تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قىزىلبايراق بازىرى دولقۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئەخمەت ئىمىننىڭ كىچىك ئاشخانىسىغا يېتىپ كېلىپ، ئاشخانىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، خىزمەت ئەترىتى شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئالدىدىكى بوش يەردىن پايدىلىنىپ كىچىك بازار قۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەرگەن. كەنت ئاھالىلىرى كىچىك بازاردا دۇكان ئېچىپ، كاۋاپ، سېرىقئاش قاتارلىقلارنى سېتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتكەن.
«بۇ يىل 5-ئايدا كىچىك بازار قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەن بۇ كىچىك ئاشخانىنى ئاچتىم، بىر كۈندە 300 نەچچە يۈەن ساپ كىرىم قىلىمەن، كۈنلىرىم تېخىمۇ خاتىرجەم ئۆتمەكتە. خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت <ئىككى كومىتېت>ىنىڭ ماڭا مۇشۇنداق بىر ياخشى پۇرسەتنى بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى ئەخمەت ئىمىن كۈلۈپ تۇرۇپ.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ئەلى ئۆمەر مۇنداق دېدى: «بىر قىسىم نامرات ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلالماسلىق ئەھۋالىغا قارىتا، خىزمەت ئەترىتى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنى ئىشىك ئالدىدا ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بەردۇق.»
(ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن گۈلسەنەم مىجىت تەمىنلىگەن)