تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

سەنشيا «بۇلۇت ئۈستى ئايروپورتى» قۇرۇلۇش تۈرى ساھە بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىندى

 

  چۇڭچىڭ ۋۇشەن ئايرودۇرۇمى ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى (7-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، سەنشيادىكى «بۇلۇت ئۈستى ئايروپورتى» دەپ نام ئالغان چۇڭچىڭ ۋۇشەن ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇش تۈرى ساھە بويىچە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بولۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيە ئايرودۇرۇمىنىڭ يۈرۈش شارائىتىنى ھازىرلىدى. مەزكۇر ئايرودۇرۇمدا 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا قاتناش باشلىنىشىدىن ئۈمىد بار بولۇپ، شۇ چاغدا ۋۇشەن-چۇڭچىڭ، ۋۇشەن-يەنتەي قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئېچىلىدۇ.

  تاغ چوققىسىغا قۇرۇلغان چۇڭچىڭ ۋۇشەن ئايرودۇرۇمى (7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

  چۇڭچىڭ ۋۇشەن ئايرودۇرۇمىدىكى ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى ۋە يەر يۈزى ئەسلىھەلىرى (7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (سۈرەتنى چۇڭچىڭ ئايرودۇرۇمى تەمىنلىگەن)

چۇڭچىڭ ۋۇشەن ئايرودۇرۇمى ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىدا، چۇڭچىڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلاننى سىناش گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالار سىناق ئۇچۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە (4-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (سۈرەتنى چۇڭچىڭ ئايرودۇرۇمى تەمىنلىگەن)

  چۇڭچىڭ ۋۇشەن ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىۋېرسال مانېۋىر ئۆتكۈزۈلۈپ، يۈك-تاق توشۇش ئاپتوموبىلى يۈك-تاق توشۇش مانېۋىرىغا قاتناشتى(7-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (سۈرەتنى چۇڭچىڭ ئايرودۇرۇمى تەمىنلىگەن)

  چۇڭچىڭ ۋۇشەن ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىۋېرسال مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مانېۋىرغا قاتناشقان «يولۇچىلار» ۋۇشەن ئايرودۇرۇمى ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىدا تەقلىدىي ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرمەكتە (7-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان) شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (سۈرەتنى چۇڭچىڭ ئايرودۇرۇمى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : 米克古丽·纳赛尔

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش