تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې خەۋىرى، فوتوسى) خەيرلىك سەھەر، بۈگۈن (8-ئاينىڭ 8-كۈنى) 24 مەۋسۇم ئىچىدىكى 13-مەۋسۇم «باش كۈز». لېكىن بۈگۈنكى ھاۋادا كۈز پەسلىنىڭ ئازراقمۇ «پۇرىقى» يوق، يەنىلا ناھايىتى ئىسسىق.
بۈگۈن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ℃39-℃35لۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40تىن يۇقىرى بولىدۇ، تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃45قا يېتىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃36، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃24 بولىدۇ.