8-ئاينىڭ 6-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شىشى شەھىرى جىنلىلەيسى كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنىڭ ئاشخانىسىدا، لۇ چاڭلى (ئوڭدىن ئىككىنچى) ئانىسىغا ياردەملىشىپ سەي تەييارلىماقتا. بىر ئاي بۇرۇن، لۇ چاڭلى جياڭشىدىكى يۇرتىدىن زاۋۇتقا كېلىپ، ئاتا-ئانىسى ۋە ئىنىسى بىلەن جەم بولغان.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: فۇجيەن ئۆلكىسى شىشى شەھىرىدە نۇرغۇن كىيىم-كېچەك توقۇمىچىلىق زاۋۇتى بار. يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلاردىن «كىچىك پەسىل قۇشلىرى»دەك ئاتا-ئانىسىنى كۆرگىلى كەلگەن بالىلار زاۋۇتنىڭ كۈندىلىك زېرىكىشلىك ھالىتىنى ئۆزگەرتتى، ئاقما لىنىيەدە ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئاتا-ئانىلارغا خۇشاللىق ۋە تەسەللىي ئېلىپ كەلدى.
زاۋۇتتىكى ئىشچىلار ئاساسەن «80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار» بولۇپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى، بەزىلىرى يۇرتىدا بېقىلىدۇ، بەزىلىرى شۇ جايدىكى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئاقما لىنىيە خىزمىتى ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن جەم بولۇش پۇرسىتىنى ئازايتىۋەتتى.
بالىلارنىڭ «زاۋۇتتىكى يازلىق تەتىلى» يەرلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە تەشكىلنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شىشى شەھەرلىك پارتكومىنىڭ پىدائىيلىرى زاۋۇتقا كېلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن تەقلىدىي قانات يايدۇرۇلىدىغان تەتىل مەزگىلىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ھەمراھ بولۇش تۈرى توغرىسىدا ئەھۋال ئىگىلىدى. زاۋۇت مەسئۇللىرىمۇ بۇ تۈرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى قوللاپ، بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ جەم بولۇشىغا تېخىمۇ ياخشى ئاساس سېلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيۋېي فوتوسى)
لۇ چاڭلى زاۋۇتتا ئاتا-ئانىسى بىلەن تاماق يېمەكتە.
لۇ چاڭلى زاۋۇتتا كەچلىك مۇزاكىرە قىلماقتا.
لۇ چاڭلى ئانىسىنىڭ ياردىمىدە ئۇخلاشقا تەييارلىق قىلماقتا.
لۇ چاڭلى زاۋۇتتا ئاتىسىغا ياردەملەشمەكتە.