تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئاپتونوم رايون بويىچە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى ھەقسىز يۈرىدۇ!

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر يىن يۈتىڭ ): پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشتا، ئاپتونوم رايون بويىچە يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  8-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بايرام مەزگىلىدە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 00:00دە باشلىنىپ 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 24:00دە ئاخىرلىشىدىكەن.

  ئادەتتىكى تاشيوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتى ھەق ئېلىش يولىدىن ئۆتۈش ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىپ، كارتا تارقاتماي بالداقنى كۆتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش يولغا قويۇلىدىكەن. يېپىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئايرىلىش ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىپ، ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ يۈرۈش قەغەز بېلىتى تارقىتىلىدىكەن.

  بايرام مەزگىلىدە ETC ئاپتوموبىل يوللىرىنىڭ ھەممىسى نورمال ئېچىلىپ، بىر ئاپتوموبىلنى بىر بالداقتا ئۆتكۈزۈش يولغا قويۇلىدىكەن.

  مۆلچەرلىنىشىچە، بايرام مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قاتناش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى مەخسۇس ھەقسىز يولى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى تەسىس قىلىپ، ھەق تاپشۇرىدىغان ئاپتوموبىللار بىلەن ھەقسىز يۈرىدىغان ئاپتوموبىللارنى ئاپتوموبىل يوللىرىغا بۆلۈنۈپ تەرتىپلىك يۈرۈشكە يېتەكلەيدىكەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچىلىرى، مېتېئورولوگىيە قاتارلىق تارماقلار بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، ئۆتكەنكى يىللاردىكى بايرام مەزگىلىدىكى ھەقسىز يول يۈرۈش ئەھۋالى ئارقىلىق، ئۆز تەۋەلىكىدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللارنىڭ يۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ، تاشيول بويىدىكى LED ئۆزگىرىشچان ئۇچۇر تاختىسى، قاتناش رادىيوسى قاتارلىق تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، قۇربان ھېيت مەزگىلىدىكى تاشيول قاتنىشى ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ھەقسىز يۈرۈش ۋە تاشيول قاتنىشىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا «قولايلىق، راۋان، ئازادە، مەدەنىي، ئىناق» سەپەرگە چىقىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى