىگەندىن كېيىن تارتىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ھۇشيار بولۇشى كېرەك؛ باش قېيىش، باش ئاغرىش، يېرىم تەرەپ ئۇيۇشۇپ قېلىش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلار كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم «ئىسسىق سەكتە»نىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى