تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى يەنە ئۈچ ماھىر قىسقارتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز خۇاڭ شىڭ خەۋىرى): 8- ئاينىڭ 6- كۈنى، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى يەنە بىر قېتىم ماھىرلارنى تەڭشىدى، جېجياڭ گۇاڭشا ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدا توپ ئوينايدىغان شىنجاڭلىق يىگىت خۇ جىنچيۇ بىلەن فۇجيەن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن چېن لىنجيەن، جېجياڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن ۋۇ چيەن كوماندىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قولى يارىلىنىپ ساقايغان رېن جۈنفېي كوماندىغا قايتىپ مەشىققە قاتناشتى.

  8- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبولى ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگىدا مۇنداق مەزمۇن تارقاتتى: بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا لوڭقىسى ئەرلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىكى كونكرېت ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ماھىرلارنى يەنە بىر قېتىم تەڭشىدى، چېن لىنجيەن، خۇ جىنچيۇ ۋە ۋۇ چيەن ۋاقتىنچە كوماندىدىن ئايرىلدى. باش تىرېنېر لى نەن ئۈچ ماھىرنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە كوماندىغا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ۋاسكېتبول ماھارىتى، ئىستىلى، روھىي ھالىتى قاتارلىقلارغا قايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  8- ئاينىڭ 31- كۈنى جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2019- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئەرلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، نەچچە كۈن ئىلگىرى، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىر يۈرۈش 20 كىشىلىك يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئامېرىكىغا بېرىپ مەشىقلىنىشتىن ئىلگىرى تۇنجى قېتىملىق ماھىر شاللاش ئېلىپ بارغانىدى. جاڭ جېنلىن، ليۇ جىشۈەن ۋە رېن جۈنفېيدىن ئىبارەت ئۈچ ماھىر شاللانغانىدى، شۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى لاس ۋىگاسقا بېرىپ، يازلىق بىرلەشمە ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى، سىتانكوۋىچ لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى، جۇڭگو كامېرون ئەرلەر ۋاسكېتبول تىركىشىش مۇسابىقىسى ۋە ياۋ مىڭ فوندى مېھىر-شەپقەت ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.

  بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە مەيدانغا چىقىش قېتىم سانى ئاز بولۇش، مەيدانغا چىققاندىن كېيىنمۇ ئىپادىسى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن ۋۇ چيەن، چېن لىنجيەننىڭ شاللىنىشى ھەيران قالارلىق بولمىدى، بىراق خۇ جىنچيۇنىڭ بالدۇر شاللىنىشى يەنىلا كىشىنى ھەيران قالدۇردى.

  ئىلگىرى دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە بەزى كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن چۈشكەن مۇسابىقىدىن قارىغاندا، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى، تاشقى لىنىيەدىن ھۇجۇم قىلىشىنىڭ تۇراقلىقلىقى ۋە مۇداپىئە كۈچى جەھەتتە مەسىلىلەر مەۋجۇت. كوماندىنىڭ ھازىرقى ماھىرلىرىدىن قارىغاندا، گو ئەيلۇننىڭ ھۇجۇم ئىقتىدارى ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارىمۇ بىر قەدەر كۈچلۈك، جاۋ رۈينىڭ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارى بىر بىرىدىن قېلىشمايدۇ، جوۋ پېڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەگە ماھىر، بۇ جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ئازراق ئىشەنچ بېغىشلىدى. بىراق ئۇلارنىڭ بەدەن ساپاسى تۆۋەنلىگەندە ياكى ھالىتى ياخشى بولمىغاندا، قايسى ماھىر تاشقى لىنىيە ھۇجۇمىنى ساقلاپ ھەمدە ھۇجۇمغا تەشكىلى جەھەتتە تەرتىپلىك باشلامچىلىق قىلالايدۇ؟ بۇ ھەل قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان مەسىلە. ھۇجۇم تەشكىللەش جەھەتتە، جاۋ جىۋېي بىلەن فاڭ شو لى نەننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ بولدى، ئەمدى باشقا ھالقىدىكى نامزاتتا چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ.

  ئەگەر لى نەن ھۇجۇمچىلارنى كەم دەپ قارىسا، جەي شياۋچۇەن بىلەن قىرانبېك ئەڭ كېيىنكى 12 كىشىلىك تىزىملىككە تاللىنىشى مۇمكىن. بىراق ئەگەر لى نەن ئابدۇسالام بىلەن جوۋ پېڭدىن ئىبارەت ئىككى ھۇجۇمچىنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇنداقتا يەنە بىر ھۇجۇمچى جەي شياۋچۇەن شاللىنىشى مۇمكىن.

  گو ئەيلۇن، جاۋ رۈي، جاۋ جىۋېي، سۈن مىڭخۇي، فاڭ شو، جەي شياۋچۇەن، قىرانبېك، ئابدۇسالام، جوۋ پېڭ، رېن جۈنفېي، شېن زىجيې، جوۋ چى، ۋاڭ جېلىن، يى جيەنليەن، قايسى ماھىر دۇنيا لوڭقىسى ئەرلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدۇ؟ بۇ جياڭسۇ كۇنشەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆت دۆلەت تەكلىپلىك مۇسابىقىسىدىن كېيىن ئايدىڭ بولىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى